بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年01月19日

    ﻫﺎﺭﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ياخشىراق <ئەرﻣﻪﻙ> ﻳﻮﻗﻤﯘ ؟! - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    مىللىتىمىز خەلقى ئەزەلدىن جۇشقۇن، ئەمگەكچان، مەرتلىك، باھادىرلىقنى ئەلا بىلىدىغان، كاللىسى سەگەك، قىزىققان  مىللەت ئىدى، لىكىن ھازىر "ھاراق" تىن ئىبارەت بۇ "سۆيۈملۈك نىجىس" ھازىرقى ئەۋلاتلارنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرماپ، ئىرادىسىنى سۈندۇرۇپ، كۈچىنى خورىتىپ، ياشلىرىمىزنى «ئۆسۈملۈك ئادەم» گە ئايلاندۇرۇپ، مىللەتنى ھالاكەت گىردابىغا باشلاشقا قىزغىن "تۆھپە" قوشماقتا.
         شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنى ئۇقۇغىنىمىزدا، يۈزدە %90 جىنايەتنىڭ سادىر بولۇشىغا  ھاراقنىڭ سەۋەپكار بولىدىغانلىقى، نىرۋىسى ساق، ئەقلى نۇرمال بىر ئادەمنىڭ ھاراق ئېچىش سەۋەبىدىن بىردەمدىلا جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشىنىمىز، دوختۇرخانىدا دوختۇرنىڭ ھاراق، تاماكىدىن نىرى تۇرۇش توغرىسدىكى ئاگاھلاندۇرىشىنى ئاڭلايمىز، جەمئىيەتتە ھاراقنىڭ، ھاراقكەشلىكنىڭ ئەمەلىي زىيانلىرىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز.  
                  بىر تۇنگاندىن «ھاراق چوشقا گۆشىدىنمۇ بەكرەك ھارام» دىگەن گەپنى ئاڭلىغانمەن. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ئىبرەتلىك ھىكايە بار ئىكەن: ھاراق ئەسلى ھارام ئەمەسكەندۇق، مەلۇم بىر مۇسۇلمان پادىشاھ جەڭدە غالىپ كەلگەن ئۆز سەركەردىسىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، ھەمدە ئۇنىڭ ئىتىقادىنى سىناش ئۈچۈن، ھاراق، خوتۇن (نازىنىن)ۋە چوشقا گۆشىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىنئامنىڭ بىرسىنى تاللاشنى بۇيرۇپتۇ، بۇ مۇسۇلمان سەركەردە (ئۇنىڭ ھالال جۇپتى بار ئىكەن ) ئۆز ھالال جۇپتىدىن باشقا  خوتۇننى تاللاشنى نامەھرەم دەپ قاراپ، چوشقا گوشىنى ھارام دەپ بىلىپ، ئاخىرى ھاراقنى تاللاپ، ھاراقنى ئازراق ئىچىپ ئاستا ئۆيۈمدە ئۇخلىۋالايچۇ، دەپ ھاراقنى ئىچىپ بىقىپتۇ، دەسلەپتە تولىمۇ قاڭسىق بىلىنگەن بۇ نەرسە ئىككىنجى ئاپقۇرنى ئىچكەندىن كىيىن شۇنداق ياخشى نەرسىدەك بىلىنىپ كىتىپتۇ، ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشۇنداق ياخشى نەرسىنى چەكلىگەنلىكىدىن ئاغرىنىپتۇ-دە ھاراقنى بولىشىغا ئىچىپتۇ، مەس بولغاندىن كىىين قۇرساق تازا ئاچقاندەك قىلىپتۇ، چوشقا گۆشى كۆزىگە ئوت كۆرۈنۈپ كىتىپ ئۇنى تازا مەززە قىلىپ يەپتۇ، قورساق توق، ئەھۋال شاش بولغاندىن كىيىن، ھىلىقى نازىنىن بىلەن زىنا قىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەھلى جامائەت ئەتىسى ئۇنى چالما گىزەك قىلىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. شۇندىن كىىين ھاراق ئۆزىمۇ ھارام، كەيپى تىخى ھارام دەپ ئاتىلىپ چەكلىنىپتۇ.
            لىكىن ھازىر ئەمەلىي تۇرمۇشتا بىزنىڭ ھەرقانداق ئىشىمىز ھاراقسىز يۈرۈشمەيدىغان، كۈنىمىز ھاراقسىز ئۆتمەيدىغان بولۇپ قالدى.   ﺗﻮﻳﺪﺍ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻤﯩﺴﻪﻙ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﺰﺯﯨﻤﺎﻳﺪﯗ، ئۇﺳﯘﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ئىگىسىنى «پىخسىق» لىق قىلدى، دەپ غودۇرىغىنىمىزچە،  شۇ توي مەرىكىدىن بىر-ئىككىدىن بولۇپ  ئاستا-ئاستا چىقىپ كىتىمىز-دە، توينى خەق قىلسا بىز چىدىمىغاندەك سىرتتا ئولتۇرۇپ ئاچچىق ھاراقنى ئىچىپ كىتىمىز. «پىخسىق» دىگەن يامان ئاتاققا قېلىشنى خالىمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، تويدا ھاراق قۇيۇشنى پەرز قىلۋالدۇق.
           ئاﺭﺍﻡ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ئەﯓ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ-ئوﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺭﯨﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻏﯩﺰﺍﻻﻧﻐﺎﭺﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺸﻤﯘ ئەﯓ ﻣﻮﻫﯩﻢ " ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.  ﺑﺎﺷﻠﯩﻖﺗﻪﯕﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻫﺎﺭﺍﻕ ئەﻣﻪﺱ، ﺯﻩﻫﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ئۇﻧﻰ " ﺯﻩﻡ-ﺯﻩﻡ " ئوﺭﻧﯩﺪﺍﺋﯩﭽﯩﯟﯨﺘﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ئاﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ باشلىق بىلەن ئولتۇرغاندا ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ، ئۇﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺱ-ﺑﻪﺳﺘﻪ ﻫﺎﺭﺍﻕﺗﯘﺗﯘﭖ، ئۇﻧﻰ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﻕ، ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻴﺘﺴﺎﻕ " ﻏﻪﺭﻕ ﻣﻪﺱ" ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻤﯩﺴﻪﻙﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﻮﯓ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻤﯘ ئاﺳﺎﻥ ﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ئۇﻧﻰ ﻣﻪﺱ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺧﯩﻠﻰ ﺟﯩﻖﺋﯩﭽﯩﯟﯨﻠﯩﭗ، ﺷﯘ ﻛﯩﭽﯩﭽﻪ ئۇﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻱ ﻏﻮﻧﯩﺠﯩﻦ ئاﺯﺍﯞﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺟﯩﻢ ئوﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ئاﻳﺎﻟﻼﺭﻣﯘ  بىردەمدىن كىيىن ﺑﯩﺰ ئەﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺳﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ !، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ نىمە دىگۈلۈك! ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﺘﻰ، ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﻛﺎﺭﯨﻢ ! ، دەپ يۈرىۋەرسەك بولارمۇ؟! ئەرلەرنىڭ ھاراق ئىچىشىنى توسىيالمايۋاتقاندا،ئاياللارنىڭ ھاراق ئىچىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئاچچىق ھەم چوڭقۇر ئويغا سالماي قالمايدۇ. چۈنكى، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺴﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ئاﺩﻩﻡ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ئامىرىكىدىكى پادىچىلار كىيىۋالغان چوپان شىم  ئامىرىكىدىن نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىكى باشقا قىتئەگە جايلاشقان تەكلىماكان باغرىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرغا تەسىر قىلماي قالمىدىغۇ؟! ، شۇ سەۋەبلىك مىللىي كىيىملىرىمىز بۈگۈنكى كۈندە قانچىلىك دەپسەندە بولدى؟! مۇشۇنى ئويلىساقلا كۇپايە. مەن تىلغا ئالغان ئاﺷﯘ ئاﻳﺎﻟﻼﺭ ﻧﺎﻫﯩﯩﻴﻤﯩﺰﺩﻩﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﻣﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯗ، ئاﺷﯘﻻﺭ ﻣﯘﺷﯘﻣﺪﺍﻕ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻜﯩﻠﻰﺗﯘﺭﺳﺎ، ئەﻣﺪﻯ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ " ئاﺷﯘ ئاﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔﺋﯩﭽﻜﯩﻨﯩنى كۆرۈپ، ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘ ﺑﻪﻟﻪﻥ ﺋﯩﺶ ئوﺧﺸﺎﻳﺪﯗ " ﺩﻩﭖ ﻫﺎﺭﺍﻕﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﯩﻘﯩﭗ ئاﺷﯘ ﻧﯩﺠﯩﺴﻜﻪ ﯴﮔﯜﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﻛﯩﻢ ﻫﯚﺩﺩﻩ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ، ئاﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﺭﺍﻕﺋﯩﭽﯩﺸﻰ ئوﻣﻮﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ " ﻣﻮﺩﺍ " ﺩﯨﻦﭼﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ. ﺩﯨﻤﻪﻙ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻜﯩﻨﻰ ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯘ ﺋﯩﻠﻠﻪﺕ ئاﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﯲﺯ ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﯘﻗﯩﺪﯗ، ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﯲﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ. ئابلىكىم كەلكۈننىڭ «شەيتان» دىگەن ئىتۇتىدا «ئاياللىرى بۇزۇلغان قۇۋم ھالاك بولماي قالمايدۇ» دىگەن ناھايىتى ئۇلۇق بىر جۈملە سۆز بار.
         ئامىرىكا قۇرۇقلىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكىي خوجايىنى بولغان ئىندىئانلار ئەسلىدە ھاراق دەيدىغان نەرسىنى بىلمەيدىغان ناھايىتى كۆچتۈنگۈر مىللەت ئىكەن، ياۋۇپالىقلار ئامىرىكا قۇرۇقلىقىغا ھاراقنى بىللە ئىلىپ كىلىپ ئىندىئانلارغا ھاراق ئىچىشنى ئۈگەتكەن، بۇ ئارقىلىق ياۋرۇپالىقلار ئىندىئانلارنى چۈشكۈنلەشتۈرۈش مەخسىدىگە تامامەن يەتكەن. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ھەددىدىن زىيادە تىز بولغان، دۇنيادا تۇنجى بولۇپ تۇغۇت چەكلەشنى يولغا قويغان ئىندىئانلار بارا-بارا ھاراقكەش مىللەتكە ئايلىنىپ قىلىپ، ئۇرۇقى ئاسستا-ئاستا پىچەكلىشىپ، تۇغۇت نىسبىتى تۆۋەنلەپ، نوپۇسىنىڭ سانى ئازىىيپ كەتكەن. ئۇلار ھاراققا شۇنچىلىك بىرىلىپ كەتكەنكى، ھەتتا بىر پوتۇلكا ھاراققا بىرمۇنچە زىمىنىنى تىگىشىۋەتكەن. ئىندىئانلار نەچچە ئەسىردىن بۇيان قانداق قىسمەتلەرنى كۆرۈۋاتىدۇ؟! بۇ كۆپچىلىك ئۇيغۇرغا ئايان.
           غەرپنىڭ بىر سىتىراتىگىيىچىسى:مۇسۇلمانلاردىكى ئىتىقاد بىرلىكىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ، ئۇلار شۇ بىرلىكنىڭ تەسىرىدە ئۇيۇشۇۋالسا بىزگە كۈن يوق، ئۇلارنى چۈشكۈنلەشتۈرۈشنىڭ ئىككى قۇرالى بار، بىرى ھاراق، بىرى تانسا، دىگەن ئىكەن.لىكىن بىز ئاشۇ ئىككى نىجىسكە بىشىمىزچىلاپ كىرىۋاتىمىز،بىزدە ھاراق ئىچمىگەنلەرنىڭ ئاغىينىسى بولمايدۇ، ئۇنداقلار يالغۇز قالىدۇ، ئۇنداقلارنىڭ توي تۆكۈن، نەزىرە چىراقلىرىغا بەك بىرىپمۇ كەتمەيمىز. چۈنكى ئۇنداقلار بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئوغۇلبالىدارچىلىقى يوقتەك كۆرىنىدۇ. ئاغىينىسى تەڭلىگەن ھاراقنى ئالمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئىككى يىقىن ئاغىيىنىنىڭ شۇ سەۋەبلىك ئاغىينىدارچىلىقتىن كېچىشىپ كەتكىنىنى كۆرگەنمەن. بىزدە ئاغىينىدارچىلىق بىلەن ھاراقكەشلىك ئۇقۇمى بىر-بىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.  بىزدە تونۇشمىغانلار ھاراق سورۇنىدا بىردەمدىلا تونۇشۇپ دوست بولۇپ كىتىدىغان، ھاراق ئىچىشتە قاتتىق ھەمكارلىشىدىغان، رۇمكا بىلەن بىر-بىرىسىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان "ئۇلۇقلۇق" لار بار، لىكىن پەن-تىخنىكا، سودا-سانائەت، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە باشقا ئىلمىي ئەمگەك ساھەلىرىدە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىدىغانلار يوق دىيەرلىك. ھەتتا يىرى قوشنا ئىككى دىھقانمۇ دىھقانچىلىق ئىشلىرىدا ئۆز-ئارا  ھەمكارلاشمايدۇ. بىر ئىشخانىدا ئىشلەۋاتقان ئىككى كادىر ھەتتا شۇ ئىشخانىنىڭ تازىلىقىنى قىلشتىمۇ بىر-بىرىگە بەست قىلىدۇ..
         ﺑﺎﺷﻠﯩﻖﺗﻪﯕﻠﯩﮕﻪﻥ ﻫﺎﺭﺍﻗﻨﻰ ﺋﻰ ﺋﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻨﺠﯩﻘﻼﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻱ، ﺋﯩﻠﯩﭙﻼ، ﺋﯩﭽﯩﯟﯨﺘﯩﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﺎ ! ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎﯲﺳﻪﻟﻤﻪﻱ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﯨﯟﯨﺮﯨﺴﯩﻠﻪﺭ. ﺧﻪﻕ ﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ئوﻗﯘﻏﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﯖﻼﺭﻏﺎ، ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﯖﻼﺭﻏﺎﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ «ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯕﻼﺭ».
          ھاراق دىگەننى كۈچ ئىچىدۇ، بىلىنىڭ ماغدۇرى بار ئەردەم ئوغۇل بالا ھاراق كۆتۈرەلەيدۇ، دەپ قاراپ، ھاراقكەشلىكنى نوچىلىقنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالدۇق، نوچىلىرىمىز ۋە كۈچتۈنگۈرلىرىمىزنى ھاراق سورۇنىغا باشلاپ ئۇلارنىمۇ يىگىلىتىپ چىلگە قىلىۋەتتۇق. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ناۋايلىققا شاگىرت بولغان چېغىدا، 17 يېشىدا بىر تاغار بۇغداي (ئۇ زاماننىڭ بىر تاغار بۇغدىيى 120-150 كىلوغىچە كىلەركەنتۇق) نى يەردىن دەس كۆتۈرۈپ مۆرىسىگە ئالغان سىيىت نوچى ھازىر بار بولغان بولسا "نوچىغا بىر رۇمكا كۆڭلۈم بار" دەپ ھەممىمىز ئۇنىڭغا كەينى-كەينىدىن كۈندە ھاراق قۇيۇپ، ئۇنىمۇ ئاخىر " سىيىت زابوي" قىلىۋىتىپ، "كاللام ساق، پۇت قولۇمدا جان يوق، تۈنۈگۈن قاراشەھەر دەرۋازىسىنى مۇش پەشۋا بىلەن ئاچقان ئىدىم، بۈگۈن ئۆزەمنىڭ ئىشىكىنىڭ قۇلۇپىنىمۇ ئاچالمايۋاتىمەنغۇ، بولمىسا قولۇمدا ئاچقۇچ بار" دىگۈدەك ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشىمىز تۇرغانلا گەپ !  باھادىرلىق، كۈچتۇڭگۈرلۈك چېلىش-جەڭلەردە، جانبازلىق مەيدانلىرىدا  دۈشمەننى يەر چىشلىتىش بىلەن ئۆلچىنىشى كىرەكتىغۇ؟!!!  
            بىزنىڭ بۇنداق ئۆز كىشىلىرىمىزگە ھاراق زورلاپ، دوستلىرىمىزنى ئاستا خاراكتىرلىك زەھەرلەپ، ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزنى روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زەئىپلەشتۈرۈشتىكى مەخسىدىمىز زادى نىمە؟!!!   
         بەزى باشلىقلار ھاراق ئىچمىگەن، تاماكا چەكمىگەن كادىرنى "ۋاخابىي"  دەپ ئۇدۇللا گۇمانلىنىۋىرىدۇ، قاراڭ، بۇنىڭدىن ھاراقكەشلىكنىڭ سىياسىي-ئىدديىۋى ھالەتنى ئۆلچەشتىكى موھىم ئۆلچەم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ  قالغىنىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
           شۇنچە يىقىن ئاغىينىلەرمۇ بىر پوتۇلكىنى تىكلىمەي تۇرۇپ، ئەركىن، ئازادە سىردىشىپ پاراڭلىشالمايمىز.
         چوڭمۇ كىچىكمۇ، ئەرمۇ ئايالمۇ، باشلىقمۇ پۇقرامۇ، يىگىتمۇ -قىزمۇ، دوستمۇ-بۇرادەرمۇ، ئاتىمۇ-بالىمۇ  ھەممىسى ئاشۇنداق ھاراق ئىچكىلى تۇرسا، ھاراق پۈتۈن بەدىنىمىزنى ئۆزىگە كۆندۈرىۋالسا، بىر كۈنلەرگە بىرىپ كەچلىرى ھاراق ئىچىۋالمىساق ئۆزىمىزنىڭ خوتۇنىمىزغىمۇ گەپ قىلالمايدىغان ھالغا بىرىپ قالارمىزمۇ؟، ئۇرۇقىمىز پۈچەكلىشىپ كىتىپ، مىللىتىمىز قۇرۇپ كىتەرمۇ؟! دەپ ئاچچىق خىيال سۈرۈپ كىتىمەن.
    ﻫﺎﺭﺍﻗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﺩﯨﺸﯟﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻼﺭ، ﺩﻩﺭﺕ-ئەﻟﻪﻣﻠﻪﺭ، ﺯﻩﻫﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ئاﭼﭽﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﻧﻼﺭ ئۇﻳﻐﯘﺭﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻣﺎﯕﺪﺍﻣﺪﺍ ﺑﯩﺮ ئۇﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
          ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ، ﻫﺎﺭﺍﻗﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻣﻪﻥﺩﯨﺪﺍﺭﻻﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻫﻪﻣﺮﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ بىزگە ئىجابىي تەسىرى بولغان، ﻫﺎﺭﺍﻗﺘﯩﻨﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﯩراق ﺑﯩﺮ " ئەﻣﻪﻙ ﺋﯩﺠﺎﺕﻗﯩﻠﯩﺶ " ﯴﭼﯜﻥ ئۇﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﻣﯩﻨﯩﯔﺑﯘ ئوﻳﯘﻡ ﺭﯨﯫﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ئاﻳﻠﯩﻨﺎﺭﻣﯘ ؟ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰﯴﻣﯜﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

    بىلىك كۇلۇبىدىن ئەلتۈرك يازمىسى





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68