-
2009年04月30日
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ قويۇڭ)مۇئەللىم - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ قويۇڭ)مۇئەللىم
سىزنىڭ بىزگە دەرس بىرىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق . بۇ ئۇقۇش يىلى باشلىنىشتىن بۇرۇن بىز سىزگە كۆڭۇل سۆزلىرىمىزنى ئىزھار قىلماقچىمىز ، بۇ بىر يىلدا بىز سىزدىن ياخشى تەلەم ئىلىشنى ، شۇنۇڭ بىلەن بىللە سىزنىڭمۇ بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە ئېرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز :
1.مۇئەللىم ، بىز سىزنىڭ ھېسسىياتچان بولىشىڭىزنى ، لىكىن ھېسسىيات ئۇقمايدىغان بىر ماشىنا ئادەمدەك بولىۋىلىشىڭىزنى ياقتۇرمايمىز .
2. مۇئەللىم ،سىز بىزنى خاتىرە دەپتىرىڭىزدىكى بىر نۇمۇر ئورنىدا كۆرمەي ، بىزنى بىر دوستىڭىز قاتارىدا كۆرسىڭىز .
3- مۇئەللىم ،سىز بىزنىڭ نەتىجىمىزگىلا قارىماي ، بىزنىڭ تېرىشچانلىقىمىزنىمۇ كۆرسىڭىز .
4. مۇئەللىم ،سىز بىزنىڭ قابىلىيىتىمىزگە قاراپ تەلەپ قويۇپ ، بىزنى دائىم رىقبەتلەندۇرۇپ تۇرسىڭىز .
5.مۇئەللىم ، سىز بىزنى ئۈگىنىشكە مەجبۇرى قېززىقتۇرۇپ بۇنى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور لەززەت دەپ قالماڭ ، بىز تەنتەربىگىمۇ ، ناخشا - مۇزىكىغىمۇ ...، جەمئىيەتتىكى بارلىق ئىشلارغا قىزىقىمىز .
6. مۇئەللىم ،بىز سىزنىڭ سىزنىڭلا دەرىسىڭىزنى ئەمەس ، باشقا ئۇستازلارنىڭمۇ دەرىسىنى ياخشى كۆرىمىز .
7.مۇئەللىم ، سىز بىزنىڭ ئىمتىھاننى يادىلاپ بىرىشىمىزگە ئەمەس ، بەلكى بىزنىڭ ئۇگەنگەن بىلىملىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئانالىز قىلىش ، مەسىلىلەرگە ئۆزىمىز ھۆكۇم چىقىرىشتەك بىلىملەرنى ئۈگىنىۋىلىشىمىزغا ياردەم بەرسىڭىز .
8. مۇئەللىم ،سىز بىز ئوتتۇرغا قۇيغان مەسىلىلەرنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ ، سىز بىزنىڭ سۇئاللىرىمىزنى ئاڭلاشنى خالىسىڭىزلا ، بىزمۇ سىزنىڭ دەرىسىڭىزنى قۇلاق سىلىپ پۇتۇن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاڭلايمىز .
9. مۇئەللىم ،سىز بىزگە ئادىللىق بىلەن تەلەپنى قانچىكى ئىغىر قويسىڭىز مەيلى ، لىكىن بۇ ئادىللىق كۆرۇنۇشتىلا شۇنداق بولۇپ قالمىسا ، بىز سىزنىڭ بىزگە تەلەپنى ئىغىر قويۇشىڭىزغا مۇھتاج.
10.مۇئەللىم ،- بىز بىرەر ئىشتا مەغلۇپ بولساق ، بولۇپمۇ كۆپچىلىك ئالدىدا مەغلۇپ بولساق سىز بىزگە ئىچ ئاغرىتماڭ ، بىزگە ئىچ ئاغرىتسىڭىز بىز ئۆزىمىزنى قابىلىيەتسىز ئوخشايمىز ،دەپ ئويلاپ قالىدىكەنمىز .
11.مۇئەللىم ، سىز سىنىپتا بىز بىلەن ئوخشاش بىرەر ئوقۇغۇچىنى بىزنىڭ ئۇگىنىش ئۈلگىمىز قىلىپ قويسىڭىز ، بىز ئاشۇ ئوقۇغۇچىنى ئۆچ كۆرۈپ قىلىشىمىز مۇمكىن .
12. مۇئەللىم ،ئەگەر بىز مۇ نەتىجە قازانساق سىز بىزنىمۇ باشقىلارنىڭ ئۇگىنىش ئۈلگىسى قىلىپ قويماڭ ، چۈنكى سىز بىزنى خىجىللىقتا قويىسىزمەنبە: ئۇستاز مۇنبىرى