بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年02月25日

    يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇتۇشىدىكى رولى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇتۇشىدىكى رولى
    ياسىنجان توخنىياز توغراق


    يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنىڭ ساپا مائارىپىدىكى رولى ناھايتى چوڭ بولۇپ، ئوقۇتۇش ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتىرىشتە بەلگىلىك رولى بار. مەن ئۇنىڭ بىر قانچە جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى ئۈستىدە كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىكەن.
    1. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ماتېماتىكا دەرسىنىڭ ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتەردى.
    يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشتىكى مول پايدىلىنىش مەنبەسى ئوقۇتقۇچىلارنى سىرىتنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش بايلىقى، سۈپەتلىك دەرس لاھىيىسى، سەرخىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە تۈرلۈك ئىلغار دەرسلىك سۈرەتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم بەردى. مەسىلەن‹‹گۇگۇ تېئورمىسى›› دېگەن دەرستە گۇگۇ تېئورمىسىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىلىش جەريانى كىرىشتۈرمە رەسەىملەرنى بىرىكتۈرۈش ئاساسىدا ناھايتى تەپسىلى ھالدا چۈشىنىشلىك ھالدا بايان قىلىنغان.‹‹ تەكشىلىكتىكى تىك بۇلۇڭلۇق كوردىنات سېسىتمىسى›› ئوقۇتۇشىدا كوردىنات سېسىتمىسىدىكى كوردىنات ئوقى يەنى، ئوردىنات ۋە ئابىسىسا ئوقلىرى ئوخشىمىغان رەڭلەر ئارقىلىق ئايرىم- ئايرىم كۆرسىتىلگەن.يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئىككى ئوقۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ماتىماتىكىسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشى بىر قەدەر قىيىن نوقتىلار بولۇپ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىسىدا ئىچكىردىكى تەرەققىي تاپقان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولۇدۇ.
    ئومۇمەن، ئوقۇغۇچىلارغا ھەركەت، تەسۋىر بىرلەشتۈرۈلگەن مۇھىت ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنىمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك ئاتالغۇ، تېئورئېما ۋە گئېومېتىريىلىك  شەكىللەرنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگىلى بولۇدۇ. مەسىلەن، چەمبەر بىلەن چەمبەرنىڭ ئورۇن مۇناسىۋىتى دېگەن دەرستە ،چەمبەر بىلەن چەمبەرنىڭ ئورۇن مۇناسىۋىتى  ھەر خىل رەڭدە سىزىلغان چەمبەرلەر، ھەركەت بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن چۈشىنىش قىيىن بولغان بىر مەسىلىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھىلاپ بەردى.
    2.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشتىكى مول ئۇچۇر مەنبەسى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېشىل چىراق ياقتى.
    ئىلگىرى پەقەت دەرسلىك كىتاپتىنلا پايدىلىنىپ دەرس تەييارلاش، باشقا پايدىلىنىش ماتىرياللىرى كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى چەكلىنىپ قالاتتى، لېكىن، ھازىر يولغا قۇيۇلىۋاتقان يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشتىكى مول ئۇچۇر مەنبەسى ئوقۇتقۇچىلارنى پايدىلىنىش ماتىرياللىرى، ئېسىل دەرس لاھىيىسى، ھەر خىل تەكرارلاش سۇئاللىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ياردەمچىسىگە ئايلاندى، ھەتتا ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىدە يولۇققان قىيىن مەسىللەرنى ئىنترنېت تورىدىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىدىغان بولدى. شۇنداقلا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇللىرىنى ئىگەللىدى. ئوقۇتقۇچىلارنى بور تۇتۇشتىن، بورنىڭ چاڭ تۇزانىدىن ئازات قىلدى.ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى ھەل قىلدى.كومپىيۇتېر ئۆگىنىش ۋە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى. قوش تىل ئوقۇتۇشى ئۈچۈن يېشىل چىراق ياقتى. بۇ ئارقىلىق ماتىماتىكا پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسى يۇقۇرى كۆتىرىلدى.
    3.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ماتېماتىكا دەرسخانا ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى مول مەزمۇن بىلەن تەمىن ئەتتى.
    ئىلگىرىكى ماتىماتىمكا ئوقۇتۇشىدا يېڭى دەرس مەزمۇنى كۆرسەتمىلىك رەسىم، دوسكا ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزى ئارقىلىق يەتكۈزىلەتتى. بەزى ئابىستىراكىت ئۇقۇملار ئاغزاكى بايان قىلىناتتى. مەسىلەن، بىر نوقتىدىن چىققان چەكسىز داۋاملاشقان تۈز سىزىق نۇر دەپ سۆزلىنىدۇ. لېكىن ئوقۇغۇچىلار بىر نوقتىدىن چىقىپ چەكسىز داۋاملاشقان نۇرنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوققا نىسبەتەن سىممىتىرىك ۋە مەركەزگە نىسبەتەن سىممىتىرىك ئېنىقلىمىلىرىدا ئۈستمۇ-ئۈست چۈشىدۇ دەپ سۆزلىنىدۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلار ئۇنى كۆرەلمەيدۇ. كونىلاردا‹‹ مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. شۇڭا، بەزى ھادىسىلەرنى ئاغزاكى بايان قىلغاندىن كۆرە .وقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوبرازلىق تەسۋىرلىسەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلىشىپلا قالماي يەنە ماتىماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغىلى بولۇدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كومپىيوتېردىن پايدىلىنى ئەمەلىي مەسىللەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولۇدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دەرسلىك ئارىسىغا تۈرلۈك بالىلار ئويۇنلىرى، تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىش خاراكتىردىكى سۈرەتلەر ۋە ناخشىلارنى كىرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىماتىكا دەرسنى كۆرسە ئاغىرىيدىغان بېشىغا شىپالىق تاپقىلى بولىدۇ.
    4.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى.
    يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىسىدىن پايدىلانغاندا، ئوقۇغۇچىلارنى دەرس مەزمۇنىدىكى ھادىسىلەرنى بىۋاستە كۈزىتىپ،قول سېلىپ ئىشلەپ، ئۆزئارا مۇلاھىزىگە يېتەكلەش،ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۇلارنى ئومۇمىيۈزلۈك ھەركەتلەندۈرۈپ،ھادىسىلەرنى كۈزىتىش قابىليىتىنى يوقۇرى كۆتىرىپ شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئەستە ساقلىنىش ئۈنىمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
    ئومۇمەن، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ماتېماتىكا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ بۇرۇچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يۈكسەك مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن، مەكتەپلەرگە سەپلەنگەن يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ئوقۇتۇشتىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى شەرت.




darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68