-
2009年04月03日
يۇمۇرلار - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
يۇمۇر(1)
بىر ئادەم غەرىق مەس ھالدا دەلەڭشىپ تۇرۇپ ئاچقۇچنى ھەدەپ ئۇياق-بۇياققا تەڭلەۋاتقاندا ئۇنىڭ قوشنىسى كىلىپ قاپتۇ -دە ،ئۇنىڭدىن «بىرەر ياردەم كىرەكمۇ؟» دەپ سۇراپتۇ.
ئۇ ئادەم قوشنىسىغا «ئىشىك مىدىرلاپ پەقەتلا جىم تۇرمايۋاتىدۇ ،خاپا بولماي ئىشىكنى تۇتۇپ تۇرغان بولسىڭىز »دەپتۇ.
يۇمۇر(2)
تۈلكە بىلەن توشقان قوشنا ئىكەن ،شۇنچە يىللاردىن بىرى ھىلىگەر تۈلكە مەيلى قانداق ئاماللارنى ئىشلەتمىسۇن ،ئەقللىق توشقاننى يېۋىلىش مەقسىدىگە يىتەلمەپتۇ .ئۇ ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بىر ئامال ئويلاپ تېپىپتۇ-دە ئايالىغا :
_خوتون سەن قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ يىغلاپ تۇرۇپ ،مىنى ئۆلدى دىگىن ،ئۇلار مىنىڭ ماتەم مۇراسىمىمغا كەلگەندە ئۇلارنى تۇتۇپ يەيمىز ،بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئامال ھەم ئەڭ ياخشى پۇرسەت دەپتۇ.
چىشى تۈلكە ئىرىنىڭ ئىيىتقىنى بويىچە توشقانلارنى باشلاپ كەپتۇ. بىراق ،ئەقللىق توشقان ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ تۈلكىنى سىنىماقچى بولۇپ قەستەنگە «توۋا ،ئادەتتە تۈلكىلەر ئۆلسە ئاغزى ئىچىلىپ قالاتتى ،قوشنامنىڭ ئاغزى ئەجەپ ئىچىلىپ قالماپتۇغۇ؟»دەپتۇ.
ھىلىگەر تۈلكە«ئاپلا چاندۇرۇپ قويغان ئوخشايمەن » دەپ ئويلاپ دەرھاللا يۇمۇقلۇق تۇرغان ئاغزىنى ئىچىپتۇ .
بۇنى كۆرگەن توشقان بۇنىڭ تۈلكە قۇرغان قىلتاق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئايالىنى باشلاپ بەدەر قچىپتۇ.