ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك ئەزىز دوستۇم! بۇھايات ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلىغا كەلگىنىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!


باشبەت بىلوگ ئۇلىنىشلىرى خەۋەر مۇنبەر چايخانا قىرائەت تاللانما قىرائەتبىز ھەققىدەئىسلامچە ئۇلىنىشلار

تور بىكتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىشىنى ئۇنۇتماڭ!


<<  زاكاتلىرىڭلارنى ئادا قىلىڭلار | باش بەت | ئەڭ سۆيۈملۈك ئىككى تامچە  >>

2009-06-19

بارات كېچىسى - [ئىسلام دۇنياسى]

版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41202161.html

بارات كېچىسى

(يەنى شەئبان ئېيىنىڭ 15-كۈنى ھەققىدە ئىسلامنىڭ بەلگىلىمىلىرى)

خەلقىمىز ئارىسىدا بارات ئېيى، بارات كېچىسى ياكى شەئبان ئېيىنىڭ 15- كۈنى توغرىسىدا ھەرخىل تالاش ـ تارتىشلار بولۇپ، بۇ تالاش ـ تارتىشلار ۋە شەئبان ئېيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان، شەرىئەت كۆرسەتكەن ئەمەل- ئىبادەتلەر، شۇنىڭدەك بىر قىسىم خاتا كۆز قاراش ۋە بىدئەتلەرگە قىسقىچە ئىشارە قىلىپ ئۆتمەكچىمىز:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەئبان ئېيىدىكى ئەمەللىرى توۋەندىكىچە:

ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئىى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنى باشقا ئايلاردا شەئبان ئېيىدىكىدەك كۆپ روزا تۇتقانلىقىڭنى كۆرمىگەن ئىدىم ـ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

- بۇ رامىزان بىلەن رەجەب ئېيى ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر غاپىل بولۇپ قالىدىغان بىر ئاي بولۇپ، بۇ ئايدا ئەمەللەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا كۆتۈرىلىدۇ، مەن ئەمەلىمنىڭ روزىدار چېغىمدا ئاللاھقا كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن». [بۇ ھەدىسنى نەسەئىي رىۋايەت قىلغان]

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا ئايلاردا شەئبان ئېيىدىكىدەك كۆپ روزا تۇتمايتتى. شەئباندا تولۇق دېگۈدەك روزا تۇتاتتى». [بۇ ھەدىسنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان]

دېمەك؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەئبان ئېيىنى ياخشى، سالىھ ئەمەللەر، بولۇپمۇ روزا بىلەن ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرەتتى. يۇقىرىدىكى روشەن ھەدىسلەر مەۋجۇت ئىكەن ئارتۇق ئىزاھاتنىڭ ئەھمىيىتى يوق.

شەئبان ئېيىنىڭ 15- كۈنى كىچىسىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ئەبى مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئاللاھ تائالا شەئبان ئېيى يېرىملاشقان كۈنى كېچىسى بەندىلىرىگە كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ مۇشرىك، ئاداۋەتخور- ھەسەتخورلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ». [بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان. ئەلبانىي 1144- رەقەم بىلەن خاتىرلەپ، ئۇنى سەھىھ دەپ كۆرسەتكەن]

بۇ ھەدىسنى ئۆلىمالار تۆۋەندىكىچە ئىزاھلايدۇ: يەنى بۇ كېچىدە ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەن، ئۇنىڭدىن ھاجىتىنى تىلەشنىڭ ئورنىغا مەخلۇقلاردىن ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرىشنى ياكى ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىلىك رول ئويناپ بېرىشىنى سورىغان، مەخلۇقلارنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن ئارتۇق كۆرگەن، قۇرئان كەرىم كۆرسەتكەن بەلگىلىمىلەرنى ئىنكار قىلغان ياكى ئۇنىڭغا مەسخىرە ئارىلاشتۇرغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىمات ۋە يوليورۇقلىرىغا ئېتىبارسىز قاراپ، ئۇنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغان كىشىلەرنى ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالا بۇ كېچىدە مەغپىرەت قىلمايدۇ. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا قەلبىگە ھەسەت ۋە ئاداۋەت ئاتەشلىرى ھۆكۈمران بولىۋالغان، ھاكاۋۇرلۇق ئازگاللىرىدىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزالمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ كۈندىكى مەغپىرەتتىن نەسىۋە ئالالمايدىغانلىقىغا ئىشارە بېرىلىدۇ.

مۇلاھىزە: ئەمما سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇپتىسى مەرھۇم ئىبنى باز بۇ كېچە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: 'بۇ كېچىنىڭ باشقا كېچىلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاھىدە پەرقى يوق. بۇ خۇسۇستا كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ رىۋايىتىنىڭ مەنبەسى ئاجىز ياكى مەسىلە بار...' ئىبنى باز يۇقىرىدىكى ھەدىسنىمۇ ئاجىز دەپ قارايدۇ.

شەئبان ئېيىدا كۆپ يۈز بېرىدىغان بىدئەتلەر توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە:

شەئبان ئېيىنىڭ 15- كۈنى كېچىسىنى نۇرغۇن كىشىلەر بارات كېچىسى دەپ ئاتىشىدۇ ۋە بۇ كېچىدە ئىبادەت نامى بىلەن نۇرغۇن بىدئەت ئەمەللەرنى قىلىشىدۇ. بىز بۇ ئەمەللەرنى قىسقىچە ئەسكەرتىپ ئۆتىمىز (ئىزاھات: بۇ بىدئەت دەپ كۆرسىتىلگەن ئىشلار ياكى ئەمەللەر مۆتىۋەر ئىسلام فەقىھلىرىنىڭ قاراشلىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ، قۇرئان ياكى ھەدىستە ھېچقانداق ئاساسقا ئىگە ئەمەس دەپ قارالغان ئەمەللەرنى كۆرسىتىدۇ):

- بارات كېچىسى- بارات نامىزى دەپ، مەخسۇس بۇ كېچىدە يۈز رەكئەت ناماز ئوقۇش.

- كىشىلەردىن بىھاجەت بولىدۇ، بالا- قازادىن يىراق تۇرىدۇ ۋە ئۆمۈر ئۇزۇن بولىدۇ، دەپ ئالتە رەكئەت ناماز ئوقۇش.

- بارات كېچىسى دۇئاسى دەپ، بۇ كېچىگە ئاتاپ دۇئا قىلىش.

- بۇ كېچىنى شىبى قەدىر كېچىسى دەپ ئېتىقاد قىلىش.

- مەشھۇر مازارلارغا بېرىپ ئۇلاردىن ھاجەتلىرىنى تىلەش.

- بۇ كېچىدە، ئۆلگەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ تاماق ۋە قۇيماق قاتارلىق نەرسىلەرنى تەييارلاپ قەبرىستاننى زىيارەت قىلىش.

- شەئبان ئېيىنىڭ 15-كۈنى روزا تۇتۇش.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، خەلقىمىز ئارىسىدا شەئبان ئېيى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان قاراشلار مەۋجۇد بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەسەۋۋۇپ ئەھلىنىڭ بەزى ئىجتىھادلىرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بىدئەتلەر ئاساسىي ئۇرۇننى ئىگەللىگەن. مەسىلەن يۇقىرىدا بىدئەت دەپ سانالغان ئەمەللەرنى شۇلارنىڭ قاتارىدىن ساناش مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا بەزىلەر يۇقىرىدىكى ھەدىسنى سەھىھ ھەدىس دەپ قاراپ، ئاللاھ تائالا بۇ مۇبارەك كېچىدە ھەممە گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغانىكەن، نېمىشقا گۇناھلارنى قانغۇدەك قىلىۋېلىپ، ئاندىن ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلىشىنى كۆتمەيمىز؟ دېگەنگە ئوخشاش كۇپرانە خىياللارنى قىلىپ، ئازغۇنلۇق يولىغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. يەنە ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ قاپاق كۆيدۈرۈش قاتارلىق باشقا دىنلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە ئەگىشىپ كېتىشىدىن بارلىق كۈچى بىلەن توسۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئىسلام ھېچقاچان ۋە ھېچقانداق يەردە قەستەن گۇناھ سادىر قىلىش، جىنايەت ۋە ئاسىيلىققا يول قويمايدۇ ۋە قويمىغان. شۇڭا بۇ ئاينىڭ پەزىلىتىنى ئۆز خىيالىي قاراشلىرىمىز بويىچە سۇيىئىستېمال قىلماسلىقىمىز، ھالاكەت يولىغا مېڭىپ كەتمەسلىكىمىز لازىم. جانابىي ئاللاھتىن بىزنى بۇ خىل پالاكەتلەردىن ساقلىشى ئۈچۈن كۆپلەپ پاناھلىق تىلەيلى! ئى ئاللاھ! بىزنى ئازغۇنلۇقتىن ساقلىغىن!

بىزنىڭ بۇ ئايدا قىلىدىغان ئىبادەتلەر ھەققىدىكى تەۋسىيىمىز:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش كۆپ رۇزا تۇتۇش، قۇرئان ئوقۇش، كۆپلەپ ياخشى سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق مەنىۋىيىتىمىزنى چىنىقتۇرۇپ رامىزان ئېيىنى قىزغىن كەيپىيات ۋە روھلۇق ھالەتتە كۈتىۋىلىشقا تەييارلىق قىلىش، ئەمما بارات كېچىسى ياكى شەئبان ئېيىنىڭ 15- كۈنى دېگەنگە ئوخشاش كۈنلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، شەرىئەت بەلگۈلىمىلىرىدە ھېچ ئاساسىي بولمىغان ئىبادەتلەر بىلەن شوغۇللانماي، بۇ ئاي ۋە باشقا ئايلارنىڭ ئىمكان يار بەرگەن كۈن ۋە ۋاقىتلىرىدا ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللىنىش. بىدئەت ئەمەللەر ئىنساننى ئاللاھتىن يېراقلاشتۇرۇپلا قالماستىن ھاياتلىق دۇنياسىدىمۇ ھېچ قاچان ئۇ ئىنسان ئۆزىنى راھەت ھېس قىلالمايدۇ. بارات كېچىسىنى ئىبادەتكە خاسلاشتۇرۇش، بىدئەت بولۇپ ساۋاب بولماستىن بەلكى گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك بولىدۇ. بەلكىم بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ، ئۇ كېچىدە ناماز ۋە قۇرئان ئوقۇلسىمۇ گۇناھكار بولامدۇ؟! دېگەندەك سوئاللار زېھنىڭىزدىن كەچسە كېرەك، بۇ ھەقتە سىزگە قۇرئان ۋە ھەدىس بىلەن جاۋاب بېرىمىز. بىدئەتكە ئەگەشكەنلىك ۋە ئۇنى تارىتىش... قاتارلىقلار، ھەقىقەتتىن يۆز ئۆرىگەنلىك بولۇپ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز». ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى كور قوپۇردۇڭ، ۋاھالەنكى، (دۇنيادىكى چاغدا) مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟» دەيدۇ. اﷲ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا (روشەن) ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن». ھەددىدىن ئاشقان ۋە پەرۋەردىگارىنى ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا شۇنىڭغا ئوخشاش جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر» تاھا سۈرىسى 124- ئايەتتىن 127- ئايەتكىچە.

بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: «سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىراقى ئاللاھنىڭ كالامى، ئىنئاملارنىڭ ياخشىراقى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسى، ئەمەللەرنىڭ يامانراقى دىنغا يېڭى بىر نەرسىنى قوشۇش، دىندا پەيدا قىلىنغان ھەر قانداق يېڭىلىق بىدئەتتۇر، ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، ئىبادەت ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن قەيت قىلىنغان ۋاقىت ۋە ماكاندىن باشقا، ۋاقىت ۋە ماكاننى ئىبادەت نىيىتى بىلەن خاسلاشتۇرۇشىمىز ئىبادەت ئەمەس بەلكى ئۇ ئەمەل سەۋەبى بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇپ قالىدىغان ئامىللاردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتۇق. ئۇنداقتا بىز تۆۋەندىكى تارازە بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆلچەپ كۆرەيلى. ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشىدا ئىككى شەرت بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1-    ئىبادەتتە يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىخلاس قىلىش.

2-    ئىبادەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلغان بولۇش.

قېنى قېرىندىشىم! ئېيتىپ بېقىڭچۇ؟ سىز ئۆزىڭىنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەلىدىڭىزمۇ؟

خۇلاسە: بىدئەت، شەرىئەتتە ئاساسى يوق، مىللىتىمىز ئىچىدىكى بىر تۈركۈم قېرىنداشلىرىمىز كۆز قارىشىدا ئىبادەت سانىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سوپىزم تەرىقىسىدىكى قېرىنداشلىرىمىزدا بىراز ئېغىر ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا بايان قىلدۇق. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونىشى ئازغۇن يولدىن قايتىپ ئاللاھقا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن ھېدايەت نۇرىنى يورۇتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز ۋە ئۈلۈغ ئاللاھتىن ئۇلارنى ھىدايەت قىلىشىنى سورايمىز. ئى ئاللاھ بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى توغرا يولغا يېتەكلەپ، شېرىكتىن خالى سۈننەتكە ئۇيغۇن ساپ ئەقىدە بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتقىن.

 مەنبە : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

 


收藏到:Del.icio.us