بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年01月21日

    خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى9پەرھىز - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    1سىرىڭىزنى ئاشكارلىماڭ  

      خىزمەتداشلار ئارا مەنپەئەت توقۇنۇشىدىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ ،سىرىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويسىڭىز قارشى تەرەپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز بىلەن رىقابەتلىشىپ قالسا ،سىزنىڭ قانداق يول تۇتىدىغانلىقىڭىزنى ئاسانلا بىلىۋالىدۇ.شۇڭا ،خىزمەتداشلار ئارا مۇناسىۋەتنى سىرىڭىزنى ئېيتىپ بەرمەيمۇ بىرلىكىتە تاماق يېيىش ،پاراڭلىشىش ،كۆڭۈل ئېچىش ئارقىلىق قۇيۇقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.   

    . 2بەزىلەرگە يېقىن ،بەزىلەرگە يىراق تۇرۇۋالماڭ  

    مىجەزىڭىز كېلىشىدىغان خىزمەتدىشىڭىز بىلەن يېقىن ئۆتۈپ ،مىجەزىڭىز كىلىشمەيدىغان خىزمەتدشىڭىزىدىن يىراق قاچماڭ ،خىزمەتتە مىجەزىڭىز كېلىشمەيدىغان كىشلەر بىلەن زادى ئالاقە قىلمايمەن دېيەلەمسىز؟:  

    ئادەتتە ئۇلاردىن قېچىپ يۈرسىڭىز ،خىزمەتتە ئۇلار بىلەن ياخىشى ھەمكارلىشىشتىن سۆز ئاچالمايسىز .

      . 3باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى تالاشماڭ

    يېقىنىمىتى»دەپ ،ھە دېسىلا باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىپ بەرسىڭىز ئۆزىڭىزگە ئاسانلا ئىش تېپىۋالىسىز .تۈزۈم نۇقتىسىدىن ئېيتىقاندا ،ھەركىمىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مۇناسىپ خىزمەت تەقسىماتى بولىدۇ ،مۇبادا خىزمەتداشلىرىڭىزغا ئۆزلۈكىڭىزدىن ئىشلىشىپ بەرسىڭىز ،ئۇ سىزنى نېسىۋەمگە كۆز قىزارتىۋاتىدۇ،دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن .ئۇنىڭ تەكلىپى بويىچە ئىشلىشىپ بەرسىڭىز خوجايىنىڭىزنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالامسىز؟

    ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش،رىغبەتلەندۈرۈش ئەسلىدىغۇ ياخشىى ئىش ،لىكىن ھەدېسىلا باشقىلارغا ياردەم بېرىمەن دەپ پايپىتەك بۇلۇپ يۈرۈشتىن ياكى باشقىلارنىڭ ئىشىغا خالىغانچە چات كېرىۋېلىشىتىن ساقلىنىڭ
      
     . 4خىزمەتدشىڭىزنىڭ ئالدىدا خوجايننىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ

      ھەرقانچە يېقىن خىزمەتدىشىڭىزمۇ ۋاقتى كەلگەندە ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن سىزنى بالاغا تىقىپ قۇيۇشتىن يانمايدۇ.شۇڭا ،ئوسال بۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن خىزمەتداشلىرىڭز ئالدىدا خوجايىنىڭىزنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ ،بولمىسا ئۆزىڭىزگە ئىش تېپىۋالسىز .خىزمەتداشلىرىڭىز باشلىقىنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان تەقدىردىمۇ ،ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئارلاشماڭ ياكى پاراڭنى باشقا تېىمىغا بۇرۇۋېتىڭ ،بولمىسا سىزمۇ غەيۋەتچىلەر قاتارىغا كىرىپ قالسىز.  

     . 5كۆپ ئېلىم-بېرىم قىلماڭ   

     ئېلىم -بېرىمىدا باشقىلارنىڭ پۇلىنى بېرىۋېتىشىنى ئەستىن چىقىرىپ قويىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ ئۇنۇتغاقلىقى سەۋەبىدىن پۇلىڭىزنى ئالالمايدىغان ئىشىلار ئۇچىراپ تۇرىدۇ.بۇ ھال ئۆز-ئارا مۇناىسۋەتكە سوغوقچىلىق سالماي قالمايدۇ،شۇڭا باشقىلاردىن ئىمكانقەدەر قەرز ئالماڭ ،ئالغان بولسىڭىز تېز قايتۇرۋېتىڭ.   

      . 6ئۆسەك سۆز تارقاتماڭھەرقانداق ئورۇندا كوچا خەۋىرى ۋە ئۆسەك سۆزدىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ .شۇڭا ،زىددىيەت ئۇرۇقىنى تېرىماسلىق ئۈچۈن ،ئۆسەك سۆز تارقاتماڭ ،باشقىلارنىڭ ئۆسەك سۆزىنى ئاڭلىمىغانغا سېلىڭ .ئادەتتە ئىدارنىڭ مەخپىيەتلىكلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىڭزنىڭ ئىچىكى سىرىنى تىڭ-تىڭلاپ يۈرمەڭ.بولمىسا كىشلەر سىزدىن ئورۇنسىز گۇمانلىنىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ.    .

     

    7باشقىلارنى ئىشقا بۇيرۇماڭ

     خىزمەتداشلارنىڭ مۇناسىۋىتى باراۋەرلىك ئاساسىغا قۇرۇلغان بۇلۇپ ،خىزمەتداشلىرىڭزنى كەلسە-كەلمەس ئىشقا بۇيرۇماڭ ،ئۇلارنىڭ ئىشىلرىغا قالايمىقان باھا بەرسىڭىز ئىناۋىتىڭىزنى تۆكۈپلا قالماي يەنە باشقىلارنىمۇ سەسكەندۈرۋېتىسىز ،ئوبرازىڭىزغىمۇ داغ چۈشۈرۋالىسىز.   

     . 8ئۆزىڭىزنى پەش قىلماڭ

     خزمەتداشلىرىڭىز ئالدىدا بايلىقىڭىزنى،ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىڭىزنى ،خوجايىن بىلەن يېقىنلىقىڭىزنى ،ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرىڭىزنى پەش قىلىۋەرسىڭىز ئوڭايلا باشقىلارنىڭ ھەسەتخورلىقىنى قوزغاپ قويىسىز .كۆزى كىچىك ،ھەسەتخور خىزمەتداشلىرىڭىز پۇرسەت تېپىپ سىزنى يىقىتماقچى بولىدۇ .مۇكاپاتلانغانلىقىڭىز ياكى خوجايىننىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنلىكىڭىزنى بەك داۋراڭ قىلىۋەرمەڭ ،شۇنىدىلا باشقىلارنىڭ يامان كۆزدىن ساقىلنالايسىز. 

    9.باشقىلارنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىماڭ

    ھەرقانداق ئورۇندا ئوخشاش قاراشتىكىلەردىن تەشكىللەنگەن بىرنەچچە توپ گوروھ بولىدۇ.مۇبادا ئالدىراقسانلىق قىلىپ بىر توپقا قېتىلۋالسىڭىز ،يەنە بىر توپنىڭ كۈشەندىسىگە ئايلىنىپ قالىسىز .شۇڭا ،ئورۇنسىز باش ئاغرىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن خىزمەت ئورنىڭىزىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت تورىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ  پايدا-زىياننى ئويلىنىپ كۆرۈڭ،ئەڭ ياخشىسى بىتەرەپ تۇرۇڭ.   

    ھەرقانداق بىركىشى خىزمەتتە ھەممىلا تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بېرىمەن ،باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەيمەن ،ھەممەيلەننىڭ ياخىشى گېپىنى قىلىمەن دىيەلمەيدۇ.شۇڭا،خىزمەتتە خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن سۈركىلىشىپ قېلىشىتىن خالىي بولالمايسىز.   

    مەنبە: پىچان مائارىپ تورى





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68