بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年03月08日

    تاماكا چەكمەڭ - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    تاماكا تەركىۋىدىكى نېكوتىن ئىنتايىن زەھەرلىك ماددا بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر قانچە مېللىگېرام ئېلىپ ، ئات ياكى كالىغا ئوكۇل قلىپ ئۇرسا بىر سائەتتىن بىر يېرىم سائەتقىچە جېنىغا زامىن بولىدۇ.
    ئادەمگە نىسبىتەن تاماكا چېكىش بولسا ، بىر نەچچە قېتىملىق باسقۇچتىن كېيىن تاماكىغا كۆنۈش ،خۇمار بولۇش شەكىللىنىدۇ.
    تۈنجى قېتىملىق باسقۇچتا چېكىشكە باشلىغاندا باشقىلارنى دوراپ چېكىدۇ.
    يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن يەنى ئىككىنجى باسقۇچتا باشقىلاردىن سوراپ چېكىدۇ.
    ئۈچۈنجى باسقۇچقا كەلگەندە زورلاپ چېكىدۇ، رەسمىي ھالدا تاماكا بىلەن چاقماقنى يېنىدا ئىلىپ يۈرىيدىغان ھالەتكە ئۆتىدۇ.

    بۇنى تاشلاشنىڭ ئاددىي يوللىرى :
    1. ئىرادىلىك بولۇڭ، ھەر قېتىم تاماكا خۇمارىڭىز تۇتقاندا ،ئۆزىڭىزگە - ئۆزىڭىز « مەن تاماكا تاشلىدىم ، ئەمدى بۇ نېجىسنى ھەرگىر ئاغىزىمغا ئالمايمەن » دەڭ.
    2. يېنىڭىزدىن تاماكا ۋە چاقماقنى ئېلىپ تاشلىۋىتىڭ، ئۆيدە ، ئىشخانىڭىزدا ، ماشىنىڭزدا تاماكا ۋە چاقماق بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.
    3.بىر مەزگىل تاماكا چېكىدىغان دوسلىرىڭىز بىلەن ئالاقىنى كېمەيتىڭ ، بولمىسا قايتا چېكىپ قىلىش ئېھتىماللىقىڭىز ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ قالىدۇ.
    4.زىيادە ئاچچىقلىنىش ۋە ياكى خوشاللىق ئالدىدا بەڭگىلەرنىڭ ئاۋال ئېسىگە كېلىدىغىنى تاماكا ، مانا مۇشۇنداق چاغدا بىرىنجى تۈردىكى سۆزنى قايتا - قايتا ئون يەتتە قېتىم تەكرارلاڭ.
    يۇقارقىلار مېنىڭ تەجىربەم خالاس ، كام قالغان جايلار بولسا تورداشلار تولۇقلاپ قويساڭلار كۆپ مېننەتدار بولىمەن.

    1 . پايدىلىق تاماكا تاشلاش ئۇسۇلنى ھازىرلاڭ .

              تاماكا ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىش ( تاماكا ، كۈلدان ، چاقماق قاتارلىقلار ) ئالدىنئالا دوسلىرىڭىزغا ۋە ئىشداشلىرىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ تاماكا تاشلىغانلىقىڭىزنى ئۇقتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىن سىزنى يېقىندىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ .

              2 . ھەمراھتىن بىرنى تېپىڭ .

              ناۋادا يېنىڭىزدا تاماكا تاشلىشىڭىزنى قوللايدىغان بىر توپ ئادەم ياكى بىرەر تەشكىلات بولسا ، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىڭ ، بىراق بۇ ئەمەلىيەتكە ئانچە ئويغۇن كەلمەيدۇ . شۇڭا سىز تاماكا تاشلاش جەريانىدا يېنىڭىزدىن ئايرىلمايدىغان ، ھەر دائىم سىزگە مەدەت بېرىپ تۇرىدىغان ، مەنىۋى جەھەتتىن سىزنى ھەقىقى قوللايدىغان ئادەمدىن بىرنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلىڭ . شۇنداق بولغاندا تاماكا تاشلاش جەريانىدا ئۆزىڭىزنى غېرىپ ھىس قىلمايسىز ھەم بىلىپ - بىلمەيلا تاماكىنى تاشلىۋېتىسىز .

              3 . ۋىتامىنC  نى ئۆزلەشتۈرۈڭ .

              تاماكا تاشلىغان بىرىنچى ھەپتىنىڭ  ئالدى - كەينىدە ، بەدەننىڭ يېتەرلىك ۋىتامىن  C  نى ئۆزلەشتۈرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، يېڭى مېۋە - چېۋە ياكى مېۋە شەربىتىنى كۆپ ئىستىمال قىلىشقا  ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم .

              4 . چېنىقىڭ .

              تاماكا تاشلاش جەريانىدا ، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن مۇھىم . تاماكا تاشلاپ بىرىنچى ھەپتىسى ئەڭ ياخشىسى ھەركەت مىقتارىنى  ئاشۇرۇڭ . شۇنى يادىڭىزدا تۇتۇڭكى ، ھەرگىز ئەتىگەندىن كەچكىچە تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا ئولتۇردىغان بەت قىلىقنى ئۆزىڭىزگە يۇقتۇرۋالماڭ .

              5 . بىر مەزگىل قەھۋەگە يېقىنى يولىماڭ .

              بۇ گەپنىڭ سىزگە يېقىش ناتايىن . مەن ئەسلى بۇ گەپنى سىزگە دېمەي دېگەن ئىدىم ، بىراق ، سىز تاماكا تاشلايدىغان دەسلەپكى چاغلاردا قەھۋە ئىچىشنى توختاتسىڭىز ، سىزگە ھەقىقەتەن پايدىسى تېگىدۇ . بىزگە مەلۈم ، تاماكا چېكىدىغانلار كوففېئىننى بىر قەدەر تېز ئۆزلەشتۈرىدۇ ، ۋاھالەنكى ، تاماكا تاشلىغاندا كوففېئىننى ئۆزلەشتۈرۈش سۆرىتى نورىمال سەۋيىگە كېلىدۇ .كوففېئىنن تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تېنىدە بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىنىپ قالغاچقا ، ئادەمنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماكا تاشلىغان مەزگىلدە بۇنداق بىئاراملىق تېخىمۇ يامان . شۇڭا ، تاماكا تاشلىغان چاغدا ئىمكان بار قەھۋە ئىچمەك .

              6 . نىكڭرېتتې ( Nicorette ) يۇمشاق كەمپۈتى ۋە تاماكا تاشلاش مەلھىمى ( Skin Patch ) نى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ .

              تېببىي پەن ماتىرياللىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان چوڭقۇر تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشچە  ،ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلاش ئۇسۇلى - دوختۇر ، پىسىخولوگ ياكى باشقا مۇتەخەسسلەردىن بۇ ھەقتە پات - پات تەلىم ئېلىپ تۇرۇش ، سۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نىكورېتتې يۇمشاق كەمپۈتى ، نىكتېن سېغىزى ياكى تېرىنى مايلايدىغان تاماكا تاشلاش مەلھىمى قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىش ئىكەن .

              نىكڭرېتتې يۇمشاق كەمپۈتىنى يەپ ئادەتلىنىش ئۈچۈن مەلۇم جەريان كېرەك . بۇ خىل كەمپۈتنىڭ غەيرى پۇرىقى بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چايناش ئۇسۇلى ئالاھىدە بولغاچقا ، بۇنىڭغا كۈنۈش سەل تەسرەك . ئەمما ياخشى يېرى بۇ خىل كەمپۈتنى يېسىڭىز ، تاماكىنى ئاغزىڭىزغا ئالغۇڭىز كەلمەيدۇ .

              نېكوتىن سېغىزى ھازىرغا قەدەر تاماكا تاشلاشتا ئۈنۈملۈك رولغا ئىگە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلانغان بىر دىنبىر دورا .

              1991 - يىلى تېرىگە سۈركەيدىغان نىكوتىن مەلھىمى نىكودېرم ( Nicoderm )  ، خابىترول ( Habitrol ) ۋە پروستېر ( Prostep ) قاتارلىقلار دۇنياغا كەلدى . بۇ دورىلارمۇ تاماكا تاشلاشتا ئۈنۈملۈك رولغا ئىگە .

              7 . ئېتىقادىڭىزنى چىڭىتىڭ .

              ئەتىگەنلىك غىزا ياكى چۈشلۈك غىزانىڭ ئالدىدا ، جىمجىت ، خالى جايدىن بىرنى تېپىپ ، ئەركىن - ئازادە 15 مىنىۇت ئولتۇرۋېلىڭ ھەم كۆزلىرىڭىزنى يۇمۇپ ، تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى قىلىڭ .

              1) << مەن ئىس - تۈتەكسىز دۇنيادا ياشاشنى ھەم ياشلىقىمنىڭ مەڭگۈ جەۋلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن >> دېگەن ئىرادىڭىزنى ئىچىڭىزدە بىر نەچچە قېتىم قايتىلاڭ .

              2) ئۆزىڭىزنى جەڭگىۋار ، چىرايىڭىزدىن نۇر يېغىپ تۇرغان ، ساغلام ، خوشال ، بەخىتلىك ھالىتىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ .

              3) كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان خىياللار كېلىپ قالسا ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلىماڭ ، ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ھەم ئېتقاد ۋە ئىرادىڭىزنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە ئەگىشىپ ، ئۇنداق خىياللار تەبىئىي ھالدا كاللىڭىزدىن چىقىپ كېتىدۇ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، تاماكا چېكىش ئادىتىڭىزنى يوقاتقۇچە ، ئىرادىڭىزنى ھەرگىزمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماڭ .

              8 . << تاماك خۇمارىڭىز تۇتۇپ كەتكەن چاغدىكى ئازاب >> قا چىداڭ .

              << ئورۇقلاش مەۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئاچلىق ئازابى >> دېگەن گەپنى ئاڭلىغانمۇ ؟ ئۇنىڭ مەنىسى ئاچلىق ئازابى يەنىلا ئورۇق ئادەم بولۇشنىڭ بەلگىسى دېگەنلىكتۈر . ئۇنداقتا ، سىز تاماكا خۇمارى پەيدا قىلغان ئازابنى بېشىڭىزدىن كەچۈرۈپ بېقىڭ !!! تاماكا خۇمارىڭىز تۇتۇپ كەتكەن چاغدىكى تىت - تىتلىق ۋە بىئاراملىقنى تاماكا تاشلاشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقنىڭ بەلگىسى ھەم تاماكا چېكىش ئادىتىڭىزنى يەڭگىللىتىشنىڭ يالدامىسى قىلىڭ . بۇ خىل ئۇسۇل << ئاچلىق ئازابى >> غا قارىغاندا تېخىمۇ رىقابەتچىلىككە ئىگە . خالىسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ ؟؟ ئۈنۈم بېرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

              9 . تاماكا خۇمارىڭىز تۇتۇپ كەتكەندە .

              تاماكا خۇمارىڭىز تۇتۇپ كەتكەندە ، تالا - تۈزىگە چىقىپ بىردەم ئايلىنىپ كېلىڭ ياكى چوڭقۇر نەپەس ئېلىشنى مەشىق قىلىڭ . مۇمكىن بولسا ئارقىدىن بىر ئىستاكان سوغوق سۇ ئىچىۋېتىڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، تاماكا تاشلاپ دەسلەپكى 3 كۈن ئىچىدە ئىنتاينى بىئارام بولىسىز ، كېيىنچە بارا - بارا ياخشى بولۇپ كېتىسىز .

              10 . تاماكا چەكمەيدىغان ئادەم بولۇڭ .

              سىز تاماكا تاشلاشقا ئىردە باغلىغان ۋە ئۇنى ئەمەليىتىڭىزدە كۆرسۈتۈشكە باشلىغان ھامان ، تاماكا چەكمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىسىز . شۇڭا ، رېستورانلاردا تاماق يېگەن ياكى قاتناشتا .......سىرتلارغا چىققاندا ، ئىسسىز رايۇنلاردا بولۇڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇكى ، سىز ھازىردىن باشلاپ ساغلام ئادەملەر قاتارىغا كىردىڭىز .
    مەنبە: جەۋلان مۇنبىرى





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68