بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年02月14日

    شىنجاڭدىكى يىشىلمىگەن سىرلار - [خەۋەرلەر]

    «چوڭ قىزىل بېلىق»نىڭ سىرى

         ئالتاي تاغلىرىدىكى قويۇق ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرى قىسمىدىكى قاناس كۆلىنىڭ مۇھىتى جىمجىت، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ئۇ تۈر بايلىقى مول، ئۆزگىچە تەبىئىي گېن ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ. 1985 – يىلى 7 – ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرى قاناس كۆلىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا «چوڭ قىزىل بېلىق»نى بايقىغان، شۇ چاغدا بۇ ئىش دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا غۇلغۇلا قوزغىغان. «چوڭ قىزىل بېلىق»قانداق قىلىپ دېڭىز يۈزىدىن 1370 مېتىر ئېگىز بولغان ئېگىز تاغ كۆلىدە پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟ ئۇلار قانداق ياشايدۇ ھەم قانداق كۆپىيىدۇ؟ بۇ سىرلار نۇرغۇن كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. قاناس كۆلىنى تەكشۈرگۈچىلەر: «مۆلچەرىمىزچە، قاناس كۆلىدىكى <چوڭ قىزىل بېلىق>نىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئادەتتە، ئۈچ – تۆت مېتىر، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون مېتىر كېلىدۇ؛ قاناس كۆلىدە بۇنداق <چوڭ قىزىل بېلىق>تىن نەچچە يۈزى بولۇشى مۇمكىن»دېگەن. شۇ يەرلىكلەرنىڭ دېيىشىچە، 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرى بىرەيلەن شۇنداق بىر چوڭ بېلىقنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ گۆشىنى 17 ئاتقا ئارتىپ ماڭغان ئىكەن، بېلىقنىڭ ساقاق قاپقىقى بىر چوڭ كورىنىڭ ئاغزىنى ياپالايدىكەن. يۇقىرىقى ئەھۋاللار قاناس كۆلىدىكى «چوڭ قىزىل بېلىق»نى تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە ئىگە قىلغان.

         «قار ئادەم»نىڭ سىرى

         دۇنيادا «قار ئادەم»مەۋجۇتمۇ؟ ھازىر«قار ئادەم»رىۋايەت تۈسىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، «قار ئادەم»ھەققىدە ھېچكىم ئېنىق دەلىل –  ئىسپاتقا ئېرىشەلمىدى ياكى دەلىل – ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. شىنجاڭدىمۇ «قار ئادەم»ھەققىدە رىۋايەتلەر تارالغان: ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرى ئۇلانباي سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇش مەيدانىدا كىشىلەر «قار ئادەم»نى ئۇچراتقان؛ 60 – يىللاردا قاراقۇرۇم تېغىدا ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى ئۆزلىرى بىلەن بىللە كېتىۋاتقان بىر نەچچە «قار ئادەم»نى ئۇچرىتىپ، ئۇلارغا ئوق ئاتقان بولسىمۇ، ئوق ئۆتمىگەن؛ 1984 – يىلى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دە، بىرەيلەننىڭ قاراقۇرۇم تېغىدا «قار ئادەم»نىڭ ئىزىنى بايقىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. شىنجاڭدا زادى «قار ئادەم»بارمۇ – يوق؟ ھازىرچە بۇ ئىشتىن خەۋەردار بىرمۇ ئادەم يوق، ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا تارقىلىپ يۈرگەن سىرلىق تېمىغا ئايلاندى.

         «كۆچمە كۆل»نىڭ سىرى

         كىشىلەر ھالاكەت رايونى، دەپ قارايدىغان لوپنۇر چۆللۈكىنىڭ مەركىزىي قىسمىدا سىرلىق بىر كۆل بولۇپ، ئۇ دۇنياغا مەشھۇر لوپنۇر كۆلىدۇر. لوپنۇر كۆلى جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامانلىرىدا «كىچىك سازلىق»، «شورلۇق»، «پىچان دېڭىزى»ۋە «كروران دېڭىزى»دەپ ئاتالغان، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن «لوپنۇر»دەپ ئاتالغان. نۇرغۇن دەريانىڭ گىرەلىشىشىدىن ھاسىل بولغان بۇ چوڭ كۆلنىڭ كونكرېت جۇغراپىيىلىك ئورنى ھەققىدە خەلقئارا جۇغراپىيە ئىلمى ساھەسىدىكىلەر يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت تالاش – تارتىش قىلدى. 20 –  ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، شۋېتسىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى سىۋېن ھېدىن (SvenHedin ) لوپنۇر كۆلىنىڭ ئېنىق ئورنىنى بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا «كۆچمە كۆل»دەپ نام بەرگەن. لوپنۇر كۆلى زادى كۆچۈپ تۇرىدىغان كۆلمۇ؟ ئۇ نېمىشقا كۆچۈپ تۇرىدۇ؟ بۇ مەسىلىگە ئىلىم ئەھلى ھازىرغىچە ئېنىق جاۋاب بېرەلمىدى.

        قۇملۇقتىكى قەدىمىي شەھەر خارابىسىنىڭ سىرى

         غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، لوپنۇر كۆلى رايونىدىكى كروران خانلىقىنىڭ پايتەختى — كروران ئەتراپى سېپىل بىلەن قورشالغان شەھەر بولۇپ، ئۇ كارۋان يولىدىكى سودا، ئىقتىساد گۈللەنگەن مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ئىدى. ئەمما مىلادىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى مەزگىللەردە نەچچە ئەسىر گۈللەنگەن مۇشۇنداق بىر ئاۋات شەھەر مىلادى 4 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تارىخ سەھىپىسىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈپ، چۆللىشىپ تاشلىنىپ كەتكەن. قۇملۇقنىڭ ئىچكىرى قىسمىدا بىر قەدىمكى شەھەر خارابىسى بولۇپ، قۇرۇپ كەتكەن نىيە دەرياسى قېنى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئارخېئولوگلار بۇ خارابىنى بايقىغاندا، ئېچىلىپ قالغان خارابىلىكتىكى رەتلىك كوچىلار، بۇزۇلماي مۇكەممەل تۇرغان تۇرالغۇلار، ياغاچ – تاشلاردىن ياسالغان توسمىلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغان؛ ئۆيدىكى سەرامجانلار،  دېھقانچىلىق سايمانلىرى، ھەتتا ئاشلىق ساقلايدىغان ئىدىشلار، ئىدىشتىكى زىرائەت ئۇرۇقلىرى ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان.  ياۋروپالىق ئېكسپېدىتسىيىچىلەر بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيران قالغان: بۇ، كىشىگە خۇددى تۇيۇقسىز ئاپەت يۈز بېرىپ، كىشىلەر كۆچۈشكە ياكى قېچىشقا ئۈلگۈرەلمەي، كۆمۈلۈپ قالغاندەك تۇيغۇ بەرگەن. ھالبۇكى، ئارخېئولوگلار نەق مەيداندىن بىرمۇ ئادەم سۆڭىكىنى بايقىمىغان. بۇنىڭغا ئوخشاش قۇملۇقنىڭ ئىچكىرى قىسمىدا كۆمۈلۈپ قالغان شەھەر خارابىلىرى ئاز ئەمەس. بۇ جايلارنىڭ بۇنداق زور كۆلەمدە خارابىلىككە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ سىرى ھازىرغىچە يېشىلمىدى. ئىلىم  – پەن خادىملىرى كۆپ خىل پەن نۇقتىسىدىن ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ «قۇملۇقنىڭ جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىشى»، «يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى»، «يىپەك يولى يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى»، «تۇپراقنىڭ شورلىشىشى»، «دەريا ئېقىنىنىڭ ئۆزگىرىشى»ۋە «كىلىماتنىڭ قۇرغاقلىشىشى»قاتارلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سەۋەبىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ.

    مەنبە : تەڭرىتاغ تورى





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68