بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年02月08日

    بىر خورازنىڭ ئۈچ مېكىياننى باھالىشى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

     يەنە يىللىق خۇلاسە ۋاقتى يېتىپ كەلدى. كاتەكلەر ئىچىدىكى بىر كاتەكنىڭ خوجىسى بولغان خوراز  تەۋەلىگىدىكى ئۈچ مېكىياننى ئايرىم - ئايرىم يىللىق باھالىدى. ئەينەن خاتىرىسى مۇنداق :
       «  ئا  » مېكىيان بۇ يىلدا گەرچە يىل بويى تۇخۇم تۇغمىغان بولسىمۇ ، لېكىن بەزى ئەتىگەنلىرى تاسادىپىي ۋاق تۇرۇپ قالغىنىمدا، ئاكتىپلىق بىلەن ماڭا ۋاكالىتەن نەچچە قېتىم ئۈنلۈك قىچقىرىپ قويغان، شۇڭا ئىلغار بولۇپ باھالاندى.
        « ب » مېكىيان بۇ يىللىق تۇخۇم تۇغۇش خىزمىتىدە گەرچە ياخشى تۇخۇملارنى تۇغالمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ناچار تۇخۇملارنى تۇغمىغان ، شۇڭا ياخشى بولۇپ باھالاندى.
        « س » مېكىيان بۇ يىل جەمئىي 364 دانە تۇخۇم تۇغقان . لېكىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2- ئاينىڭ 1- كۈنى ، 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ۋە 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنلىرى بولۇپ جەمئىي ئۈچ دانە يۇمشاق شاكال تۇخۇم تۇغقان . مەزكۇر مېكىيان تېخى ھەر قېتىم تۇخۇم تۇغقاندىن كېيىن ئۆزىچە : « قى  ، قىق ، قىق ! جى ، جىقجىق ! » دەپ مەغرۇرلانغان . بۇ تەكەببۇرلۇقنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ ! بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىشى كېرەك . بولۇپمۇ ، بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، يەنە روژدىستوۋا  بايرىمى كۈنى يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر كاتىكىمىزگە كېلىپ تۇخۇم تۇغۇش خىزمىتىمىزنى  تەكشۈرگەندە ، مەزكۇر مېكىياننىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار بولغان، تەپتارتماستىن بىر تالمۇ تۇخۇم تۇغماي رەھبەرلەر  ئالدىدا يۈزىمىزنى تۆككەن. « س » مېكىيان تۇخۇم تۇغۇشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن لاياقەتسىز بولۇپ باھالاندى ھەمدە يىللىق مۇنەۋۋەر مېكىيان بولۇپ سايلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىندى.

    مەنبە: سەلكىن مۇنبىرى





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68