-
2009年03月01日
دىلنار ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
ياش ئوپېراتور نىجات ئىسمايىل ۋە ئاتاقلىق ياش سەنئەتكار دىلنار ئابدۇللا. ئۇزۇن ۋاقىت كىنوچىلىق ساھەسىدە ئىشلەپ ،<<سىم -سىم يامغۇردىكى ئەسلىمە ،<<مەمەت ھەققىدە پاراڭ>>دىگەندەك كۆپلىگەن فىلىملەرنى سۇرەتكە ئالغان ياش ئوپېراتور نىجات ئىسمايىل بىلەن جۇڭگۇ ئۇسسۇلچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى،شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ
دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ئارتىسى،ئاتاقلىق ئۇسسۇل سەنئەتكارى دىلىنار ئابدۇللامۇ رومانتىك ھېسىياتقا ئىگە گۇزەل مۇھەببەت دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۇزگەن.
ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇرۇندىن يېقىن بولغاچقا ئىككىسى كىچىگىدىن باشلاپلا ئۆزئارا تونۇشاتتى 1978-يىلى دىلىنار سابىق مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا كەتتى،1981-يىلى نىجاتمۇ بېىجىڭ كىنو ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا باردى.
ئۇلار بېىجىڭدا بىر قانچە قېتىم ئۇچۇرىشىش ئارقىلىق بىر -بىرنى ياقتۇرۇپ قېلىشتى. ھەر ئىككىسى بېىجىڭدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالىجاناپلىق ۋە ۋاپادارلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان چىن مۇھەببەتنىڭ گۇزەل باھارىنى كۇتۇۋالدى ھەمدە 1987- يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۇنى ئۇرۇمچىدە بەخىتلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۇزدى.ھازىر ئۇلارنىڭ بىر جۇپ ئوماق قىزلىرى بار (چوڭىنىڭ ئىسمى ۋېنىرا ،كىچىگىنىڭ ئۇزنار) مەنبە ؛شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتىنىڭ ؛سەنئەت بېغىدىكى بىر جۇپلەر ژورنىلىدىن ئېلىندى.