بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年02月25日

    سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتىلار - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ،يېتەكلىگۈچىسى .مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ تەلىم –تەربىيە ۋە باشقۇرۇش خىزمتىدىكى موھىم ياردەمچىسى .دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ،ئوقۇغۇچىلار ،ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئوتتۇرسىدىكى كۆۋرۈك .سىنىپ مۇدىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ خىل رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
    1.    ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيىۋى –سىياسىي تەربىيە ۋە ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بىرىشنى كۈچەيتىش كىرەك.سىنىپ مۇدىرى ھەرقېتىملىق سىنىپ يېغىنىغا ئەتراپلىق پىلان تۈزۈشى ،ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەننى ،خەلقنى سۆيۈش ،شۇنداقلا سوتسىيالىستىك ئەخلاق –پەزىلەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك.
    2.    سىنىپ كادىرلىرىنى سايلاش ۋە ئىلغارلارنى يېتىلدۇرۇشتە كۈچ چىقىرىش كېرەك .سىنىپ كادىرلىرىنى تاللاشتا دېمۇكراتىك بولۇش ،باشقۇرۇش ئىقدىدارىغا ئىگە ،كوللىكتىپىنى سۆيىدىغان ،ئىنتىزام ، ئەخلاقتا ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ كادىرى قىلىپ سايلاش ،مۇنەۋۋەر ،ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشتىمۇ سىنىپ كوللىكتىپى ئىچىدىكى ئىزچىل ئەلاچى ،ئۈچتە ياخشى بولۇپ كىلىۋاتقان ،ئىجادىمائىي پائالىيەتلەردە مەكتەپكە شان-شەرەپ كەلتۇرگەن ئوقۇغۇچىلارنى كوللىكتىپ ئاۋازغا قويۇپ سايلاش كېرەك .
    3.    سىنىپ مۇدىرى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك .سىنىپ مۇدىرى بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىلرىنىڭ ئورتاق مۇددىئاسى –ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ،سۈپەتنى ئۆستۇرۈش ،شۇڭا سىنىپ مۇدىرى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشقا ،تەشكىللەشكە مەسئۇل بولۇپ ، سىنىپنىڭ ئىدىيىۋى تەربىيە تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ ،ئەھۋالنى ئۆز ئارا مەلۇم قىلىپ ، ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە دەرس ۋەزىپىسىنى ماسلاشتۇرۇش لازىم .
    4. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2-دەرسخانە پائالىيتىگە قاتنىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرە ك .سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكىسىغا پايدىلىق تۈرلۈك پەن –تىخنىكا ،مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئىجدىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ ،ئۆز –ئۆزىنى تەربىيلەش ئىقدىدارىنى يېتىلدۇرۇش،ئىجادچانلىق روھى ھەم ئىجدىمائىي ئەمەليەتكە قاتنىشىش ئىقدىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك .
    مەنبە: جەۋلان مۇنبىرى





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68