بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年06月08日

    پارىخورلۇق تۈگەرمۇ ؟؟ - [شەخسى يازمىلىرىم]

     بۈگۈن شەبنەم مۇنبىرىنى ئارىلۋېتىپ بىر شەھەر باشلىقىنىڭ پارا ئالغانلىقى جىنايىتى ئۈچۈن تەكشۈرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم.
       يېقىندا بىزنىڭ ناھىيىدىمۇ شۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈزبەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداقراق ئىكەن:
       ناھىيىنىڭ شۇجىسى يىگەن ھۆكۈمەت پۇلى 20مىلىيۇن يۈەنگە يەتكەنمىش. بۇنى ئاڭلاپ ئويلاپ قالدىم دۆلىتىمىزدە مۇشۇنداق ئىشلار قاچانمۇ تۈگەر؟  مەن ئىلگىرى خىزمەت يۆتكەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشلارنى پۇل ئارقىلىق ھەل  قىلغىلى بۇلىدۇ دىگەن گەپكە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيتتىم، مىنىڭ قارىشىمدا ئۇنداق ئىشلار پەقەت پىرىنسىپقا ئۇيغۇن بولسىلا چۇقۇم ھەل بۇلىدۇ دەپ ئويلايتتىم. بىراق يېقىنقى بىرنەچچە يىللىق خىزمەت ۋە تۇرمۇش داۋامىدا پۇل بولمىسا بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىشنىڭ ناھايتى مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. مەسىلەن: باشقا بىر ۋىلايەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر دوستۇم ئۆز يۇرتىغا يۆتكىلىپ كىلىش ئۈچۈن ساق ئىككى يىل يانچۇق قۇرۇق ھالدا يول ماڭغان بىراق ھەل بولمىغان، ئاخىرىدا بانكىدىن 40000يۈەن خەلق پۇلى قەرز ئېلىپ ئەشۇ پۇل بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ گەلگەنلىكىنى ئۆز ئاغىزىدىن ئاڭلىدىم. توۋا دەيمەن، بۇرۇنقى زامانلاردا خېشىنغا ئوخشاش پارىخورئەمەلدارلارنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلىغان، مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇنداق كىشىلەر يەنە بارئىكەن. ھۆكۈمەت پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تۈزسە بۇنى يەنە شۇ پارىخور ئەمەلدارلار ئىجرا قىلىدىغان تۇرسا.   مىنىڭچە بۇ پارىخورلۇق مەڭگۈ تۈگۈمىگۈدەك.....





    评论

  • پارىخورلۇق خۇددى چاڭ-توزانغا ئوخشاش جاھاننى قاپلاپ كەتتى دىسىلە. پارا دىگەن خۇددى قۇرۇتقا ئوخشاش ئاستىرىتتىن مىدىرلاپ ئەمەلدارلارنى جىم تۇرغۇزمايدۇ، پارىخور ئەمەلدارلارمۇ شۇ قۇرۇتنىڭ ئۆزى.
darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68