بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年02月03日

    ياپونيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر دوكتۇرلار - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    پەيزۇللا زەيدۇن: 2004- يىلى 3- ئايدا ياپونىيە رىششو ئۇنۋېرسىتىتدا يەر شارى مۇھىت پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغان. .ھازىر مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.



    ياپوندا ئوقۇغان ياكى ئوقۇۋاتقانلار توغرىلىق شەخسى كۈز قارىشىم:
    مەن ياپوندا ئوقۇغانلار بىلەن ئارىلىشىش، كۆزىتىش جەريانىداشۇنى ھېس قىلدىمكى، ياپوندا ئوقۇغانلار بەكمۇ ئەمەلىيەتچان كېلىدىكەن، گەپنى ئاز قىلىدىكەن، . ئۈن- تىنسىز ئىشلەيدىكەن. .باشقا يەرلەردە بىرەر يېڭى خىيال، ياكى ئىش بولسا "ۋاي شۇنداق قىلايلى" دەپ سۆزلەيدىغانلار ناھايىتى جىق چىقىدۇ، لېكىن رەسمىي ئىشنى باشلىغاندا كۈچ قاتىدىغانلار ئاز. لېكىن ياپۇندىكىلەر ئارىسىدا سۆزلەيدىغاندىن ئەمەلىي كۈچ قاتىدىغانلار جىقراق چىقىدىكەن. بۇ تەرىپىنى ناھايىتى ياقتۇردۇم. لېكىن ئۇلار قىلغان ئىشلىرىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇشقا، تەشۋىقاتىغا قىزىقمايدىكەن. مەن باشقىلاردىن ياپۇندىكىلەرنىڭ قىلغان نۇرغۇن ياخشى ئىشلىرىنى ئاڭلىدىم، لېكىن ئۇلارنى توردىن ياكى باشقا يەردىن كۆرمىدىم. ئۇلار شەخسى مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ئۆزى تونۇيدىغانلار بىلەنلا ئارىلىشىدىكەن. توردىن بىرەر ماتېرىيال ئىزدىسىمۇ ئۇلار توغرىلىق نەرسىلەرنىناھايىتى تەستە تاپقىلى بولىدۇ. شۇ يەردە ئىزدەيدىغان ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك بىۋاسىتە تونۇش بۇلىمىسا بىرسىنى ئىزدەپ تاپقىلىمۇ بولمايدىكەن. بىرەر ئىش بولساھەممە ئادەم مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك "بەك ئالدىراش" دەيدىكەن.

    بۇلارنىڭ ھەممىسى شەخسى كۈز قاراش، توغرا بولۇشى ناتايىن، بۇنداق ئەمەس دەپ قارىغۇچىلارئۆزىگە ئېلىپ كەتمىگەي.

    ماتېرىيالنى تەييارلىغۇچى: جېك

    ئابدۇسەمى ئابدۇراھمان: ياپونىيە توكيو گۈزەل--سەنئەت ئۇنۋېرسىتىتدا دوكتورلۇق ئوقۇشىدا، كەسپى مۇزىكا ,مۇقام تەتقىقاتى.

    ياپوندىكى ئوقۇۋاتقان ياكى خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى مېنىڭچە كەم دېگەندە 40 ئەتراپىغا بارىدۇ دەپ ئويلايمەن. لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تولۇق ماتېرىياللارنى يىغىپ بولالمىدۇق. ئۈستىدە ئىسمى ئېلان قىلىنغانلار دوكتۇرلار تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى خالىسا قىزغىن قارشى ئالىمىز. باشقىلارنىڭمۇ ئۇلار توغرىلىق ۋە ياكى باشقىلار توغرىلىق مەلۇمات بېرىشىنى قارشى ئالىمىز. بىلىۋال تور بېتى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلاشسىڭىزمۇ، ياكى hotmail.com دىن Jeck_217 غا ئېلخەت يازسىڭىزمۇ بولىدۇ. (توردىكى ۋىرۇسلارنىڭ قالايمىقان قىلماسلىقى ئۈچۈن ئېلخەت ئادرېسى پارچىلاپ يېزىلدى)
    شىرىنگۇل: ياپونىيە ئوچانومىزۇ قىزلار ئۇنۋېرسىتىتدا دوكتورلۇق ئوقۇشىدا. كەسپى بىئولوگىيە.
    پۇرقەت: 2006- يىل 4- ئايدىن باشلاپ ياپونىيە ئىۋاتە ئۇنۋېرسىتىتدا دوكتورلۇق ئوقۇشىدا، كەسپى كومپيۇتېر.
    پولات قادىر: 2006- يىل 4- ئايدىن باشلاپ توكيو دەنكى ئۇنۋېرسىتىتدا دوكتورلۇق ئوقۇشىدا.
    مەمەتجان ئابدۇقادىر: ياپونىيە ئىۋاتە ئۇنۋېرسىتىتدا سانائەت ئىلمىي بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ.(يەنى ھازىر دوكتۇرلۇقنىڭ 3- يىللىقىدا.
    مۇختەر ئەنەيتۇللا: ياپونىيە ئىۋاتە ئۇنۋېرسىتىتدا يېزا ئىگىلىك(ئالما يېتىشتۈرۈش ۋە ساقلاش) ئىلمىي بويىچە دوكتورلۇق 2006-يىلى 10-ئايدا دوكتورلۇق ئىلمى ئۇنۋانى ئالغان.
    مۇنىردىن ياسىن: ياپونىيە مىئە ئۇنۋېرسىتىتدا فىزىكا (سۇيۇق كرىستال) ئىلمىي بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلىش ئالدىدا.(يەنى 2006- يىلى 5- ئايدا دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى تاماملاپ تاپشۇرغان)
    ئاسىيە: 2006- يىلى 3- ئايدا ياپونىيە يوكوھاما دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتىتدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغان.
    ھۆرنىسا تۇرسۇن: ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىزىكا(يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى ) ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.(ۋاقتى بۇنىڭدىن 2 يىللار ئىلگىرى).ھازىر ياپونىيىدىكى بىر تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلەۋاتىدۇ. 

    (مەنبە:http//dolanlik.com)





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68