تور بىكتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىشىنى ئۇنۇتماڭ!
2009-06-19
ئىسلام دىنى ۋە تەركىي دۇنيالىق - [ئىسلام دۇنياسى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41201955.html
ئىسلام دىنى ۋە تەركىي دۇنيالىق
مۇھەممەد يۇسۇف
زاھىدلىق بىلەن تەركىيدۇنيالىق ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. چۈنكى زاھىدلىق ـ شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلارغا يېقىنلىشىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلغانلىقتىن، شۈبھىلىك نەرسىلەردىن تامامەن يېراقلاشقۇچى دېگەنلىك بولسا، تەركىيدۇنيالىق ـ دۇنيالىق ئىشلاردىن پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈگۈچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىسلام دىنى زاھىدلىق قوللىسىمۇ، تەركىيدۇنيالىقنى قەتئى رەت قىلىدۇ. چۈنكى تەركىيدۇنيالىق ئىنساننىڭ زېمىننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يارىتىلغانلىقتىن ئىبارەت تەبىئىتىگە زىت كېلىدىغان بىر ئىشتۇر. تەركىيدۇنيالىق تۆۋەندىكى 3 چوڭ نوقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن دۇنيالىق ئىشلاردىن قەتئىي قول ئۈزۈش.
زاھىدلىق دەۋاسى بىلەن ئۆيلىنىشتىن يۈز ئۆرۈش.
زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە دۇنيالىق ئۈچۈن ئىشلەشتىن باش تارتىش.
يوقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام شەرىئىتىدە قاتتىق چەكلەنگەن ۋە ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ئويغۇن كەلمەيدىغان ئىشلاردۇر. چۈنكى ئىسلام دىنى ماددا بىلەن روھ، دۇنيالىق بىلەن ئاخىرەتلىك، ئاللاھنىڭ ھەققى بىلەن نەپسنىڭ نېسىۋىسى، تەلەپ بىلەن ئەمەلىيەت ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تەرغىب قىلىدۇ. ھالبۇكى، تەركىيدۇنيالىق ئىسلام دىنىنىڭ مەقسەت ۋە غايىلىرىگە زىت كېلىدۇ.
1 ـ ئىبادەت بىلەنلا مەشغۇل بولۇش نىيىتى بىلەن دۇنيالىق ئىشلاردىن قەتئى قول ئۈزۈشنى ئىسلام دىنى ياقتۇرمايدۇ. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە 3 نەپەر زاھىد كىرىپ كېلىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتلىرىنى سورىشىدۇ. ئاندىن ئۇلاردىن بىرى: «مەن ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمەستىن ئىبادەت بىلەنلا مەشغۇل بولىمەن»دەيدۇ. ئىككىنچىسى:« مەن يىل بويى ئۈزمەستىن روزا تۇتىمەن»دەيدۇ. ئۈچىنچىسى:«مەن كېچىلىرى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇيمەن»دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ:« مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا ئەڭ تەقۋالىق قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ غەزىبىگە يولۇقۇشتىن ئەڭ قاتتىق ئېھتىيات قىلىدىغان بىرىڭلارمەن. مەن بەزى كېچىلىرى ناماز ئوقۇيمەن، بەزى كېچىلىرى ئۇخلايمەن. رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا گاھىدا روزا تۇتىمەن، گاھىدا ئاغزىم ئوچۇق يۈرىمەن. مەن ئۆيلىنىمەن. كىمكى مېنىڭ تۇتقان يولۇمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مېنىڭ ئۇممىتىمدىن ئەمەس» دەيدۇ.
[بۇخارىي].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللا ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇنىڭ كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى ئۇخلىماسلىقنى ئادەت قىلىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئۇنى مۇنداق قىلىشتىن توسىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:« سېنىڭ ئۈستۈڭدە بەدىنىڭنىڭ، كۆزۈڭنىڭ، ئائىلەڭدىكىلىرىڭنىڭ ۋە مېھمانلىرىڭنىڭ ھەققى باردۇر. ئگلارنى ئادا قىلىشىڭ كېرەك.»
مۇسۇلمان كىشى شەرىئەتتە بۇيرۇلغان پەرز، ۋاجىب، سۈننەت ۋە مۇستەھەب ئەمەللەرنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، دۇنيالىق ئىشلىرىنى ئورۇنلىشى لازىم.مۇسۇلمان ئادەم ياخش ۋە خالىس نىيىتىنىڭ شاراپىتى بىلەن ئادەتتىكى دۇنيالىق ئىشلىرى7نىمۇ ئىبادەت قاتارىغا ئۆتكۈزەلەيدۇ. چۈنكى، ھالال رىزىق ئۈچۈن ئىشلەش، بالىلارنى بېقىش، تەربىيىلەش ئۈچۈن مېھنەت قىلىش، جەمئىيىتىنىڭ، خەلقىنىڭ ۋە دىنىنىڭ خىزمىتى7دە بولۇش ۋە باشقىلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نىيەتنىڭ ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت دۇرۇس بولىشى شەرتى بىلەن ئىبادەتكە ياتىدۇ.
2 ـ ئىبادەتتە ئۆزىگە قاتتىق قاتتىق تەلەب قىلىش دەۋاسى بىلەن ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمەسلىك خاتادۇر. ئىسلام دىنى ئۆيلىنىشنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىن بىر ئالامەت دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەرغىب قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« ئاياللار بىلەن ئۈنسى ـ ئۇلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا مېھرى ـ مۇھەببەت ئورنانقانلىقى ئاللاھنىڭ كامالىي قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر»[ رۇم 21ـ ئايەت].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ساھابىلارنىڭ ئىبادەتكىلا بېرىلىش ئۈچۈن ئاياللىرىدىن يېراق تۇرۇش تەلەبلىرىنى رەت قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ھەر ئىكى تەرەپنى تۇتۇشىنى تەۋسىيە قىلغان.
ئەمما ئىلىم تەھسىل قىلىش، جىھاد بىلەن مەشغۇل بولۇش ياكى باشقىمۇ ئۇلۇغۋار مەقسەتلەر سەۋەبلىك ئۆيلىنىشنى تەرك ئېتىشتە گۇناھ يوقتۇر. ئىسلام تارىخىدا، ئوقۇش ۋە كىتاب يېزىش بىلەنلا مەشغۇل بولغانلىقتىن، ھاياتىدا ھېچ ئۆيلەنمەستىن ئالەمدىن كەتكەن ئالىملارمۇ بولغان. مەسىلەن ئىمام نەۋەۋىي ۋە ئىبنى تەيمىلەرمۇ شۇلاردىندۇر.
ئەمما يوقىرىقى ئۆزرىلەردىن باشقا، تەركىيدۇنيالىق نىيىتى بىلەن ۆيلىنىشنى تەرك ئېتىش گۇناھتۇر. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقدۇر.
3ـ يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈش ۋە دۇنيالىق ئۈچۈن ئىشلەشتىن باش تارتىش ئىسلام نەزىرىدە خاتادۇر. چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى يەر يۈزىدە ئۆزىنى ئىرادىسىنى يۈۇۈزۈشتە ئۆزىدىن ئىزباسار قىلىپ يارتقانلىقىدىن ئىبادەت ھەقىقەتكە زىت كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:« ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن پەيدا قىلدى ۋە سىلەرنىڭ زېمىننى گۈللەندۈرىشىڭلارنى تەلەب قىلدى» دەيدۇ. يەنە « جىنلارنى ، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم»دەيدۇ. زېمىننى گۈللەندۈرۈش ئىشى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سانائات، ھۈنەر ـ كەسب ۋە باشقىمۇ تىرىكچىلىكلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
دۇنيالىق ئۈچۈن ھەركۈنى ۋە ھەر ۋاقىت تەلەب قىلىنىدۇ. ھەتتا جۈمە كۈنىدىمۇ جۈمە ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە دۇنيالىق ئۈچۈن تىرىكچىلىك قىلىش چەكلەنگەن ئەمەس. ئىسلام دىنىدا خىرىستىئان دىنىدا بولغىنىدەك تەركىيدۇنلىق يوق، ئۇنىڭدا يەھۇدىيلارنىڭ دىنىدا بولغىنىدەك تىرىكچىلىك قىلىش چەكلەنگەن كۈن يوقتۇر. شۇنداقلا ئاللاھ ياراتقان دۇنيا زىننەتلىرىدىن پايدىلىنىشتىن بېھاجەت بولۇشمۇ ياخشى ئەمەس. چۈنكى ئاللا ھالال قىلىپ يارىتىپ بەرگەن شەيئىيلەردىن قائىدە بويىچە پايدىلىنىش ۋە باشقىلارنىمۇ مەنپەئەتلەندۈرۈش مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىلگىرىكى دىنلارغا كىشىلەر تەرىپىدىن كىرگۈزىۋېلىنغان تەركىيدۇنيلىقنى تەنقىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:« ئى ئادەم بالىلىرى ! ھەر ناماز ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترە قىلىپ تۇرىدىغان كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى قەتئىي ياقتۇرمايدۇ. ئېيتقىنكى، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزغقلارنى كىم ھارام قىلدى؟».
ئاللاھ تائالا پاك نەرسىلەرنى يارىتىپ ئاندىن ئۇلارنى بەندىلىرىنىڭ قوللىنىشىنى چەكلىگەن ئەمەس. ئاللاھ چەكلىگەنلەر پەقەت زىيانلىق ۋە پاسكىنا نەرسىلەردۇر، بەس.
مۇسۇلمانلاردىن بولغان بەزى تەرىقەتچىلەر ئۆزلىرىگە قاتتىق تەلەب قويغانلىقتىن، ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنىمۇ ئۆزلىرىگە ھارام قىلىۋالغان. ئۇلار بۇ پەلسەپىنى باشقا دىنلاردىن قوبۇل قىلغان بولىشى ئېھتىمال.
ئىسلام دىنى تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكلىرى ۋە بارچە ھالال مەنپەئەتلىرىدىن پايدىلىنىشنى توسمايدۇ. ساھابىلاردىنمۇ چوڭ بايلار بار ئىدى. ئۇلار دىن ۋە دۇنيالىق ئىككىسىنى بىر ـ بىرىگە سەلبىي تەسىر بەرمەستىن تەڭ ئېلىپ بارالغان. مەسىلەن: ساھابىلارنىڭ كاتتا بايلىرىدىن ئوسمان ئىبنى ئاففان ۋە ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋفلەر جەننەتكە كىرىدىغانلىقى توغرىلىق خوشخەۋەر بېرىلگەن زاتلار ئىدى. ئۇلارنىڭ بايلىقى ئۇلارنى ئەھلى جەننىتى بولۇشتىن توسالمىغان.
مۇھىم بولغىنى، دۇنياغا سىز ئېگە بولىشىڭىز، دۇنيا سىزگە ئېگە بولماسلىقى كېرەك. دۇنيا يۈرىكىڭىزدە بولماستىن، قولىڭىزدا بولىشى كېرەك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:« ئۆزۈڭلارغا ئىبادەتتە قاتتىق تەلەب قويىۋالماڭلار، يېڭىلىڭ قالىسىلەر. سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋملەرمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەب قويىۋېلىپ، ئۇلارنى ئورۇندىيالمىغانلىقتىن يېڭىللىپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئىزلىرى قەدىمىي ئىبادەتگاھلىرىدا ساقلانماقتا».
مەنبە : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us