-
2009年01月19日
خاسىڭنى كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدىغان كىشىلەر - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
1. قان بېسىم، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بارلار خاسىڭ قاننى قۇيۇلدۇرۇپ، قان ئۇيۇتمىلىرىنى كۆپەيتىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل كېسىلى بارلار خاسىڭنى كۆپ يېسە، كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.
2. ئۆتى ئېلىۋېتىلگەن، ئۆت ياللۇغى بار ياكى باشقا ئۆت كېسىلى بارلار خاسىڭ تەركىبىدە ياغ بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ئۈچۈن، كۆپ مىقداردا ئۆت سۇيۇقلۇقى كېرەك بولىدۇ. شۇڭا، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاجرىلىپ چىقىشى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار خاسىڭنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك.
3. يېقىلىپ يارىلىنىپ، قان ئۇيۇپ قالغانلار بۇ خىل كىشىلەر خاسىڭنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، قاننىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىپ، قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ.
مەنبەسى: شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى