بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2009年01月17日

    google ھەققىدە

    1. ئالدى بىلەن سىزدە مەلۇم دەرىجىدە خەنزۇچە يازالايدىغان، تونۇيالايدىغان سەۋىيە بولىشى كىرەك. بولمىسا بىر پۈتۈن جەرياندا بەكلا قىينىلىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.
    2. ئۇنڭدىن باشقا مەلۇم ئىقىم مىقدارى بولغان بىكىتىڭىز بولىشى كىرەك. بلوگ بولسىمۇ بولىدۇ. لىكىن چوقۇم ئىقىمى بولىشى كىرەك. ئۇيغۇر بلوگ تورىدىن ئىلتىماس قىلغان بولسىڭىز، ئۇ يەرگە قارىۋالماي ئۆزىڭىزنىڭ بلوگى بولغاندىن كىيىن ئۆزىڭىز تەشۋىق قىلىشىڭىز، كىڭەيتىشىڭىز كىرەك. (بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە مەزمۇن بولمىسا بولمايدۇ.) ئۇ يەردە كۈنىدە 100 تىما يوللىسڭىزمۇ ئىلان چېكىپ قويىدىغانلار بولسىمۇ كۆرىدىغانلار تايىنلىق، شۇنىڭ بىلەن چىكىلىش مىقدارى ئىشىپ كىتىدۇ-دە ھىساباتىڭىز چەكلىنىدۇ.
    3.دوستلىرىمغىلا چەكتۈرۈپ بىيىپ كىتىمەن، گوگولدىن پۇل تىپىپ كىتىمەن دەپ قارىغان بولسىڭىز، بۇ قارشىڭىز پۈتۈنلەي خاتا. ئۇنىڭ چىكىلىش مىقدارى، ئىلاننىڭ چىقىش مىقدارى، يەنە ....قاتارلىق بىرمۇنچە ئۆلچەملىرى بار. بىردەك بولمىسا، ھىساباتىڭىز چەكلىنىدۇ. ھاياجانغا تولغان شىرىن ھىس تۇيغۇلىرىڭىز، كۆپۈك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
    4. چېكىلىش نىسبىتىنى 2% دىن تۆۋەن كونتىرول قىلىشىڭىز كىرەك. بولمىسا ھەر ۋاقىت ھىساباتىڭىزنىڭ چەكلىنىش ئىھتىماللىقى بار.
    (بۇ يەردە شەخسى تەۋىسسيەم، ئەخلەت پونكىت قۇرۇپ ئىقىم توپلايسىز. ھەقسىز بوشلۇقلاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.. قانال قۇرمايسىز. چۈنكى قانال قۇرسىڭىز بىر قانالنىڭ چىكىلىش نىسبىتى 50% ، يەنە بىرسىنىڭ 0.1% بولسىمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك، ئەگەر قانال بولمىسا، بۇ قىممەت ماسلىشىپ ماڭىدۇ. خەتەر ئازىيدۇ. ئەخلەت پونكىتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىسڭىز، توردىن ئىزدەپ بېقىڭ. بەلكىم كىينىكى تىمىلىرىمدا ئەخلەت پونكىت ھەققىدە چۈشەنچە بىرىشممۇ مۇمكىن. ئەخلەت پونكىن قۇرۇشتىكى مەخسەت، ئىقىم توپلاش. ئىلاننىڭ چىقىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش. قانال قۇرمىسڭىز ، باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق، مەسىلەن ئۇيغۇر بلوگقا قويۇپ كۆپ تورداشلارغا چەكتۈرەلەيسىز. لىكىن بىلوگىڭىزدا ئىقىم بولمىغاچقا، دەل مۇشۇنى باشقا ئەخلەت پونكىت ئارقىلىق تولۇقلايسىز.
    5. بىكەت قۇرساملا پۇل تاپالايمەن دىگەن خاتا ئىدىيە. مۇشۇنداق خىيالدا بولسىڭىز، سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. بىكەت قۇرۇش باشقا گەپ. تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئادەم كىرىدىغان قىلىش ئۇ باشقا گەپ.
    6. ئىلان ئىلتىماس قىلىپ تۇنجى قىتىم گوگولدىن پۇل ئالغۇچە، بەش ئايدىن ئالتە ئايغىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن. سەۋىر تاقىتىڭىز بولمىسا قىلمايلا قويۇڭ. پۇل تېپىش ھەرگىز ئاسان ئىش ئەمەس.شۇڭلاشقا ئۇزۇن سەپەرگە ئىدىڭىزدە تەييارلىق بولىشى كىرەك. مەسىلەن ئىلتىماس قىلىشقا بىر ھەپتە كىتىدۇ. ئىلان قويۇپ 100 دوللارغا توشقىچە...ۋاقىت كىتىدۇ. سىزگە ئەۋەتكەن pin نىڭ شىنجاڭ ئچىدە كىلىش سۈرىتى ئاستا بولىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ 10 كۈندىن 20 كۈنگىچە ۋاقىت كىتىدۇ. بۇ ئايدا پۇلىڭىز 100 دوللارغا توشقان بولسا، كىلەر ئاينىڭ ئاخىرى سىزگە پۇلنى ئەۋەتىدۇ. سىزگە چەكنىڭ كىلىشى ئۈچۈنمۇ ۋاقىت كىتىدۇ. چەكنى قولىڭىزغا ئالسىڭىز، جوڭگو بانكىسى 20 كۈندىن 40 كۈنگىچە بىجىرىپ بىرىدۇ. ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ. تىخى بۇنى تارماق، كىچىك بانكىلار بىجىرەلمەيدۇ. ئۆيىڭىز شەھەردە بولمىسا، بۇنىڭغا تىخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ۋە ئىقتىساد كىتىشى مۇمكىن. (بۇنى جوڭگو بانكىسىلا ئەمەس، باشقا بانكىلارنىڭ مەركىزى پونكىتىمۇ بىجىرەلەيدۇ. تەپسىلاتىنى تۇرۇشلۇق ئورۇندىن سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ. يەنى خەنزۇچىدا 托收 دەيمىز.

    ئەمدى ئىلتىماس قىلىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئۇيغۇر بلوگدا بىر توردىشىمىز ئىلگىرىلا بۇ ھەقتە تەپسىلى رەسىملىك قىلىپ تىما يېزىپ چىقىپتىكەن. شۇنى كۆرۈپ چىقسىڭىزلا ئىلتىماس قىلىشڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ. مېنىڭ ئازراق قوشۇپ قويىدىغىنىم، Blogger دىن ئىلتىماس قىلغان بلوگىڭىزغا ئاۋال بىر قانچە پارچە ماقالە چىقىرۋىتىپ ئىلتىماس قىلىشنى باشلاڭ. بولمىسا مۇۋاپىقىيەتلىك بولمايدۇ. ئۇ توردىشىمىزنىڭ بلوگ ئادىرسى: http://alqut.uyblog.cn ئارىسىدىن قايسىلىقىنى ئۆزىڭىز تىپىۋىلىڭ. گوگولغا ئائىت مەزمۇنلار خىلى كۆپكەن. بۇ يەردە نىمىشقا دىمەيسەن دىسىڭىز مەن ئاددىلا بايان قىلاي. https://www.blogger.com/start دىن بىر بلوگ ئىلتىماس قىلىسز. ئىلتىماس قىلىش جەريانى ئاسان. سىناغا چىقامسىز، سوخوغىمۇ ئىشقىلىپ بىر قانچە ماقالە توپلاپ يوللايسىز. ماقالىنىڭ ئىسمىنى ئاز تولا ئۆزگەرتىپ قويىسىز. چۈنكى بۇ ماقالە گوگولنىڭ ئىزدەش ماشىنىس تەرىپدىن قوبۇل قىلىنىپ بولغان بولسا، سىزنىڭكىنى كۆچۈرگەن، كونا ھىسابلايدۇ. سىز تىمىسىنى ئازراق ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز يىڭى ماقالىگە ئايلىنىدۇ. ئاندىن ئارقا سەھنىڭىزگە كىرىپ تۈر قوشۇشتىن Google Adsense نى قوشىۋالسىڭزلا ئىلان چىقىدۇ. بۇ يەردە سىزنى Email سورايدۇ. دەپ بەرسىڭىز ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ. تولدۇرسىز، ئەۋەتىدۇ، تولدۇرسىز ، ئەۋەتىدۇ.....ئۇزۇن بولسا بىر ھەپتىگىچە مۇشۇنداق قىلىپ ئوينىسىڭىز، ئىلانغا ئىرىشەلەيسىز.(ئەمىلىيەتتە ئىلانغا ئىرىشىپ بولسىڭىز، بۇنداق قىلسىڭىز، Google Adsense دىكى سىزنىڭ كونتىرول سۇپىسىغا كىرەلەيسىز. ھەمدە خالىغان شەكىلدىكى ئىلانلارنى چىقىرىپ ،خالىغان يەرگە قويىۋالايسىز. سۇئال: مۇشۇنداق ئاسانمۇ؟ جاۋاپ: مۇشۇنداق ئاسان.
    4. ئىلتىماس قىلىش مۇۋاپىقيەتلىك بولغاندىن كىيىن، ئەمدى ئىلان قويۇشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
    ئىلان ئۈچ خىلغا بۆلۈنگەن.
    AdSense for Content
    AdSense for Search
    推介
    1) مەزمۇن ئىلانى: بۇنىڭ كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. ئىلان شەكلىمۇ كۆپ. تىكىستلىك، مەزمۇنلۇق ، خالىغان چوڭلۇقتىكى ئىلانلارنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ.
    2) ئىزدەش: بۇنىڭمۇ كىرىمى تۆۋەن. ئاڭلىشىمچە ئىزدەپ چىققان نەتىجە ئارىسىغا ئىلان چىقىرىپ بىرەرمىش. مەن سىناپ باقمىدىم. مۆلچەرىمچە بۇنىڭدىن كۆپ پايدا ئالغىلى بولمايدۇ.
    3) تەۋىسسيە قىلىش: بۇنى سىز تۇنجى ئىلتىماس قىلغاندا بىرىنجى ئەۋلاد بولىدۇ. بىر مەزگىل تەرەققىي قىلسىڭىز، ھىساباتىڭىز ئىككىنجى ئەۋلادقا دەرىجە ئاشۇرىدۇ.(ھازىر مېنىڭ ئىككىنجى ئەۋلاد. ) بىرىنجى ئەۋلاد ۋاقتىدا، پەقەت گوگولنىڭ ئۆزىنىڭ ماللىرىنى تەۋىسيە قىلالايسىز. بۇنىڭ بىرى ھىلىقى ئوت زىيارەتچىسى. بۇنىڭ بىرنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسا، سىزگە 0.1 دوللار پۇل بىرىدۇ. يەنە بىرى Google Adsense نىڭ ئىلانى. بۇنى چېكىپ ئىلتىماس قىلغانلار ئالتە ئىچىدە بەش دوللار پۇل تاپالىسا، سىزگە گوگولدىن بەش دوللار مۇكاپات بىرىدۇ. يەنە بىرى Google Adwords يەنى، ئىلان بەرگۈچىلەرگە قارىتىلغان. بۇنى مەنمۇ ئىشلىتىپ باقمىغان. تەپسىلاتىنى توردىن كۆرۈڭ. ئىككىنجى ئەۋلاد تەۋىسسيەنى ئىشلەتكەنلەرگە گوگول ئۆزىنىڭكىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئورۇنلارنىڭ ئىلانلىرىنى تەمىنلىگەن. بىراق ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرگە ئانچە ماس كەلمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تىزىملاتسا ئاندىن پۇل بىرىدىغان شەكىل. ئەمدى بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك سۇئال-جاۋابلار:بۇ سۇئال جاۋابلا گوگولنىڭ بىيجىڭدىكى ۋاكالەتچىلىرى چاقىرغان يىغىندا سورالغان سۇئاللار ۋە ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى.
    1. ئەگەر بىز ئىنگىلىزچە بىكەت ياساپ ئىلان قويىۋالساق بولامدۇ؟
    جاۋاب: بولىدۇ، لىكىن زىيارەتچىلىرى چوقۇم دۆلەت سىرتىدىن بولىشى كىرەك. پۈتۈنلەي دۆلەت ئچىدىن بولسا ھىسابات چەكلىنىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلىدۇ.
    2. گوگولنىڭ پۇل ئەۋەتىش ۋاقتى، ۋە دۆلىتىمىزدە بىجىرلىش سۈرىتى ئىنتايىن ئاستا. بۇ قاچان ھەل بولىدۇ؟
    جاۋاب: بۇنىڭ شىركەت مەخسۇس ئادەم ئاجىراتقان. ھەل قىلىۋاتىدۇ. (لىكىن مۇشۇنداق بولسا، دۆلىتىمىز باج سىياسىتى بويىچە 20% دىن يۇقىرى باج ئىلىنىدىكەن. شۇڭا بۇ ئۇسۇل تەۋىسسيە قىلىنمايدۇ.)
    3. ئۆزۈم ئۆزۈمنىڭ ئىلانىنى چېكىپ سالسام قانداق بولىدۇ؟ ھىساباتىم چەكلىنەمدۇ؟ ئوخشاش ip, ئوخشىمىغان كومپىيۇتىردا چىكىلسىچۇ؟
    جاۋاپ: ئۆزى ئىھتىيات قىلماي چېكىپ سالسا، بىر ھەپتە ئىچىدە نەچچە رەت تەكرارلانسا، ھىچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. لىكىن تەكرارلىنىۋەرسە، كۈندە نەچچە رەت چېكىلسە، ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلىدۇ. ئەگەر ئوخشاش بىر دائىرلىك توردا، ئوخشىمىغان كومپىيۇتىردا ئىلان چىكىلسە، ھىچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. گوگولنىڭ ئەگىشىش ئىقتىدارى ip ئەگىىشش تىخىنىكىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.
    4. يىڭى بىر كۆزنەكتە ئىلاننى چەكسە بولامدۇ؟
    جاۋاپ: بولىدۇ. لىكىن دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم يىڭى كۆزنەكتە ئېچىشنى چەكلەيدىغان قۇراللار ۋە ئىلان ئىگىلىرىنىڭ تەكلىۋى نەزەردە تۇتۇلۇپ، بۇنداق قىلىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. ھەم ئۈنىمۇ شۇ كۆزنەكتە ئېچىشتەك ياخشى بولمايدۇ.
    5. گوگول بىكەت باشلىقلىرىنىڭ مەنپەتى بىلەن قىلچە ھىسابلاشمايلا، ھىساباتنى چەكلىۋىتەمدۇ؟
    جاۋاپ: جوڭگو دۆلەت ئەھۋالىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى، جوڭگودىكى بىكەت باشلىقلىرى كۆپىنچە ھاللاردا ئۆلچەملەشمىگەن بىكەتلەرنى ياسايدۇ. ۋىرۇس مۇمالار ساماندەك. قوشۇلمىلار خالىغانچە چۈشىۋالىدۇ. بۇ ھالەت جوڭگو بىكەتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قلىشىغا ئىغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. گوگول جوڭگونىڭ ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەلۋەتتە بىكەت باشلىقلىرىنىڭ تىخىمۇ كۆپ كىرىم يارىتىشىنى قوللايدۇ. ئىلگىرى گوگول سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايلا، قائىدىسز دەپ قارالغان بىكەت باشلىقلىرىنىڭ ھىساباتىنى چەكلىۋىتەتتى. ھازىر گوگولنىڭ گوگولنىڭ جوڭگو گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كىين، بۇ جەھەتتە كۆپ ياخشىلىنىش بولدى. ساختىلىق قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلدى.ئۆزگەرتمىسە، ھىساباتى چەكلەندى. شۇڭا ساختىلىق قىلىۋاتقان بىكەت باشلىقلىرىنى ئاگاھلاندۇرىمىز. ھەرگىزمۇ گوگول بىلەن ساختىلىق قىلىپ ئويناشماڭ. سىلەر يىڭەلمەيسىلەر.
    (شەخسى قاراش، ئۇيغۇرچە بىكەتلەرمۇ دۆلىتىمىزگە تەۋە بولغاچقا، گوگولنىڭ جوڭگۇ گۇرۇپپىسى ساختىلىق قىلغانلارنى بايقىيالمايدۇ.پەقەت چىكىلىش مىقدارى ئىشىپ كەتمىسىلا ئاساسەن ھىساباتى چەكلىنىپ كەتمەيدۇ. لىكىن خەنزۇچە بىكەتلەردە تولىمۇ ئىغىر. )
    6. ئىلان كىرىمىنىڭ قانچىلىك قىسمى بىكەت باشلىقلىرىغا تەقسىملىنىدۇ؟
    جاۋاپ: بۇنىڭ ئىنىق نىسبىتى يوق. كۆپ قىسمى بىكەت باشلىقلىرىغا بىرىلىدۇ.

    ئاخىرىدا بىكەت باشلىقلىرى پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بىر نەچچە مەسىلە
    1. گوگول ئىلانى ئوينىغاندا، كەسپى بىكەتلەر ئەڭ ياخشى تاللاش. كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىردىكى بىكەتلەرنىڭ كىرىمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. (مېنىڭ قارىشىم: بۇ دىگەنلىك گوگول ئىلانى شۇ تور بەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن چىقىدۇ. ئۇيغۇرچە بىكەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىشقا ئامالسىز. شۇڭا قانداق بولسا بەرىبىر.ئىلان چىقسلا ھىساب،شۇنداقتىمۇ بىكەت مەزمۇنى ئارىسىغا ئاز تولا ئېنگىلىزچە ئەھمىيەتلىك ئاتالغۇلارنى قىستۇرۇپ قويسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ)
    2. JS ئارقىلىق ئىلاننى باشقا بەتكە تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.لىكىن JS ئارقىلى بىرلا بەتنى تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. (شەخشى قارىشىم، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق خەلىققە پايدىلىق ئىلان چىقىۋىلىشنى ئازلاتقىلى بولىدۇ. ئىلاننىڭ يەككە كىرىمى يۇقىرى بولىدۇ. لىكىن سەل خەتىرىمۇ بولىشى مۇمكىن.چۈنكى ئىلگىرى بۇ ئۇسۇل چەكلىنەتتى.)
    3. firefox نى تەۋىسسيە قىلىشمۇ ياخشى ئۇسۇل كىرىمنى كۆپەيتلىكى بولىدۇ. ( بىرنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسا، 0.1 دوللار بولىدۇ. لىكىن بۇ نەرسە ئۇيغۇرچە خەتلەرنى كۆرسىتىپ بەرمىسە ياخشى كۆرسەتمىگەچكە ئۇيغۇرلار ئانچە ياقتۇرمايدۇ. لىكىن ئۆزى نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى زىيارەتچى.)
    4. گوگول ئىككى ھىسابات ئارقىلىق پايدىغا ئىرىشىۋاتقانلارغا قاتتىق زەربە بىرىدۇ.

    ئاخىرىدا : مەن بىلىدىغان بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ھىساباتى چەكلىنىپ كەتتى. سەۋەبى ئۆز ئارا ئېلان چېكىشىپ ئوينىغان. بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ. لىكىن، يۇقاردا مەن دىگەندەك چوقۇم ئېقىم بولىشى كىرەك. ئىقىم بولمىسا، چېكىلش نىسبىتى ئېشىپ كىتىدۇ-دە ھىسابات چەكلىنىدۇ. يەنە بەزىلەر tofor.com دىن ئىلتىماس قىلغان ھەقسىز بوشلۇقىغا بىر html بەت چىقىرىپ شۇنىڭغا ئىلان قويىۋىلىپ باشقىلار چېكىپ قويۇڭ دەپ ئۇچۇر ئەۋەتكىلى تۇرۇپتۇ. بۇنداق ئىلانلارنى چېكىپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئالتە كۈنگە بارمايلا قۇربان بولىدۇ. ھىچ بولمىغاندىمۇ 99.9 دوللار بولغاندا قۇربان بولىدۇ. چۈنكى 100 دوللارغا توشقاندا، يەنى پۇل ئەۋەتىش ۋاقتىدا ئۇلار ھىساباتىڭىزنى تەپسىلىي تەكشۈرىدۇ. ئېلاننىڭ نەدىن چىكىلىۋاتقانلىقىنى، قايسى تور بىكەتتىن چىكىلىۋاتقىنىنى ئۇلار بىلەلەيدۇ. ئۇلار ئۆزىمۇ دەپ ئۆتۈپتۇ، ئۇلارنىڭ ئەگىشىش تېخنىكىسى، خەلىقئارالىق IP ئەگىشىش تېخنىكىسدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن

    http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=3312





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68