-
2009年01月19日
يۇمۇرلار ........ - [كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى]
نىمىشقا ماڭا دىمىدىڭ !!!
توم : دادا چىۋىننى يىگىلى بولامدۇ ؟
دادىسى : ياق ، چىۋىننى يىگىلى بولمايدۇ. ھە ، نىمىشقا ئۇنداق سۇئالنى سوراپ قالدىڭ ؟
توم:باياتىن مەن تەخسىڭىزدىكى بىر چىۋىننى يەۋەتكەنلىكىڭىزنى كورۇپ قالدىم ...
دادىسى : ئۇ چىۋىننى كورگەن چىغىڭدا نىمىشقا ماڭا دىمىدىڭ ؟
توم : چۇنكى ، سىز دائىم ماڭا تاماق يىگەندە گەپ قىلما ، دەيتتىڭىزغۇ ؟
( كەمچىلىك)
-بىر ئوقۇغۇچى داۋاملىق دەرىس ۋاختىدا ئۇخلايدىكەندە . بىر كۇنى مۇئەللىم ئۇنىڭدىن سوراپتۇ ...-
-دەرىس ۋاختىدا ئۇخلاشنىڭ ناچار تەرىپىنى بىلدىڭمۇ،يوق ؟
- بىلدىم .
- خوش ، قانداق بىلدىڭ ؟
- كەمچىلىكى شۇكى ، كارۋاتتا يىتىپ ئۇخلىغاندەك راھەت بولمايدىكەن .
( ياخشى كۆرۈش )
دادىسى قىزىدىن سوراپتۇ :
- قىزىم ، سەن قايسى دەرىسنى ئەڭ ياخشى كۆرىسەن ؟
قىزى :
- ماتىماتىكا دەرىسىنى ،-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .
- راسىتمۇ ؟ - دادا شۇنداق بەك خۇشال بولۇپ كىتىپتۇدە نىمە ئۈچۈن دەپ سوراپتۇ ؟ ...
- چۈنكى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز دائىم رۇخسەت سورايدۇ .
( تاماق ۋاختىدا سەت گەپ قىلما )
- بىر كۇنى ئانا پاشا ، بالىسى بىلەن تاماققا يەپ ئولتاسا بالا پاشا ئانىسىدىن سوراپتۇ دە . -
- ئانا ، - بىز نىمە ئۇچۈن داۋاملىق پوق يەيمىز ؟؟ -، دەپ سوراپتۇ ...
- ئانا پاشا بالىسىنىڭ يۇزىگە بىرتەستەك سىلىپ ... تاماق ۋاختىدا سەت گەپ قىلما دەپتۇ ....