بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年06月27日

    مۇئەللىمدىن رەنجىمە - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    مۇئەللىمدىن رەنجىمە

    (مۇخەممەس)
    ئاپتۇر: ئىمىنجان كېرەم

    قېتىلمىسا سورۇنغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە،
    كېلەلمىسە تويۇڭغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە،
    بېرىلمىسە ئويۇنغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە،
    ئىگىلمىسە بويۇڭغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە،
    سېلىشتۇرۇپ يوچۇنغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

    ئاددىي بەكلا مۇئەللىم قىلالمايدۇ ھەشەمەت،
    كۆرمىسىمۇ ھالاۋەت سۆزلەپ ئۆتەر ھەقىقەت،
    يوق ئەمەستۇر مۇھەببەت سۆيگۈنىدۇر مەرىپەت،
    ئىگلمەيدۇ مۇشەققەت ھەتتا بېسىم، ئاھانەت،
    پاتسا بەزەن غەم، مۇڭغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

    ئۆمرى ئۆتەر مۇنبەردە چىنار كەبى تىك تۇرۇپ،
    كۆيۈپ ئۆزى تۈگەيدۇ يېنىپ تۇرغان شام بولۇپ،
    سىڭىپ كىرەر دىللارغا قوياش تىمسال نۇرلىنىپ،
    مېھنىتىدىن كۆچەتلەر مىۋە بېرەر تويۇنۇپ،
    بەخىت ئىزدەر بوغۇنغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

    ئىلىم ھېكمەت يار ئاڭا كۆۋرۈك سالار يولۇڭغا،
    زەپەر بىلەن ئۆرلەشكە شوتا قويار پۇتۇڭغا،
    ۋىسال تاپساڭ سەن قاچان گۈل تۇتىدۇ قولۇڭغا،
    ئۇ بىر نامسىز قەھرىمان ئېرىشمەيدۇ ئوردىنغا،
    قانات بولۇر ئويۇڭغا، مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

    تىكەن كىرسە پۇتۇڭغا كىرپىكىدە ئالار ئۇ،
    غەم چۈشكەندە بېشىڭغا مۇڭغا چوڭقۇر پاتار ئۇ،
    گەر يولۇقساڭ قۇيۇنغا ساڭا سېپىل بولار ئۇ،
    شادلىقىڭغا ھەرقاچان كۈلكە-شادلىق قوشار ئۇ،
    پۇل قوشمىسا پۇلۇڭغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

    ئۈنچە ئېلىپ دېڭىزدىن ئاسار ئۇنى بوينۇڭغا،
    يېتىش ئۈچۈن مەنزىلگە ئۈزەر باقماي ئۇپقۇنغا،
    كۈن چۈشسىمۇ بېشىڭغا بېرىپ يۈرمەس ئالدىڭغا،
    رەنجىمەيدۇ ئۇ سەندىن ئازار بەرسەڭ دىلىغا،
    تاش قويىدۇ ئۇلۇڭغا، مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

    سۆزلەپ قويسا بەزىدە ناھەقلىققا چەك قويۇپ،
    كەتمە ھەرگىز ئالدىراپ بىزار بولۇپ ھەم تويۇپ،
    يۈكسېلىدۇ ئادەملەر، ئۇ بولغاچقا شان قۇچۇپ،
    چاقنار ھەردەم گۈزەللىك بۇ ئالەمگە گۈل تولۇپ،
    كۈچ قوشىدۇ ھورۇنغا مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

    تەمە بىلەن زەررىچە مېھنىتىدىن نەپ ئالماس،
    چەكسە جاپا-مۇشەققەت مىننەت قىلىپ زارلانماس،
    ئەقىدىسى قاناتتۇر، مەنزىلىدىن ئاداشماس،
    بىر مۇقەددەس ئىنسان ئۇ، چاكىنلىق ياراشماس،
    باقار كۈلۈپ ئۇپۇققا، مۇئەللىمدىن رەنجىمە.

    مەنبەسى: خىسلەت مۇنبىرى





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68