بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年05月21日

    يۇمۇر - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    مۇھەببەت خېتى بىر يىگىت قىز دوستىغا بىر پارچە مۇھەببەت خېتى يېزىپتۇ. يىگىت قىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خەتنىڭ كەينىگە يا ئوقى ئۆتكۈزۈلگەن بىر قانچە يۈرەكنى سىزىپ قويۇپتۇ. بىر قانچە كۈندىن كېيىن قىزدىن جاۋاپ خەت كەپتۇ، خەتتە مۇنداق يېزىلغانكەن: خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، بىراق خېتىڭىزنىڭ كەينىدىكى يۈرەك كاۋىپى نېمىنى چۈشۈندۈرىدۇ. ئاپاڭ كەلگەندە بېرەي سالى تاماكا ئېلىش ئۈچۈن ئايالىدىن 10يۈەن سوراپتۇ، بىراق ھەر قانچە قىلسىمۇ ئايالى ئۇنىڭغا بىر تىيىنمۇ بەرمەپتۇ، بۇنى دادىسى كۆرۈپ قاپتۇ. دادىسى ئوغىلىنى چاقىرىپ دەپتۇ: − ھەي، سېنىڭ نەرىڭ ئوغۇل بالا، مۇشۇ يېشىڭغا كېلىپ يانچۇقۇڭدا 10 كوي پۇلۇڭ بولمىسا، سېنىڭ ئۈچۈن مەن خىجىل بوپ كېتىپ بارىمەن. بولدى خوتۇنۇڭدىن سورىما كەچتە مەن بېرەي. كەچتە سالى دادىسىدىن سوراپتۇ: − دادا پۇلنى قاچان بېرىسىز؟ − مەندە پۇل نېمە ئىش قىلىدۇ، ئاپاڭ كەلگەندە بەرمەمدىم. ئاز ئۇچرايدىغان مۇھەببەت خېتى بىر قىز يىگىتىدىن كەلگەن خەتنى دوستىغا ئوقۇپ بېرىپتۇ. خەتتە مۇنداق يېزىلغانىكەن قەدىرلىكىم، سىزنى بەكمۇ سېغىندىم، سىزنىڭ ئاشۇ ئالتۇن رەڭلىك چاچلىرىڭىزنى، بۇلاقتەك كۆزلىرىڭىزنى، ئېقىپ چۈشكەن قاڭشىرىڭىزنى، يەنە سول بېلىكىڭىزدىكى تارتۇق بىلەن 1.65سانتېمېتىر كېلىدىغان بويىڭىزنى سېغىندىم. بۇنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان دوستى قىزدىن سوراپتۇ: − بەك ياخشى يېزىپتۇ، ھە راس يىگىتىڭىز نەدە ئىشلەيدۇ. − ساقچى ئىدارىسىدە ئادەم ئىزدەش ئېلانى يازىدۇ،− دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ قىز پەرۋاسىز ھالدا.





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68