بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年02月25日

    مىللىي مائارىپىزمىدىكى سۈپەت تەشۋىشى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    مەھمۇت ئىلياسنىڭ "مىللىي مائارىپنىڭ سۈپەت مەسىلىسى" ناملىق ماقالىسىگە ئىلاۋە

                                                      ئابدۇقادىر جالالىدىن

      بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى "شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى" دە داۋۇت ئوبۇلقاسىمنىڭ "ئۇيغۇر مائارىپىغا بىر دىئاگنوز" ناملىق ماقالىسى بېسىلغانىدى. ئاپتور ئۇيغۇر مائارىپىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان سەلبىي ھادىسىلەر ھەققىدە بىر قەدەر سوغۇققان پوزىتسىيىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن، ئەمەلىي كۆزىتىشلەر نەتىجىسىدە ئېرىشىلگەن ئۈمىدسىز تەسىراتلار ئىلمىي ھاۋاسى كۈچلۈك دەلىللەر ۋە تەسىراتلار بىلەن بىرلىشىپ، ئەسەردىكى "دىئاگنوز" غا خاس قىممەت ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانىدى. بۇ ماقالىگە ئىلمىي ھەۋىسى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئاز ساندىكى كىشىلەردىن باشقىلار ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. تارىخ ئىنكاسسىز ئادەملەرنىڭ سەھنىگە چىقىپ قېلىشى تۈپەيلى، ئاقىلانە ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن قۇرۇق قالىدۇ. ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتى، چۈشكۈنلۈكى ۋە خارۇ - زەبۇنلۇقىدىن يەكۈن چىقارمىغان تارىخ ئۈزلۈكسىز تراگېدىيە نەتىجىسىدە ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بىز ئەمەلىيەتنىڭ ئاسىيسى بولۇپ قالمىساقلا يۇقىرىقىدەك ئەپسۇسلۇق تارىخنىڭ مىراسخورى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

      داۋۇت ئوبۇلقاسىمنىڭ ماقالىسى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىكى ئاتالمىش ئالدىراش زامان ساھىبىلىرىنىڭ تاشتەك كاللىسى تەرىپىدىن "ئۇنتۇلۇش" قا دەپنە قىلىنىپ، ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مىللىي مائارىپىمىزھەققىدىكى يەنە بىر ماقالە بىلەن يۈز كۆرۈشۈۋاتىمىز. ئۇ بولسىمۇ مەھمۇت ئىلىياس ئەپەندىنىڭ "مىللىي مائارىپنىڭ سۈپەت مەسىلىسى" نامىدىكى سۈپەت مەرسىيىسى. مەھمۇت ئەپەندى كىشىلەرگە تونۇشلۇق ئىلياسلار جەمەتىدىكى زىيالىيلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ياشلىقى، تولۇپ تۇرغان زېھنى ساغلام، ۋۇجۇد - كۈچىنى مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ھاياتى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر مائارىپى بېسىپ ئۆتكەن مۇرەككەپ يوللارنىڭ شاھىتى بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى، نەتىجىلىرى، ھەسرەت - نادامەتلىرى ھەققىدە، جۈملىدىن كېلەچىكى ھەققىدە ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ چۇقان سېلىشى تامامەن ھەقلىق. مىللىتىمىز ھوقۇق كرىزىسىغا، ئېتىقاد كرىسىغا، ئەخلاق كرىزىسىغا گىرىپتار بولۇپ، روھىي ۋە ماددىي نامراتلىقنىڭ گىردابلىرىدا چىقىش يولى ئىزدەۋاتقان، ھەر ساھەنىڭ سەرخىللىرى بىر - بىرىنىڭ زۇۋانىنى چۈشىنەلمەي، ئارىدىكى مېخانىزملىق يۈرۈشمە ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ كۈنلەردە، ھەر كىم ئۆزى ئۈچۈن مەسئۇلىيەت بىلەن يىغلاشقا دۇچ كەلدى. شۇنداق ئىكەن، ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى مائارىپ ئۈچۈن ئاھ ئۇرماي تۇرالمايدۇ. بۇ ھەسرەت دەرۋەقە مىللىي مائارىپنىڭ سەكراتى ياكى جەسىتى ئالدىدىكى ۋىدالىشىش بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ كېسەل بىلەن چىرمالغان قامەتلىك ۋۇجۇد ئالدىدىكى ئازابلىق تۇيغۇ ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ.

      مەھمۇت ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسىنى 50 - يىللاردىن ھازىرغا قەدەر بولغان ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدىكى مۇھاكىمىلىق ئەسلىمە دېيىشكە بولىدۇ. ماقالىدىن قارىغاندا، ئۇ، مائارىپىمىزدىكى سۈپەت مەسىلىسىنى "مەكتەپ" تىن ئىبارەت ئالاھىدە جەمئىيەتنىڭ قىياپىتى نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندەك تۇرىدۇ. مۇئەللىپ مائارىپنىڭ مەكتەپ ۋە مائارىپ ئورگانلىرىدىن ھالقىغان خاراكتېر ئىنقىلابى (ئەلۋەتتە، ئەقىل ئىنقىلابى) ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلسىمۇ، ھازىرچە ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت مەركىزىي نۇقتا ئۈستىدە پىكىر قىلىشنى زۆرۈر دەپ تونۇغان بولسا كېرەك. راستىنى ئېيتقاندا، ماكان ۋە زامان بىلەن ھېسابلاشقان ئەھۋالدا، ئوبيېكتنى مۇۋاپىق تاللاش، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن مۇۋاپىق چىقىش مەسىلىسىنى ئويلاشمىسا بولمايتتى.

      مۇئەللىپ كۆرسەتكەندەك، نەچچە ئون يىللىق مائارىپ ئەمەلىيىتىدە تۈرلۈك سىياسەت - بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلدى، تۈرلۈك سىناقلار يۈرگۈزۈلدى. ھەممىسى پەقەتلا بىر خىل ئۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ چىقتى. ئەگەر بۇ جەرياندا ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇردى دېيىلسە، مۇئەييەن روھىي قاتماللىقنى يوشۇرغان ھەرخىل شوئارلار كەشىپ قىلىنىپ، مەكتەپ قورۇسىنىڭ تاملىرىغا، مائارىپ مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ ئىشخانىلىرىغا ئالاھىدە قىلىپ يېزىپ قويۇلدى، خالاس. جۇڭگو يېڭى دەۋر تارىخىدا شوئار ئىجاد قىلىش، سىياسىي ئويۇنغا قىزىقىدىغانلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولۇپ كەلدى. ئۇنى ئۆلۈك تەكرارلاش يۇقىرىغا يامىشىدىغانلارنىڭ ئارغامچىسى بولۇپ كەلدى.

      مۇئەللىپ ئاشۇ جەريانلار ھەققىدىكى بەكلا سوغۇققان قەلەم رەۋىشلىرىدە، مائارىپىمىزدىكى نازۇك بىر مەسىلىنى غىل - پال ئوتتۇرىغا قويۇپلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. قارىغاندا مۇئەللىپ مۇلاھىزە كۈچى ئۆتكۈر ئوقۇرمەنلەرنىڭ بارلىقىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىشەنسە كېرەك. مائارىپ تەرەققىياتىنى تەسۋىرلەشتە ستاتىستىكىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەر (بىزدە ستاتىستىكا روھى كەمچىل بولسىمۇ) مەزكۇر نۇقتىنى قانداق چۈشىنىدىكىن، بۇنىسى نامەلۇم، ئەمما ئۇ بىر مىللەتنىڭ مائارىپىدا يىلىككە ئوخشاش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ نېمە؟ بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مائارىپ ئىدىيىسى.

      مەشھۇر پېداگوك ئوشنىسكىينىڭ ئەسەرلىرى پېشقەدەم مائارىپچىلىرىمىزغا ناتونۇش ئەمەس. ئوشنىسكىي ئىنگلىز، گېرمان، فرانسۇز، رۇس مەكتەپلىرىنىڭ خاسلىقلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي پەرقنى شۇ مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى، دىنىي ئېتىقادى، كلاسسىكلىرى بىلەن باغلاپ ئىزاھلايدۇ. بۇ يەردىكى مىللىي پەرق، مائارىپتا نامايان بولغان مىللىي ئىدېئولوگىيىدىن ئىبارەت.

      بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى نەدىن كېلىدۇ؟ قىسقىچە ئېيتقاندا، شۇ مىللەتنىڭ ھاياتىدىن كېلىدۇ. بۇ ھايات ئۆزى تۇغۇلغان تەبىئىي مۇھىتقا يارىشا خاس ئىنكاس شەكلىگە، پىكىر يوللىرىغا، ئىزدىنىش جەريانلىرىغا تولغان بولىدۇ. بىر مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىكى تەرەققىياتلار، ئۆرپ - ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، تىلىدىكى مەنىلەر، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىدىكى مەزمۇن ۋە ۋاسىتىلەر شۇ مىللەتنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە مەيدان ھازىرلىغان تەبىئەت بىلەن ماس بولىدۇ. مىللەتلەرنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى قاراشلىرى، خۇدا ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى، تارىخىي باسقۇچلىرى، جۈملىدىن تىل ۋە ئويلاش ئۇسۇللىرى ھەرخىل بولىدۇ. ۋەھالەنكى، مىللەتلەر ئەنە شۇ كۆپ خىللىقتىن ئۆزلىرى ئىزدىگەن ئورتاقلىقنى تاپالىدى ۋە ئۇنى بۈگۈنكىدەك مۇكەممەللىككە يەتكۈزدى. تارىخ ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر ۋە ئىرقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىق ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھۆرمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىسىدا پەيدا بولدى. مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئۇسۇللار ئورتاقلىقنى پارچىلىدىكى، ھەرگىز كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتەلمىدى.

      ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىقنى ئىلگىرى سۈردى. 21 - ئەسىردە تېخىمۇ شۇنداق. لېكىن ئورتاقلىق قانداقتۇر بىرەر كۈچنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ياكى تەشكىللىشى بىلەن بولمايدۇ. ئۇ، بىرئادەم، بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ ئۆز - ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، ھۆرمەت تۇيغۇسىنىڭ تويۇنۇشىدىن كېلىدۇ. سالاپەت ۋە قەدىر - قىممەت ئىچكى ئەھۋالدىكى سالاپەت خۇددى شىرنە بىلەن سىرلاپ قويغان توڭ ئالمىغا ئوخشاش باشتا ئازراق پارقىرىسىمۇ، كېيىن سولىشىپ چېنىپ قالىدۇ. سىياسىيونلار ئۆز ئېھتىياجى ئۈچۈن بەزى ئۈلگىلەرنى تەشۋىقاتقا تايىنىپ ياساپ چىقىدۇ. ئەمما ئۇ ئۈلگىلەر توڭ ئالمىنى سىرلاش ھىيلىسىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت.

      بىزمۇ ئورتاقلىققا تەلپۈنىمىز. بىز ئورتاقلىقنى يارىتىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مول ئەنئەنىگە ئىگە خەلق. رايونىمىز تارىختا مەدەنىيەت دوقمۇشى رولىنى ئوينىغاچقا، بىزدە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بايلىقلىرى تولۇپ يېتىپتۇ. بىز 21 - ئەسىرگە دۇنيادا ئىناۋىتى بار مىللەتلەر قاتارىدا كىرىشكە ئىنتىلىمىز، چۈنكى بىز شۇنداق قىلىشقا ھەقلىق. بىز دۇنياۋى ئورتاقلىقنى پارلاق مىللىي ئۆزلۈكىمىز، ئۆزگىچە، روشەن مىللىي خاراكتېرىمىز، ئۇرغۇپ تۇرغان تالانتىمىز، مۇناسىپ تۆھپىلىرىمىز بىلەن قۇرۇپ چىقىشنى خالايمىز. مىللىي ئىناۋەتنى بىر مىللەت ئۆزى تىكلىمىسە، ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا بىرسى ئىچ ئاغرىتىپ ياكى ئادالىتىگە ئېلىپ بېرىدىغان نەرسە ئەمەس.

      بۇ يەردە شۇ نەرسە ئېنىق بولدىكى، بىر مىللەتنىڭ مائارىپى شۇ مىللەتنىڭ خاس مائارىپ ئىدىيىسى ئۈستىگە قۇرۇلمىسا، ئۇ مىللەتنىڭ مائارىپىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

      ئۇنداقتا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئىدىيىسى نېمە؟ 20 - ئەسىر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەي چىقىپ كېتىدىغان بولدى. ئەمدى بىز 21 - ئەسىر بوسۇغىسىغا كېلىپ قالدۇق. مائارىپىمىز ئاشۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلىسە ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرەلىسە، ئاندىن ئۇيغۇر مائارىپى قۇتقۇزۇپ قېلىنغان بولىدۇ. بىز بۇ يەردە شىرە ئالدىدىكى جاۋابنى ئەمەس، تارىخ ئەمەلىيىتى سۈپىتىدىكى ھايات جاۋابنى كۈتىمىز.

      ئەمدى بىز مۇنۇ مەسىلىگە كېلەيلى، ئۇيغۇر مائارىپىدا سۈپەت مەسىلىسىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ ئۇنى قانداق قىلغاندا ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ ئۇنىڭ تۈپتىن ھەل بولماسلىقىدىكى سەۋەب نەدە؟

      بىر مەسىلىگە جاۋاب بېرىشنىڭ ھەرخىل يوللىرى بولىدۇ. بۇ جاۋابلار بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، ماھىيەتتە ئاشۇ بىر مەسىلىنىڭ ئىنكاسىدىن ئىبارەت. شۇڭا ماھىيەت بىر، ئىنكاس چەكسىز بولىدۇ. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ سۈپىتىدىكى كاشىلىلارنى ئىقتىساد، تۈزۈلمە، سىياسىي قاتارلىق نۇقتىلاردىن چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. پەلسەپە، جۇغراپىيە ئامىللىرىغا باغلاپ ئىزاھلىغانلارمۇ بولدى. شەخسەن مەن مۇنداق ئىككى نۇقتىدىن چۈشىنىمەن:

      بىرى، ئۇيغۇر مائارىپى ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىدىن، پسىخىك يىلتىزىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كەتتى. مىللىي ئەخلاق ئەنئەنىمىزنىڭ مەكتەپ تەلىم - تەربىيىسىدىكى رولى جارى قىلىنمىدى. ئەكسىچە مىللىي ئۆزلۈك ۋە مىللىي ئەخلاق ئامىللىرى تاشلىۋېتىلدى.

      يەنە بىرى، مىللىي مائارىپىمىز جۇڭگو مىقياسىدا ئۇزۇن يىل داۋام قىلغان ئىدېئولوگىيە كۈرىشى ۋە ئاڭ فورمىسىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلدى. ھوقۇقچىلىق مائارىپنىڭ پۈتكۈل ئورگانىزمىنى راك ھۈجەيرىسىدەك قاپلاپ كەتتى. بىزدە بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى، بىر ياخشى ئوقۇغۇچى ياكى بىر ياخشى مائارىپ مەمۇرىي كادىرى ئاڭ فورمىسىغا سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكى بىلەن ئۆلچەندى. ئەمەلىيەتتە بۇ كۇڭزىچە ساداقەت ئىدىيىسىنىڭ زامانىۋى شەكلىدىن ئىبارەت. بۇ يەردىكى ئاڭ فورمىسى ھوقۇقنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇ ھەقتە باشقىچە قاراشتا تۇرۇپ سۆز ئېچىش ھاكىمىيەتكە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن تەڭ قارالدى. ئاڭ فورمىسى دەسلىپىدە مەلۇم بىر ئىجتىمائىي پەننىڭ مەھسۇلاتى بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئارمىيە ۋە قورال كۈچى بىلەن يەتكۈزۈلىدىغان نەرسە بولۇپ قالسا، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنى ھالاك قىلىپ تاشلايدۇ، بيۇروكراتىزمنىڭ غەپلەت ناخشىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. "بيۇروكراتىزم  بارلىق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ زىندانى" (ئېينىشتېيىن).

      جۇڭگولۇقلار ھازىرغىچە مەنسەپدار بولۇش ئۈچۈن ئوقۇپ، مەنسەپدار بولۇش ئۈچۈن ئىمتىھان بەردى. شۇڭا ئۇلار ئالدى بىلەن تۈزۈم تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئاڭ فورمىسىغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە دۇچ كەلدى ۋە شۇنداق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىجادىي روھ ئۆلدى. ھوقۇق تەمەسىدە يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ بىپايان تايانما تورى بارغانسېرى كۆلىمىنى زورايتتى. چەكلىمىسىز بەھرىمەنلىك ۋە تەڭداشسىز نوپۇز مەنىسىدىكى ھوقۇق جۇڭگو مەنىۋىيىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولۇپ قالدى.

      جۇڭگودا مائارىپ بيۇروكراتىزمنى تۈگىتىدىغان كۈچ بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ قۇۋۋەت دورىسى بولۇپ كەلدى. بىر مائارىپ ئىدارىسىدىن تارتىپ بىرەر ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىغىچە توقۇپ چىقىلغان ھوقۇق زەنجىرى ئوقۇش - ئوقۇتۇشنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى بولۇپ قالدى. ھوقۇقدارلار "ئېنىقلاش" نى مۇھىم دەپ قارايدۇ. ئەدىبلەرگە، سەنئەتكارلارغا، پائالىيەتچىلەرگە، جامائەت ئەربابلىرىغا، ھەرساھە سەرخىللىرىغا گۇمان نەزەرى بىلەن قارايدۇ. ئۆزىنىڭ ئادىتىگە مۇتلەق ئۇيغۇنلۇق مەنىسىدىكى ئېنىقلىقنى قوغلىشىدۇ، سىرلىق، بىلگىلى بولمايدىغان، غۇۋا نەرسىلەردىن قورقىدۇ. روشەنلىكنى مەقسەت دەيدۇ يۇ، بارلىق روشەنلىكنى خۇراپىيلاشتۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شەكلىگە يات بىرەر شەيئى پەيدا بولۇپ قالسا، دوزاخ سايىسىنى كۆرگەندەك جىددىيلىشىدۇ. ئۇلار چەكلەش، توسۇش، كونترول قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلارچە، دەرەخلەر تەكشى ئۆسۈشى، ئەسكەردەك تەرتىپلىك تىزىلىپ تۇرۇشى كېرەك. پاكارلىرىنى يۇلۇپ، ئېگىزلىرىنى قىرقىپ تاشلاش كېرەك. شۇ چاغدىلا بىردەك بولىدۇ.

      جۇڭگو خەلقى بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنى كۆرۈپ يەتتى. ئۆزگەرتىش سىگناللىرى تۇشمۇ تۇشتىن ياڭراپ، زىيالىيلار ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلەشتى.

      لۇشۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئادەم يەيدىغان كونا جەمئىيەتكە قاراپ: "بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار" دەپ ئازابلىق ۋارقىرىغانىدى. ليۇ شىنۋۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ لۇشۈننىڭ ساداسىنى تەكرارلىدى.

      ھازىر زىيالىيلار ۋە كادىرلاردا پېنسىيىگە چىقىشنىڭ ئالدى - كەينىدە يۈرەك كېسىلى، قان بېسىمى تۈپەيلى ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرى كۆپىيىپ كەتتى. بۇنىڭدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بار، ئەلۋەتتە. بۇ، مۇھىت، ئوزۇقلۇق تەركىبى، تۇرمۇش رىتىمى قاتارلىق ئامىللار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇش بىلەن بىرگە باشقا ئامىللارمۇ بار. ھاراق كادىرلار ئوتتۇرىسىدىكى تايانما مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشى، پۇقرالارنىڭ ئىش ھەل قىلىشىدا ئاساسلىق ئىستېمالغا ئايلاندى. گويا ھاراق ئىچىش دۆلەت كادىرلىرىغا ماتېرىيالىزملىق خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى بولۇپ قالدى، بۇ ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دائىمىي دەم ئېلىش ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ كەتتى. چەت ئەللەردە ھاراق چەكلەش قانۇنلىرى بار. بىزنىڭ تېلېۋىزورلىرىمىزدا ھاراق  ئىچىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئېلان سەنئەتلىرى كۆزىمىزگە پۇتلىشىپلا تۇرىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ دۆلىتىمىزنى ھاراق دۆلىتىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالىمىز. بىز يەنە يەيدىغان تاماقلىرىمىز، كۆكتاتلىرىمىز، ھەتتا گۆشلىرىمىزگە قەدەر ھىيلە ئىشلىتىپ، خىمىيىۋى ئوغۇت بىلەن بۇلغاپ بولدۇق. بۇ گويا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش مۇسابىقىسى يېڭى ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەندەكلا بىر ئىش.

      پسىخىكىسى بىنورمال پۇقرالار ھەققىدىكى ستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاستا بەرباتلىق، ئۆلۈۋېلىش، ھاراقكەشلىك، دورىغا خۇمار بولۇش، قان بېسىمى، روھىي جىددىيلىك قاتارلىق كېسەللىكلەر تېز كۆپىيىپ كەتتى. بۇ، يۇقىرىقىدەك ئامىللاردىن باشقا، بيۇروكراتىزم كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىي پىشكەللىك ۋە بىزارلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

      ئەجەبا، مائارىپ ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن رېئال مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرمەيدىغان نەرسىمۇ؟ ئۇ، كىشىلەرگە ئاشۇ خىل نەرسىلەردىن ساقلىنىشنى ئۆگىتىشى كېرەكقۇ؟ ئۇ، كىشىلەرنى ئۆتكۈر مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەكقۇ؟

      پۇقرالارنىڭ ساپاسى 21 - ئەسىردىكى جۇڭگو ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى پۇل تاپقان جۇڭگولۇقلار "ئاقسۆڭەك" بولۇشقا ئالدىراپ كېتىدىغان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە بىلىم جەھەتتىكى ساپاسىزلىقىنى تېزلا ئاشكارىلىدى. ئەمما شۇنى ئاقىلانىلىق بىلەن كۆرۈش كېرەككى، باي پۇقرانى ئون يىلدا ياراتقىلى بولىدۇ، ئەمما روھى كامالەتكە يەتكەن پۇقرانى يارىتىش ئۈچۈن يۈز يىلمۇ ئازلىق قىلىدۇ.

      چوقۇمكى، ئۇيغۇر مائارىپى نۆۋەتتە تېخىمۇ ئېغىر ۋەزىپىگە دۇچ كېلىدۇ. كومپيۇتېر، ئىنتېر تورى (INTERNET) ئۇچۇر مۇلازىمىتى ئەنئەنىۋى ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئاللىبۇرۇن ۋەيران قىلىپ تاشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان كرىزىسقا دۇچ كەلدى. زەھەرلىك چېكىملىك، ھاراق، مۇھىت بۇلغىنىشى، يېمەكلىك بۇلغىنىشى، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئاجرىشىشى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىسى، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىشى، ئەخلاقنىڭ ۋەيران بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار بالىلىرىمىزنىڭ قىيامىتىگە ئايلانماقتا.

      قانداق قىلىش كېرەك؟

      بۇ سوئالغا ھوقۇق ۋە نوپۇس غېمىدە يۈرگەنلەر جاۋاب بېرەلمەيدۇ، بۇ سوئالغا شەخسىي باياشاتلىق ئۈچۈن ۋىجدان - ۋۇجۇدىنى ئۆلتۈرگەنلەر جاۋاب بېرەلمەيدۇ، بۇ سوئالغا ئىلىم يولىدا ئىجتىھات قىلمىغانلار جاۋاب بېرەلمەيدۇ.

      باشقىلارنىڭ كۆز يېشى بىلەن تىرىكلىك ئېتىزىنى ئوسا قىلىدىغانلارنىڭ ئۇرۇقى ھامان پۇچەك بولۇپ چىقىدۇ. ھالال ئەقىدىسى بولمىغانلار ئۆلگەنلەردۇر. نەدىمۇ ئۆلۈكلەر تىرىكلەرنىڭ ھامىيسى بولىدىغان ئىش بولسۇن؟

      پاكىز بۇلاق سۈيى زېمىننىڭ ئەڭ تېرەن، ئەڭ قاراڭغۇ يەرلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.

    1998- يىل ئۆكتەبىر




darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68