-
2009年01月19日
دۇنيادىكى غەلىتە بازارلار - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
ئوغرى يوق بازار: ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالى قىسمىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كېرۋو ئارىلدا روسارىۋ دەپ ئاتىلدىغان بىر بازار بار، بۇ بازاردىكى كىشلەر ئورتاق ئەمگەك قىلىپ، ئەمگەك مىۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمان بولىدۇ،جىنايەت ئۆتكۈزمەيدۇ، ئالتۇن-كۈمۈش، مال-دۇنيالارنىڭ ھەممىسى بۇ بازاردىكى چېركاۋغا قويۇلغان بولۇپ، ئاچقۇچ ئىشىك بېشىغا ئېسىپ قۇيۇلغان بولسىمۇ، ھىچنىمە يىتمەيدۇ. شۇڭا، كىشلەر بۇ بازارنى«پاكلار ئارىلى» دەپ تەرىپلىشىدۇ.
سېرىكچىلەر بازىرى: ئامېركىنىڭ فلورىدا شىتاتىدىكى گىستون بازىرىدا پەقەت 7000 نوپۇس بار. قىزىق يېرى شۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېرىكچى بولۇپ، سېھرىگەرلىك قىلالايدۇ، يىرتقۇچلارنى كۆندىرەلەيدۇ، پولات چىۋىق ئۈستىدە ماڭالايدۇ. پۇقرالارنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا ياكى ئۆيلىرىدە ئويۇن قويۇشتا ئىشلىتىدىغان چوڭ-چوڭ ھارۋىلار،پولات چىۋىقلار بار. شۇڭا كىشلەر بۇ بازارنى «سېرىكچىلەر بازىرى» دەپ ئاتىشىدۇ.
شاھماتچىلار بازىرى: گېرمانىينىڭ شەرقىدىكى شىجاۋبېك بازىرى داڭلىق شاھماتچىلار بازىردۇر. بۇ بازاردىكى كىشلەر شاھماتنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. كىشلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزئالدىغا ماھارىتى بار. بازاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە«شاھمات دەرسى» تەسىس قىلىنغان. تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ بازاردىكى قىزلار شاھمات ئويناش ئارقىلىق مۇھاببەتلىشىدۇ.
ئاياللار بازىرى: تۈركىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ناك بازىرىنى كىشلەر«ئاياللار بازىرى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ بازاردا پۇقرالارنىڭ ھەممىسى ئاياللار ۋە ئۇشاق بالىلار بولۇپ،15ياشتىن ئاشقان ئەرلەر باشقا جايلارغا بېرىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ. ھەر يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت«ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى يوقلاش بايرىمى» قىلىنغان.
قوشكېزەكلەر بازىرى: نېگىرىيىنىڭ ئىلا بازىرى دۇنيا بويىچە قوشكېزەكلەر ئەڭ كۆپ جاي. بۇ بازاردىكى 25 ئائىلنىڭ 22 سىدە قوشكېزەك بار. نىمە ئۈچۈن بۇ يەردە قوشكېزەكلەرنىڭ بۇنداق كۆپ بولدىغانلىقى تېخى بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا.مەنبە:«شىنجاڭ مائارىپى»ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق 12-سانىدىن