بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年02月03日

    ئېلىشمىغىچە - تېپىشماس ) ھىكايە( - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    تاش ئۆستەڭنى قىيپاچ كىسىپ ئۆتكەن ئەگىرى تاناينىڭ ئىچى ئېرىق، ئۈستى تاختا كۆۋرۈك ئىدى. تاناي سۇلىرىنىڭ ئويناقشىپ ئېقىپ چۈشۈپ تاش ئۆستەڭگە قوشۇلۇشىدىن كىچىك بىر شاقىراتما ھاسىل بولۇپ، بۇ خىلۋەت گۈزەل ماكانغا ئۆزگىچە ھۆسۈن قوشۇپ تۇراتتى.
    ئۆستەڭ بويلىرىدا ھەرخىل مامكاپ، تىكەن ، يۇلغۇن قاتارلىق ياۋا گۈللەر ئېچىلىپ گۈللەر ئۈستىدە كېپىنەكلەر ئوينايتتى. تاختا كۆۋرۈككە ئۇدۇل ياسىلىپ يىلان باغىرى سوزۇلغان چىغىرى يولدا بىر سايە پەيدا بولدى.ئۇ يىراقتىن تۇمان ئارىسىدا قالغاندەك خىرە كۆرۈنەتتى بارا-بارا تۇمانلار تارقاپ ئۇنىڭ نازۇك قىياپىتى گۈزەل رۇخسارى ئاستا-ئاستا جىلۋىلىدى.
    ئۇ مەھەللىمىزنىڭ گۈلى مودەن ئىدى. كۆكسىگە تاشلىنىپ تۇرغان ئىككى تال ئۆرۈم چېچى ئۇنىڭغا تولۇمۇ ياراشقان بولۇپ، ئەگمە قېشى ئاستىدىكى كەڭ قاپىغى، ئوقيادەك ئۇزۇن-ئۇزۇن كىرپىكلىرى ئاستىدىكى تېگى يوق بۇلاقتەك چوڭ قارا كۆزلىرى شۇ چىغىر يولغا پات-پات تاشلىناتتى.
    ئۇ شاقىراتمىدىن چۈشۈۋاتقان سۈزۈك سۇلارغا قاراپ ئولتۇرۇپ خىيال دىڭىزىغا ئاستا-ئاستا چۆكۈشكە باشلىدى....
      __ بۈگۈنكى توي ئىسىڭدە يوقما ئاداش؟__ ئىشىكتىن پىچەتتەك ياسىنىپ كىرگەن ئامىنەم، ئايۋاندا تۇرۇسقا قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان مودەنگە قاراپ بىرنى ئۇھ سىندى-دە، قىزىل رەڭلىك سومكىسىنى سۇپىغا تاشلاپ، مودەننىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى.
      __ تويغۇ ئىسىمدە بار ئاداش، بىراق ئۇ تويغا تازا رايىم يوق، بولدى مەن بارماي،__ مودەن ئامىنەمگە ئۈمۈدسىز كۆزلىرىنى تىكىۋاتاتتى.__ نېمە دەيدىغانسەن؟ سەن بارمىساڭ قىزامدۇ بۇ  مەھەللىنىڭ تويى؟ ئاۋۇ باغاقچە ئەۋەتكەن خېنىمنىمۇ ئويلاپ قوي، سىنى قاچان كىلىپ ئۇسۇلغا چۈشەركىن دەپ كۆزلىرى تېشىلىپ قالمىسۇن بىچارىنىڭ.__ ئامىنەم خاپا بولۇشقا باشلىغاندى.__ ئۇغۇ شۇ ئاداش، بىراق بۈگۈن باشقىچە مىجەزىم يوق تۇرۇپتىمەن. __ مودەن شۇنداق دىيىشىگە، ئامىنەم گەپنىڭ قەپ بېلىگە تەپتى.__  ساڭىمۇ بار ئۇ كۈن جۇمۇ ئاداش، تولا يالۋاتماي تىز بولغىنە سائەت بىر يەرگە باردى مانا. شۇنداق قىلىپ ئامىنەم مودەننى تۈجۈپىلەپ ياساندۇرۇپ تويغا ئېلىپ باردى.
    قىزچاق خانىسىدە ئۇسۇل، مەشرەپ قاينىغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قاتار ئوغۇللار كىرىپ قاتار سېلىنغان كۆرپە ئۈستىدە ئولتۇرۇشتى، ئاردىن بىر يىگىت قوپۇپ ئامىنەم بىلەن ئۇسۇلغا چۈشتى، ئۇ يىگىت ئۇيان-بۇيان ئۆتۈۋىتىپ پات-پات مودەننىڭ پۇتىغا دەسسەپ قوياتتى، مودەننىڭ بۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى. ئىچىدە<تېتىقسىز، ئۇسۇلىنى ئوينىماي نېمە پۇتۇمغا دەسسەپ يۈرىدىغاندۇ> دەپ ئويلىدى. مۇزىكىمۇ ئۈچەيدەك ئۇزۇن بىر مەشرەپ مۇزىكىسى بولۇپ ھېچ توختايدىغاندەك قىلماي ۋاتاتتى، ئۇ يىگىتمۇ بېشىدىن، يۈز كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان تەرگە قارىماستىن قوپال چاقچىقىنى ئاخىرلاشتۇراي دىمەي ۋاتاتتى، مودەننىڭ سەۋىرى ئاخرى توشتى.
      __ نېمە دەيسىز يىگىت؟ بىرە گېپىڭىز بولسا ئوچۇق دىمەمسىز؟ مىنىڭ پۇتۇم سىز تېپىپ ئوينايدىغان تەپكۈچ بولمىغاندىكىن.__ ئامىنەم بىلەن ئۇ يىگىتمۇ ئۇسۇلدىن توختىدى. __ نېمە دەيسىز؟ سىزمۇ ئەدەپلىك بىر قىزچاق بولغاندىكىن پۇتىڭىزنى يىغىپ ئولتۇرمامسىز؟__ يىگىتنىڭ نەشتەردەك سۆزلىرى مودەننىڭ  يۈرىكىگە سانجىلدى-دە، ئورنىدىن چاچىراپ قوپتى.
      __ ئەدەپ! سىزدەك  ئۆينىڭ كەڭرى چىلىغىدا خەخنىڭ پۇتىغا دەسسەپ ئۇسۇل ئوينايدىغان تەخەردەك يىگىتتە ئەدەپ نېمە قىلسۇن. چىرايلىق غوجام. __ مودەن يىگىتكە ئالىيىپ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن كەينىگە ئۆرۈلگەنچە سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئامىنەممۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىققان ئىدى.
      __ نېمە بولدۇڭ؟ ئۇ راستلا سىنىڭ پۇتۇڭغا دەسسىدىما؟__ كەلمەيمەن دىسەم ئۇنىمىغان ئىدىڭ مانا، مۇشۇنداق ماز چاقچاقلار بىلەن زادى خوشۇم يوقتى مىنىڭ، مودەن ئامىنەمدىن رەنجىشكە باشلىدى.__ بولدى قىل ئاداش، ئۇ ساڭا كۆيۈپ قالدىمۇ تېخى، ئۇ دىگەن مەھەللىمىزدىكى يىگىتلەرنىڭ ئالدى جۇمۇ. __ ئۇنداق بىلىمسىز كىشىلەر بىلەن خوشۇم يوق مىنىڭ، مودەن يەنە رەنجىۋاتاتتى.
      كېيىن قىزنى كۆچۈرۈپ ماڭغاندا مودەن يەنە شۇ يىگىت بىلەن بىر ماشىنغا چىقىپ قالدى. قىزلار كېيىن چىققاشقا ماشىندا ئورۇن قالمىغان ئىدى.
      __ مودەن! قېنى بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇڭ، __شۇ يىگىت، بايامقى يىگىت مودەنگە ئورۇن بوشۇتۇپ بىرىۋاتاتتى. مودەن پەرۋاسىز تۇرۇۋالدى. ئامىنەم بوش قىنە مودەننىڭ بېلىنى چىمدىپ ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. مودەنمۇ ئۈن تىنسىز كىلىپ ئولتۇردى. بۇ قېتىم مودەن ئۇ ئەدەپسىز يىگىتكە يەر تىگىدىن قاراۋاتاتتى... يىگىت قارىشى ھامان شوخ كىيىكتەك كۆزلىرىنى ئېلىپ قاچاتتى... تويۇقسىز بىرجۈپ كۆزلەر تەڭلا ئۇچراشتى..كۆزلەر ئارىسىدا كۈچلۈك بىر نۇر ۋال قىلىپ ئۆچۈپ يۈرەكلىرىنى شۇنچە شىرىن بىر رىتىمدا ئويناتتى.
    ئۇلار پات-پات قارىشىپ قوياتتى...
    مودەن!
    __ سۇلتاننىڭ چاقىرغان ئاۋازى بىلەن مودەننىڭ خىياللىرى يىراقلارغا كەتتى. ئۇ كۈتكەن، ئۇ چىن يۈرۈكىدىن سۆيگەن يىگىت كەلگەندى.
      __ بۇنداق بۇرۇن كىلىشىڭىزنى بىلگەن بولسام. ئەتتىگەن كىلىپ سىزنى كۈتكەن بولاتتىم.__ قاياقلاردىن يۈگۈرۈپ كەلگەن سۇلتان مودەننىڭ قولۇنى چىڭ سىقتى.
      __ ھېچقىسى يوق. بۇ جاي بەكمۇ گۈزەل ئىكەن، مەن تونۇشقان ۋاقىتلىرىمىزنى ئەسلەۋاتاتتىم. قارىڭە سىزنىڭ ھاسىراپ كەتكىنىڭىزنى.
      __ مودەن يېنىدىكى قول ياغلىقى بىلەن سولتاننىڭ تەرلىرىنى سۈرتتى.
      __ سىزنىڭ سىمايىڭىزنى يىراقتىن كۆرۈپ ئۆزۈمنى باسالماي قاتتىق يۈگۈرگەن ئىدىم. بىزنىڭ تونۇشقان ۋاقتىمىزنى ئەسلىسىڭىز قانداق ھىسىياتتا بولىدىكەنسىز؟__ سۇلتان چوڭ قوي كۆزلىرىنى مودەنگە مەھكەم تىكىپ تۇراتتى.__ ئېلىشمىغىچە-تېپىشماس دىگەن ھىسىياتتا بولىدىكەنمەن.__ مودەننىڭ تاتلىق كۈلۈشلىرى سۇلتاننىڭ ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ يىراق ...يىراققا ياڭرىماقتا ئىدى..




darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68