بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年01月21日

    ئىئانە بەرگەن پۇلۇم نەگە كەتتى؟ - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    «كەمبەغەللەرگە يار- يۆلەك بولۇپ ئىئانە بەرگەن پۇل» لىرىم نەگە كەتتى؟ ھازىرقى ۋاقىتتا بەزى كادىرلارنىڭ پۇلنى كۆرسىلا ، پۈف دىمەي يانچۇقىغا سالىدىغانلىقىنى خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدىم. لېكىن كەمبەغەللەرگە ياردەم بېرىدىغان پۇللارنى كۆپلەپ ئىشلىتىۋالغانلىق توغرىسىدا «قانۇن- تۈزۈم» گېزىتىگە يېقىندا بېسىلغان مالىيە مېنىستىرلىقىنىڭ ئومۇمى ئۇقتۇرىشىنى ئوقۇغاندىن كېيىن يۈرىكۈم ئۆرتىنىپ كەتتى. ئومۇمى ئۇختۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، پەقەت گەنسۇ ئۆلكىلىك كەمبەغەللەرنى يۆلەش ئىشخانىسىلا نامرات، كەمبەغەللەرگە ياردەم بېرىدىغان پۇلدىن جەمئى 27 مىليون 500 مىڭ يۇەننى ئىشلىتىۋالغان. شۇنچە پۇلنى نىمىگە ئىشلىتىپتۇ؟بىرىنچىدىن، 19 قەۋەتلىك بىر ئىشخانە بىناسى ساپتۇ. ئىككىنچىدىن، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ياتاقخانا ساپتۇ. ئۈچۈنچىدىن، بىر دانە يېڭى «سانتانا» ماشىنا سېتىۋاپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇلار يانە كەمبەغەللەرگە ياردەم بېرىدىغان پۇلدىن 21 مىليون 800 مىڭ يۇەننى ئۆز قارمىغىدىكى 16 شىركەتكە تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئۆتنە قىلىپ بېرىۋېتىپتۇ. سىچۇەن ئۆلكىسى جۇنليەن ناھىيىلىك كەمبەغەللەرنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شياۋ خۇڭ خانىمنىڭ يۈرىكى تېخىمۇ قاپتەك ئىكەن، ئۇ 1997- يىلدىن 2000- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا كەمبەغەللەرگە ياردەم بېرىدىغان پۇلدىن 1 مىليون 710 مىڭ 52 يۇەننى ، يەنى شۇ مەزگىلدە يۇقىرىدىن كەمبەغەللەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاجرىتىپ بەرگەن جەمئى پۇلنىڭ 64.6 پىرسەنتىنى ئىشلىتىۋاپتۇ. شۇ پۇلنىڭ بىر قىسمىنى مۇلۇك سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىپتۇ، قالغان كۆپ قىسمىنى مېھمان كۈتۈشكە، ئىدارىسىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرغە مۇكاپات قىلىپ بېرىشكە سەرىپ قىپتۇ. يۇقۇرى ئورۇندىن تەكشۈرىدىغان چاغدا ئۇ خانىم تېخى كاسسىر، بوغالتىرلارنىڭ قۇلىقىنى تولغاپ زەربىدارلىق بىلەن ساختا ھۇججەت تەييارلىتىپتۇ، تەييارلىغان ساختا ھۇججەتلەرنىڭ ئۆزىلا 23 دەپتەر ئىكەن. ئەقلىمگە سىغمىدى،كەمبەغەللەرگە ياردەم بېرىلسۇن دەپ شۇنچە كۆپ پۇل چۈشۈرۈپ بېرىلگەندىن كېيىن نىمە ئۈچۈن ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ؟ نىمە ئۈچۈن تەپتىش- نازارەت قىلىنمايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ئورۇنسىز ئىشلىتىۋالسا ۋە بىھۇدە سەرىپ قىلىۋالسا، بىر نەچچە يىلغىچە مەلۇم بولمايدۇ؟ مەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلاپ، ئاپەت تەگكەن ۋە نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارغا پۇل ئىئانە قىلىپ كەلدىم. ھەر قېتىم ئىئانە قىلغان پۇلۇم ئاران 100 يۇەن ئەتراپىدا بولسىمۇ، لېكىن ئايلىق مائاشى 1000 يۇەن يەتمىگەن ئاددى كادىرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، بۇمۇ بىر كىشىلىك مېھرى- شەپقەت ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قېتىم ئىئانە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ، شۇ يۈز يۇەن پۇل تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارنىڭ قولىغا تەككەنمىدۇ؟ ياكى ئوقۇشتىن قالغان بالىلارنىڭ قولىغا تەككەنمىدۇ؟ ئۇرۇق ياكى خېمىيە ئوغۇت ئېلىپ بەرگەنمىدۇ؟ ۋە ياكى كىيىم- كېچەك ، يوتقان- كۆرپە ئېلىپ بەرگەنمىدۇ؟ ئۇلار شۇ نەرسىلەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، ئىئانە بەرگەن ئادەملەرنىڭمۇ يىمەك- ئىچمەكتىن، كىيىم -كېچەكتىن تېجىگەنلىكىنى، ھەتتا ئېشىپ قالغان بىر چىنە كۆكتات شورپىسىنى تۆكىۋېتىشكىمۇ كۆزى قىيمايدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باققانمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن. مانا ئەمدى شۇنداق گۇماندا قېلىۋاتىمەنكى، مىڭ بىر مۇشاققەتتە ئىئانە قىلىپ بەرگەن پۇللىرىم نامرات ، كەمبەغەللەرنىڭ قولىغا راست تەككەنمىدۇ؟ ياكى شۇ پۇللىرىممۇ ئىشخانە بىناسى سېلىشقا، پىكاپ سېتىۋېلىشقا ياكى يەپ- ئىچىش خىراجىتىنى تۆلەشكە كەتكەنمىدۇ؟ شۇنچە يىلدىن بۇيان ئىئانە قىلغان پۇللارنىڭ، نامرات- كەمبەغەللەرگە بېرىلگەن ياردەملەرنىڭ ھېساباتى باش- ئايىغىنى بىلگىلى بولمايدىغان، يەشكىلى بولمايدىغان چىگىش توقۇناق بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. بۇنداق قىلىش ئىئانە بەرگۈچىلەر ئالدىدا قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر . ئىئانە بەرگۈچى ئادەم ئۆزىنىڭ پۇلىنى ئىئانە قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، شۇ پۇللارنىڭ كىملەرگە بېرىلگەنلىكىنى ۋە قانداق جىددى مۇھتاجلىقلىرى ھەل قىلىنغانلىقىنى بىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەگەر شۇ ئىئانە پۇللار قولىغا تەككەن ئادەملەردىن بىرەر ئۇچۇر چىقىپ قالسا، ۋاستىچى بولۇپ بېجىرگەن خادىملارمۇ ئىئانە بەرگۈچىلەرگە ۋاختىدا يەتكۈزۈشى كېرەك، چۈنكى ئىئانە بەرگۈچىلەرنىڭ شۇنداق رەخمەتكە، مەمنۇنىيەتكە ئېرىشىش ھەققى بار. بۇنداق قىلماسلىق، كەمبەغەللەر، بىچارىلەر ئالدىدىمۇ ناھايىتى چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر. بىز ئىئانىنى كەمبەغەللەرگە ئاتاپ بېرىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىلىرىنىڭ بۇنى مەخپىي سىر تۇتۇشقا نىمە ھەققى بار؟ مەخپىي سىر تۇتۇشنىڭ مەقسىدى « قاتمۇ- قات شىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس». ئەنە يۇقۇرىدا ئىزھار قىلىنغان ۋاڭ شياۋ خۇڭ دىگەن ئايال نامراتلارنى يۆلەشكە سەرىپ قىلىنىدىغان پۇللارنىڭ 64.6 پىرسەنتىنى ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىۋاپتۇ! نامراتلارغا مەدەت بېرىشكە ئاتالغان پۇللارنىڭ ھېساباتى بۇرۇنراق ئاشكارە تۇتۇلغان بولسا، بۇنداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقمىغان بولاتتى. ھەتتا شۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن: بۇندىن كېيىن ئەگەر يەنە ئىئانە بېرىشكە توغرا كەلسە، شۇ مەلۇم بىچارە ئادەمنىڭ ياكى كەمبەغەلنىڭ ئۆيىگە بىۋاستە ئەۋەتىپ بەرسەك بولماسمۇ؟ئەگەر ئۇنداق قىلغىلى بولمىسا ، ئىئانە بەرگۈچىگە ئىئانە قىلىپ بەرگەن پۇلنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى، كىملەرگە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۇرۇپ قويۇش كېرەك، بۇنى ئورۇنسىز تەلەپ دىگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلىنمىسا ، شۇ پۇللار پىكاپ سېتىۋېلىشقا كەتتىمۇ ياكى ئىشخانە بىناسى سېلىشقا سەرىپ قىلىندىمۇ ۋە ياكى مېھمان قىلىش، كۈتىۋېلىش خىراجىتى قىلىندىمۇ بۇنى نەدىن بىلىمەن؟

    مەنبە: پىچان مائارىپ تورى





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68