بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年01月18日

    ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلىشىنىڭ ئالتە چوڭ سىرى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    بۇيىل ئالىي مەكتەپلەرگە كۆپەيتىپ ئوقۇغۇچى قىلغاندىن كېيىن مەكتەپ پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلار شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان ئۇچىنچى يىل،ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلىشىش يولىنى ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،مۇناسىۋەتلىك تارماقلار توختىماي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى رىغبەتلەندۇرۇپ ئۆز ئالدىغان ئىگىلىك تىكلەشكە پايدىلىق سىياسەتلەرنى كېڭەيتىۋاتىدۇ.شۇنداقلا يەنە جەمئىيىتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ.شۇڭلاشقا <<ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش>>دىگەن تېما ئۇستىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇشۇ ئىشقا بولغان ئىنكاسى بىردەك.بۇ بىر نەچچە يىل ئىلگىركى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالتۇندەك ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ ئىگىلىك تىكلەيمەن دەپ مەغلۇپ بولغانلار بىلەن بولغان روشەن سېلىشتۇرمىسى.مۇشۇ سەۋەپ تۇپەيلىدىن ،بىز بىر قىسىم مۇتەخخەسىس ۋە مەكتەپ پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلىپ،ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلشنىڭ ئالتە چوڭ سىرىنى خۇلاسىلەپ چىقتۇق.ئۇلارنىڭ دىگەن سۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىنىۋاتقان مەكتەپ پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز.

    بىرىنچى:ئۆزىگە ئىشىنىش.

    بىز نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن<<بىرلا چىچەكلەپ توزۇپ كەتكەن گۇلدەك>>مەغلۇپ بولغان تەجرىبىلىرىنى جىق ئاڭلىغان .بۇگۇنكى دەۋىردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە بولغان تەسەۋۋۇرلىرى كۆپ،بىراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئاز.2004-يىلى شاڭخەيدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى JA سودىگەرچىلىك ئۇيۇشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە،ماھىرلار ئارقا-ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پىلانىنى كۆرسەتتى.قىزىقارلىق يىرى شۇكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۇچىمۇ ئۆزىنىڭ <<قۇرۇق پەرەز>>پىلانىنى كۆرسىتىپ،يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۇردى.ئەمما باھالىغۇچىلار ئۇنىڭ ئىجادىيتى بولسا بارلىق قاتناشقۇچىلار ئىچىدىكى ئەڭ ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە ئىجادىيەت دەپ قارىغان.مۇتەخخەسسىسنىڭ كۆز قارىشىچە ،مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشى ھازىر يېڭىلىق يارىتىش روھى بولغان ئۇقۇغۇچىلاردا ئۆزىگە  ئىشىنىش ئىقتىدارى يىتەرلىك ئەمەس.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىگىلىك تىكلەش بولسا قايناق ھېسىياتقا ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشكە موھتاج.

    ئىككىنچى:يېڭىلىق يارىتىش .

    ئىگىلىك تىكلەش ئۇستىدە توختالغاندا،يېڭىلىق يارىتىش روھى كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئامىل.مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا،يېڭىلىق يارىتىش روھى ئىگىلىك تىكلەشنىڭ غەلبە قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.بۇ تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىش ۋە پىكىر قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىشتىن پايدىلنىشنى  ئويلايدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا،مۇتەخخەسىسسىنىڭ قارىشىچە چوقۇم تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل شەرتنى ھازىرلىشى كىرەك:مۇستەقىل بىلىم مۇلۇك ھوقۇقىنى ئىجاد قىلىشقا ئىگە بولۇش.شۇ كەشىپ قىلماقچى بولغان نەرسە بازارلىق مەھسولاتقا ئايلىنالايدىغان ھەمدە زور كۆلەملىك بازار ئىستىقبالى بار بولۇشى كىرەك.ھەمدە يەنە ئىشەنچىلىك مەبلەخ مەنبەسى بار بولۇشى لازىم.

    ئۇچىنچىدىن:كونكىرىت(ئەمەلىي)بولۇش.

    ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتكۇل جەمئىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.ئىگىلىك تىكلەشنى تىلغا ئېلىش بىلەن تەڭ ئويلايدىغىنى بولسا،يوقىرى پەن تېخنىكىلىق سانائەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەت.بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ،بىراق ئىگىلىك تىكلەش چوقۇم پۇتۇنلەي چوڭ شىركەت ئېچىىپ،زور كۆلەملىك سودا-سېتىق قىلىش ئەمەس. بۇ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئىچىدە بىر تۇرلۇك ئىسلاھات قىلىش مەزمونىغا ئىگە تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىش بولغان تەقدىردىمۇ،ياكى بولمىسا كىچىك دۇكان ئاچقان تەقدىردىمۇ،بۇلارمۇ ئوخشاشلا ئىگىلىك تىكلەش ھېسابلىندۇ.ئەڭ مۇھىم بولغىنى بولسا مەكتەپ پۇتتۇگەن ئوقۇغۇچىلار ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلالامدۇ،قىلالمامدۇ؟ئەمىلىيەتتە جۇرئەتلىك بىلەن ئىش قىلىپ،ئىگىلىك تىكلەشكە نىسبەتەن چوڭقۇر ۋە تەپسىلىي قاراپ چىقىپ،جەمئىيەتتە ۋە كوللىكتىپنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسگە نىسبەتەن چوڭقۇر چۇشىنىپ چىقىپ.،قارغۇلارچە ئىش قىلماي،ئۆزىدە بار بولغان ئىقتىدارلارنى نامايەن قىلىش  كىرەك.

    تۆتىنچى:بىلىم توپلاش.

    ئىگىلىك تىكلەش بولسا بىر سېستىما قۇرۇلىشى بولۇپ،پەقەت ئىجاد قىلىشقا موھتاج بولۇپلا قالماي يەنە ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ بىر قەدەر يوقىرى بولغان كۆپ تەرەپلىك بىلىملەرگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئەڭ مۇھىم نامايەندىسى بولسا ھازىرقى بىلىم قۇرۇلمىسى ،كەسىپي تەجرىبىسى،بايلىق مەنبەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش،جەمئىيەت ئالاقە تورى قۇرۇلىشى،باشقۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق تەرەپلەردىن بولىدۇ.بىراق بۇ نەتىجىلەرنى 3-5يىلغىچە ئىجتىمائىي خىزمەت تەجرىبىسىدىن يىغىمەن  دىيىش مۇمكىن ئەمەس.

    بەشىنچى:جاپالىق كۆرەش قىلىش.

    بەلكىم بەزى ئادەملەر بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن كۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن،بىراق مۇشۇ تېمىنى ھەقىقىي چۇشىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ ئىچىدە،بىرمۇ تەكىتلەيدىغىنى كۆزگە كۆرىنىدىغىنى يوق دىيەرلىك.ئىگىلىك ھەرگىزمۇ شامالدا چاڭلىشىدىغان چىچەك ئەمەس.بۇ ۋاقىتتىكى جاپا-مۇشاقەتنى پەقەت ئۆتكۇزۇپ باققان تالانىت ئىگىلىرىلا بىلەلەيدۇ.؛<<ھەر كۇنى ئەتتىگەن سائەت 8دىن باشلاپ خىزمەت قىلىپ تاڭغا يېقىن 3تە دەم ئېلىش،ھەپتىلىك ئارام ئېلىش ۋاقتى يوق،كۆڭۇل ئېچىشمۇ يوق،>>بولماي،ئەكسىچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى چوقۇم مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلگەن كىشىلەر ئاندىن مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ .بۇنىڭدىن باشقا يەنە شىركەت مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىن ئىلگىرى،باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزگە خەتەرلىك مەبلەخنى بىرىشىگە ئىشەنچ قىلماسلىق كىرەك.

    ئالتىنچى: مەبلەغ جەلىپ قىلىشنىڭ مۇھىم ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش.

    سودا پىلانىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى يېزىش،بۇنىڭدا مۇنداق بىر نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز،چۇنكى سودا پىلانى كارخانا ئوبورت ئايلانمىسىنىڭ مۇھىم ئامىلى بولغان مەبلەخكە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىجادىيتىنى سودا پىلانى قىلىپ يېزىپ چىقىش ھەمدە مەبلەخ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەخ سېلىشىنى  قايىل قىلىش بولسا ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ ئەڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە.1998-يىلدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە 2000-يىلدىكى تور قالايمىقانچىلىقدىن كېيىن،مەبلەخ سالغۇچىلار تېخىمۇ سەزگۇرلىشىپ،ھەتتا تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ كەتتى.ھەر كۇنى ئۇلارنى ئىزلەپ مەبلەخ سېلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلار پەقەت بىرلا ئەمەس،شۇڭلاشقا قانداق قىلىپ سودا پىلانىنى مەبلەخ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلالايدىغان قىلىش بولسا ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى سىنايدىغان مۇھىم ھالقا.

    مەنبە : ئەقلىيار ئىگىلىك مۇنبىرى





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68