بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年05月02日

    قىزشوپۇر باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىغاندىن كېيىن - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    ئابتۇبۇس تاغ يۇلىنى ئەگىپ بىرخىل رىتىمدا كىتىپ باراتتى، يولوچىلار بولسا ئۇخلايدىغىنى ئۇخلاپ خىيال سۈرىدىغىنى خىيال سۈرۈپ ئولتىراتتى. پەقەت ئۈچ كىشىلا بىر نوختىغا تىكىلگەن پىتى ئاللا قانداقتۇر يامان نىيتى بىلەن شوپىر قىزغا شۆلگەيلىرىنى ئىقىتقان پىتى قاراپ ئولتىراتتى. ئۇ ئۈچى ئاخىرى شەكۋانى ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزلىرىنىڭ ھايۋان كەبى تۇرىقىنى ئاشكارلىدى، شۇنداقلا قىزغا ئابتۇبوسنى توختىتىشقا بۇيرۇق قىلدى. قىز ئىچ ئىشتىن خەۋەرسىزلا ماشىننى يولنىڭ چىتىگە توختاتتى بەلكىم ئۇ بۇ ئۈچىنى چۈشىدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك. لىكىن ئىش ئۇنداق بولمىدى ئەكىسچە بۇ ئۈچ لۈكچەك قىزغا يوقىلاڭ تەلەپلەرنى قويۇشقا باشلىدى،بۇ چاغدا ئابتۇبۇستىكىلەر سەل سەگەكلەشكەن ئىدى، بىراق ئىچكىم ئوتتۇرغا چىقىپ بۇ ئىشنى توسۇشنى خالىمىدى، بۇلارنىڭ قىلغىنىغا چىدىمىغان ئوتتۇر ياشلاردىكى بىرسى ئۇلارنى توسماقچى بولۇپ ئوتتۇرغا چۇشكەن ئىدى ،ئۈچ لۈكچەك تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئاغزى بۇرنى قانغا مىلىنىپ كەتتى. قىز مەجبۇرى ماشىندىن چۈشۇرلۈپ ئورمانلىق ئىچىگە سۆرەپ ئەكىتىلدى، يىگىت ئامالسىز لەۋلىرىنى چىشلىدى. ئۇ ماشىندىكىلەرگە شۇنداق بىر نەزىرىدە قارىۋەتتىكى خۇددى ئۇلارنى چايناپ پۇركۈۋەتكۈدەك بوپ كەتتى. يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ھېلىقى لۈكچەكلەر بىلەن كىيىملىرى يىرتىلغان قىز شوپۇر قايتىپ كەلدى. قىز ماشىنىغا چىقىپلا ، ھېلىقى ياردەم قىلغان يىگىتنى ماشىندىن چۈشۇپ كىتىشكە بۇيرۇق قىلدى، يىگىت باشتا نىمە ئۈچۈنلىكىنى ئاڭقىرالماي قالدى، قىز يەنە شۇ گەپنى قايتىلدى چۈشۇپ كەت مەن سەندەك ئادەمنى ماشىنامغا چىقارمەيمەن... ! يىگىت بۇ قىتىم سەل ئاچچىقلاندى، نىمە دىگىنىڭىز بۇ ؟ مەن ياخشى كۆڭلۈم بىلەن سىزگە ياردەم قىلسام ماڭا مۇشۇنداق جاۋاپ قايتۇرامسىز... مەن نىمە دەپ چۈشكىدەكمەن چۈشمەيمەن ،مەن تېخى چۈشىدىغان يەرگە كەلمىدىم..، قىز بۇ قىتىم تېخىمۇ قاتتىق تەلەپپۇزدا ئۇنۇڭغا بۇيرۇق قىلدى تېز چۈشۈپ كەت...!!!! بايامقى يولوچىلار ئەمدى زۇۋانغا كەلدى، يىگىت چۈشۈپ كەت دىگەندىن كىيىن چۈشۈپ كەتمەمسىز..بىز ئالدىرايمىز ۋاقتىمىزنى ئالماڭ....! بەزىلەر مەسخىرە ئارلاش يىگىتكە قارماقتا ئىدى. يەنە تېخى ھىلىقى لۈكچەكلەرنىڭ تەنە گىپى ( بۇرادەر بىز بايا بۇ قىز بىلەن ئويناپ سەل ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويدۇق شۇڭا سەن ئاستا چۈشۈپ كەتسەڭ بۇلامىكى ....تىتىقسىز كۈلۈشلەر.....) شۇنىڭ بىلەن بىر لۈكچەك ئۇنىڭ يۈك تاقىلىرىنى ئابتۇبۇستىن تاشىۋەتتى ،ئارقىدىن ئۇنىمۇ چۈشىرۋەتتى. قىز ماشىننى ئاستا قوزغىدى .ئۇ چاچلىرىنى ئوڭشىغاچ ئۈن ئالغۇنى بۇلىشىغا قۇيىۋەتتى،يول تاغلىق ئىدى ،ئالدىدا بىر ئايلانما بار ئىدى، قىزنىڭ چىرايى شۇنچىلىك تەمكىن،ئىككى قۇلى رولدا كۆزلىرىدىن ئىقتىيارسىز ياشلار چۈشىۋاتاتى، ئۇ تۇيدۇرماستىن ماشىننىڭ سۈرىتىنى ئىتتكلەتتى، ماشىنا ئوقتەك كىتىپ باراتتى ، قانداقتۇر بىر ئىشنى كۆڭلى سەزگەن بىرەيلەن (ئاستا ئەيدە...ئاستا ھەيدە....سەن نىمە قىلماقچى ) دىدى.. لىكىن قىزدىن سادا قايتمىدى، ئاپتۇبۇس شۇ ماڭغانچە تىك ياردىن ئۆزىنى ئاتتى. ئەتىسى گېزىتتە بىر ئاپتۇبۇسنىڭ تىك ياردىن چۈشۇپ كىتىپ شوپۇرۋە 13نەپەر يولوچىنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرى بىسىلدى. يىگىت گېزىتتىكى خەۋەرنى كۆرۈپ ئۈنسىز يىغلاپ كەتتى .ئۇنىڭ نىمە ئۈچۇن يىغلىغانلىقى نىمە دەپ يىغلاۋاتقىننى ئىچكىم بىلمەيتى......

    مەنبە؛توت پەدە





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68