-
2009年05月24日
چۈش تەبىرى!!
بىلىڭ ۋە ئاگاھ بولۇڭكى تارىخ يازغۇچى ۋە رىۋايەتچىلەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , ھەزرىتى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام چۈش تەبىرىدىن قالدۇرغان رىۋايەتكە ئېيتىپدۇركى , ھەر كىشى بىرەر چۈش كۆرسە چۈشىگە تەبىر بەرگۈچى ياخشىلىققا تەبىر بەرسۇن يامانلىققا تەبىر بەرمىسىۇن .
1. ھەركىمنىڭ ئۆيى تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ تۆۋەن تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە قىز پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ قىبلە تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئاتا تەرەپكە , شەرق تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئانا تەرەپكە خەتەر يېتەر ، تورۇس ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئۆينىڭ چوڭىغا خەتەر يېتەر .
2. قەبرىستاندا يۈرۈپ چۈش كۆرسە گۇناھى ئازلىغان بولۇر .
3. مەسجىدنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇدانىڭ خەزىنىسىدۇر .
4. مەسجىددە ناما ز ئوقۇپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر
5. چوڭ دەرەخ يىقىلىپ چۈش كۆرسە شۇ جاينىڭ چوڭىغا خەتەر يىتەر .
6. كۆچەت قويۇپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي .
7. تاغدا يۈرۈپ تاغنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىززەت ۋە ھۆرمەتلىك بولغاي .
8. ئوتنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر .
9. تۈتۈن ئىسىنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئازاپقا گىرىپتار بولۇر .
10. ئوتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىناما ز بىلەن دوست بولۇر .
11.ئانارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىر يەردىن سوغات خەۋىرى كېلۇر .
12. بىيە كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر .
13. ئىشەكتىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە ئۆزىگە زىياندۇر .
14. تۆمۈر ئەسۋاب كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى كۆپ بولۇر .15. قامچا كۆرۈپ چۈش كۆرسە چوكان ئالۇر .
16.ئىت قاۋاپ چۈش كۆرسە دۈشمەن قەسىت قىلۇر .
17. ئىلان ھەم دۈشمەن سۈرىدۇر .
18. ئاق ئىلان مۇسۇلماندۇر .
19.قارا ئىلان دۈشمەن سۈرىدۇر .
20. چاشقان ئوغرى سۈرىدۇر .
21. توشقان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت نىسىپ بولۇر .
22. قاغا قىچقىرىپ چۈش كۆرسە قۇرقۇنچلۇق خەۋەر كېلۇر .23. پاختەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .
24. قۇشقاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمكىن بولۇر .
25. كەپتەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى ئالىم بولۇر .
26. لاچىن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى باتۇر بولۇر .
27. دەمدەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە شۇ جايدىن قۇرئان ئاۋازى ئۈزۈلمەس .
28. تورغاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولغاي .
29. سېغىزخان كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھارامخۇر بىلەن دوست بولۇر .
30. بۇلبۇل كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى نەغمىچى بولۇر .31. قالغاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى راسىت سۆزلۈك بولۇر .
32. ھۆپۆپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى بېخىل بولۇر .
33.ئاسمانغا ئۇچۇپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر .
34. يەر ياقىلاپ چۈش كۆرسە ياكى ئۇچۇپ يىقىلىپ چۈش كۆرسە سەپەردە خەتەرگە ئۇچرار .
35. ئېگىز ئۇچۇپ چۈش كۆرسە سەپىرى سالامەت بولۇر .
36. كەتمەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر .
37. ئارا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .
38. خامان تېپىپ چۈش كۆرسە خەلىققە باش بولۇر .
39. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋان بولۇر .
40. كېيىكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نېمەتكە داخىل بولۇر .
41. كالا قوغلاپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلارنىڭ نەزىردىن يېقىلۇر
42. كالا بوغۇزلاپ چۈش كۆرسە يۇرتىغا خەتەر يېتەر .43. كالا گۆشى تەقسىم قىلىپ چۈش كۆرسە ئۆي سەرەمجانلىرى تەقسىم قىلىنۇر .
44. قوي گۆشى تەقسىم قىلىنىپ چۈش كۆرسە تەقسىم نۆۋىتى كېلۇر .45. پاقلان كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى يىتىم قالۇر .
46. ئۆچكە جىننىڭ سۈرىدۇر .
47. ئوغلاقنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەككار پەرزەنت كۆرەر .
48. مال بېقىپ چۈش كۆرسە خەلىققە باشلىق بولۇر .
49. تۆگە قوغلاپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالارنىڭ غەزىۋىگە ئۇچرار .
50. تۆگە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر .
51. مىكيان كۆرۈپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر ياكى ئەرگە تېگەر .
52. تۇخۇم يەپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرمەس .
53. تۇخۇم چېقىلىپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى تۇرماس .
54. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر .
55. ئىت قەسىت قىلىپ چۈش كۆرسە دۈشمەن سۈرىدۇر .
56. شەھەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر .
57. چوڭ بولۇپ چۈش كۆرسە رەنجىگە گىرىپتار بولۇر .
58. تارازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە داۋاگەر بولۇر .59. كۆۋرۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئابرۇيلۇق بولۇر
60. گۈلنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنام ئالۇر .
61. قورسىقى تويۇپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .62. قورسىقى ئېچىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار .
63. جامائەتلەرنى كۆرسە خۇشاللىق بولۇر .
64.بىلەيزۈكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نىكاھى مۇستەھكەم بولۇر .
65. ھارۋا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ياكى پۇتىغا ئاياق كىيىپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر .
66. قىز بالا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمۈرى ئۇزۇن بولۇر .
67. چوكان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرى ئامان بولۇر .
68. زىنا قىلىپ چۈش كۆرسە غۈسلى تاھارەت قىلىپ يۇيۇنسۇن ، مۇرادىغا يىتەر .69. ئوڭ قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە ، چەپ قولى غايىپ بولسا قىز پەرزەنتىگە خەتەر يىتەر .
70. زىكەر غايىپ بولسا پەرزەنت كۆرمەس .
71.بەدېنىگە موي چىقىپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرىغا زىيان يېتەر .
72. ئاياللار پەرجىدىن قان ئېقىپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي .
73. چوڭ - كچىك بۆلۈپ چۈش كۆرسە دۇنياسى كۆپ بولۇر .
74. ھايۋاننىڭ تېزىگىنى تېرىپ چۈش كۆرسە ئومرى مۇشەققەت بىلەن ئۆتكۈزگەي .
75. ئۆيگە كىرىپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .
76. ئۆيدىن چىقىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار .
77. ئۆيگە سۇ كىرىپ چۈش كۆرسە ئۆيگە بەركەت كىلۇر .78. ئۆيگە ئوت كېتىپ چۈش كۆرسە بەدنىيەت ئادەمگە ئۇچرار .
79. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتىۋىسى ئۆسەر .
80. دەرياغا چۈشۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .
81. كېمىگە چىقىپ چۈش كۆرسە يۈزدە يۈز مەرتىبە تاپار .
82. پاقىنى كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر .
83. بېلىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھالالدىن رىزقى كۆپ بولۇر .
84. ئات يۈگۈرتۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر .
85. ئات مېنىپ جەڭ قىلىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى بىلەن ماجرالىشىپ ئۆي بۇزۇلۇر .86. ئاتتىن يىقىلپ چۈش كۆرسە خوتۇندىن يامانلىق كىلۇر .
87. يايلا قۇيرۇقلۇق ئاتقا مېنىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى كېسەل بولۇر .
88. لەھەڭ دەم تارتىپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنئام ئالۇر .
89. ئەجدەرھا پادىشاھ سۈرىدۇر .
90. قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر .
91. توڭ قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر .
92. ئاچچىق قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە بىر كىشىدىن ئىزا - ئاھانەتكە قالۇر .
93. ئاق ئۈجمە يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر .
94. ياڭاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر .
95. كۆك ئۈزۈم يەپ چۈش كۆرسە يىغا - زارلىق بولۇر .
96. توڭ ياڭاق يامان ئەمەستۇر .
97. جۇگاز يىغى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پاراڭ جۇداغا قالۇر .
98. غەلۋىر كۆرۈپ چۈش كۆرسە ۋەيرانلىققا قالۇر .
99. ئۆتكەمە كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .
100. خوتۇن كىشى ئوغۇل تۇغۇپ چۈش كۆرسە قىزدۇر .
101. ئالما كۆرۈپ چۈش كۆرسە دېدار كۆرۈشەر .
102. چىسلا كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى دوختۇر بولۇر .
103. جىگدە كۆرۈپ چۈش كۆرسە نائەھلى بىلەن دوست بولۇر .
104. تولا يىغلاپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر .
105. گۆر كولاپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .
106. ھەرە كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىراۋدىن ئازارلىنۇر .
107. ئورۇس كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەمەلسىز پەرزەنت كۆرەر .
108. ھىندى كۆرۈپ چۈش كۆرسە قارغۇ پەرزەنت كۆرەر .
109. چېچەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى راھەتتە بولۇر .
110. شىكەر ناۋات كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇشاللىق بولۇر .
111. غەم بولۇپ چۈش كۆرسە تولا كېسەل بولۇر .
112. قاپاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەلدىن شىپا تاپار .
113. قۇلىغى گاس بولۇپ چۈش كۆرسە بەتنام سۆزدىن قۇتۇلار .
114. بوغۇز تۆگە كۆرۈپ چۈش كۇرسە جان ئالغۇچىنڭ سۈرىدۈر .
115. كەكلىك كۇرۈپ چۈش كۇرسە خۇدا جۈپ پەرزەت بېرەر .
116. قارچۇغا كۇرۈپ چۈش كۇرسە دوستى قولىغا كېلۇر .
117. سېۋەت كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتبسىدىن چۈشەر .
118. چىراق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر .
119. سۇرە پەلەقنى ئوقۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر .
120. سۈرە پەلەقنى ئوقۇپ چۈش كۆرسە سېھرى جادۇدىن قۇتۇلار .
121. سۇرە ياسىن ئوقۈپ چۈش كۆرسە خۈدا دوزاق ئازابىدىن ساقلار .
122. قۈرئان ئوقۈپ چۈش كۆرسە ياخشى كۈن كۆرەر .
123. تاھارەت ئېلىپ چۈش كۇرسە ئابروي كۆتۈلەر .
124. روھ كۈلۈپ چۈش كۆرسە ئازاپ تارتقاننىڭ سۈرىدۈر .
125. روھ دەشنام قىلىپ چۈش كۆرسە مەدەت قىلغاننىڭ سۈرى .
126. روھ ئۈرۈپ چۈش كۆرسە ساقايماس كېسەلگە قالۈر .
127. روھ ئىززەتلەپ چۈش كۆرسە ئۆز يېنىغا تارتقاننىڭ سۈرىدۈر .
128. روھ سۆزلسە راست سۆزلىگەي .
129. روھ تائام بېرىپ چۈش كۆرسە دۇئا تەلەپ قىلغاندۈر .
130. روھ تاھارەت ئېلىپ چۈش كۇرسە گۈناھى تۆكۈلەر .
131. تۈگمەن قۈرۈق چۆگىلەپ چۈش كۇرسە قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەتكە قالغاي .
132. تۈگمەندە ئۇن تارتىپ چۈش كۆرسە پۇل مالى كۆپ بولغاي , ھاجىتى راۋا بولغاي .
133. يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرسە ئەرزانچلىق بولۇر .
134. ئاپتاپ چىقىپ چۈش كۇرسە مەرتېبىلىك بولۇر .
135. كۈننى كۇرۈپ چۈش كۇرسە خۈدانىڭ جامالىدۈر .
136. كۈن تۈتۈلۈپ چۈش كۇرسە خەلق زۈلۈمدا قالغاي .
137. ئاي كۈن بىر يەردە جەم بولۈپ چۈش كۆرسە دەرىجسى كۆتۈرۈلگەي .
138. يېڭى ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي ، تولۇن ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكۈلى ئاسان بولۈر .
139. يېرىم ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە قىلغان ئىشى چالا بولغاي .
140. ئاي كۆرۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە يۈرت ئىچىدە پىتنە پاسات بولۈر .
141. يۇلتۇز كۆرۈپ چۈش كۇرسە مۈرادىغا يېتەر .
142. يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ چۈش كۆرسە قۇرۇق تۆھمەتكە يولۇقار .
143. ئۈكەي يۇلتۇزنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ساھابىلەردىن مەدەت بولۇر .
144. يۇلتۇز ئېقىپ چۈش كۆرسە بىر ئالىم ۋاپات بولۈر .
145. يەر تەۋرەپ چۈش كۆرسە گۈناھلار كۆپلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر .
146. ھاۋا گۈلدۈرلەپ چۈش كۆرسە قۇرۇق سۆزگە قالۇر .
147. چاقماق چېقىپ چۈش كۆرسە پادىشاھنىڭ ئالدىدا گۇناھقا لايىق بولۇر .
148. باش غايپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئەجىلى يېقىن بولۇر .
149. بېشىغا قېلىچ تېگىپ چۈش كۆرسە پادىشاھقا خەتەر يېتەر .
150. باش چۈشۈپ چۈش كۇرسە يېرىم ھەج ساۋابى بولۈر , قىلغان ئىشى چالا بولۇر .
151. چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە قەرزدار بولۇر .
152. كۆزى كور بولۇپ چۈش كۆرسە تىنەپ قالۇر .
153. ئايالىنىڭ چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە بەختى كېلۇر .
154. بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ چۈش كۆرسە نامەرتنىڭ قولىغا قالۇر .
155. بۇرنى پۇچۇق بولۇپ چۈش كۆرسە ئەيىبى ئاشكارا بولۇر .
评论