word مەشغۇلاتىدىكى ئەپچىل چارىلەر
Word ھازىرغا قەدەر يېزىق بىر تەرەپ قىلىش مەشغۇلاتىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى ناھايتى كۈچلۈك . ئىشلىتىلگەن ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان تېخنىكىلىرى بار بولسىمۇ ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ناھايتى ئاددىي ھەم قولايلىق بولغان تېخنىكىلار كەڭ دائىرىدىكى ئىشلەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ھەقىقىي تۈردە قوللىنىلمىدى. شۇڭا ، كۆپچىلىككە دائىم ئىشلىتىلىدىغان قولايلىق مەشغۇلاتلاردىن بىر نەچچىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.
1. بىر قېتىمدا كۆپ ھۆججەتلەرنى ساقلاش
نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسىدە «بارلىق ھۆججگتلەرنى ساقلاش (保存全部文件)» بۇيرۇقى بار. بۇ بۇيرۇق ناھايتى قولايلىق بولۇپ ، بىر قېتىمدىلا ئېچىلغان بارلىق قوللىنىشچان پروگراممىلارغا دىسكىغا ساقلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ ، ئاندىن تېز سۈرئەتتە تاقىغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە Microsoft Word تىمۇ بۇ ئىقتىدار بار بولۇپ ، بىز پەقەت ھۆججەت ساقلايدىغان ۋاقىتتا ، «Shift» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ، ئاندىن ھۆججگتە تىزىملىكىنى ئاچساق ، ئەسلىدىكى «ساقلاش (保存)» بۇيرۇقىنىڭ «ھەممىسىنى ساقلاش(全部保存)»قا ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى باييقايمىز.
2. كۆپلىگەن ئوبيېكتلارنى تېزدىن بىرلەشتۈرۈش
Word ياكى Powerpoint تا كۆپ گرافىك سىزىش ياكى سخېمىسىنى سىزىشتا ، ئادەتتە ئۇلارنى بىر ئوبيېكت قىلىپ بىرلەشتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا بىز «Shift»كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ، تەرتىپ بويىچە ھەر گرافىكنى چېكىپ ، ئاندىن مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسساق ، تىزىملىكتىن -- بىرىكتۈرۈش(组合)-- بۇيرۇقى كۆرۈنىدۇ ، بىز بىرىكتۈرۈش بۇيرۇقىنى باسساقلا بىرىكىدۇ . لېكىن شەكىل ناھايتى كۆپ ، كىچىك بولسا، بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىشلەتكەندە ئاۋارىچىلىق بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ، شەكىللەرنىڭ سول بۇرجىكىدىن ئوڭ بۇرجىكىگىچە مائۇسنى يۆتكىسەك ، بۇ شەكىللەر تاللىنىدۇ ، ئاندىن ئوڭ كۇنۇپكىنى شەكىللەرنىڭ ئۈستىگە بېسىپ تىزىملىكتىكى بىرىكتۈرۈش بۇيرۇقىنى تاللىساقلا ، بۇ شەكىللەر بىرىكىدۇ.
3. تېز سۈرئەتتە ئالدىنقى قېتىملىق تەھرىرلىك قىلىنغان ئورۇنغا قايتىش
word تا «Shift+F5» بىرىكمە كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئالدىنقى قېتىملىق تەھرىرلىك قىلىنغان ئورۇنغا قايتقىلى بولىدۇ . ئالدىنقى قېتىملىق تەھرىرلىك قىلىنغان ئورۇندا «Shift+F5» كۇنۇپكىسىنى قايتا باسساق ، ھازىرقى تەھرىرلىك قىلىنىۋاتقان ئورۇنغا قايتىپ كېلىدۇ. ئەگەر بىز ھۆججەتنى ئاچقاندىن كېيىنلا بۇ كۇنۇپكىنى باسساق، بىزنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ھۆججەتنى ساقلاپ ئۆچۈرۈشنىڭ ئالدىدىكى تەھرىرلىك قىلىنغان ئورۇنغا يۆتكىلىدۇ.
评论
ئېلانىڭىزنى كۆرۈپ قويدۇم، قېرىندىشىم. تورتۇرايىمدا تۇنجى قېتىملىق ئېلان كىرىمىنى ئالغاندىكى تەسىراتلىرىم توغرىسىدا تېما يوللاندى، كۆرۈپ بېقىپ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى بەرگەيسىز.
ئىشلىرىڭىز داۋاملىق راۋاجلانغۇسى!