-
خەنزۇ تور بېكەتلىرىدىكى «بىزنىڭ» تېمىمىز - [تور بەت ياساش]
2009-02-24
بۈگۈن گوگىلدىن «بىزنىڭ» دەپ ئىزدەپ مۇنۇ ئىزدەش نەتىنجىسىنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدىم، قىزىق يېرى بۇ يازمىنى نەقىل ئېلىپ چۈشەندۈرگۈچى جاڭ خۇي مۇئەللىم ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى قەتئىي بىلمەيدىكەن، يازمىسىدا يېزىقنى تىبەت يېزىقى دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ، بۇ مېنىڭ BBSxp نىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبى ناملىق تېمامنىڭ خەنزۇ بېكەتلىرىدە تارقىلىشىدىن كىيىنكى 2-يازمام بولغاچقا بۇ خاتىرىنى قالدۇردۇم ، قىزىققۇچىلار كۆرۈپ بېقىڭلار.
مەنزىل: http://www.qdnbp.com/zhanghui/Blogs/gz/200901/20090102225017.Html
بۇ ئەپەندىنىڭ يازمىسى ئاخىرىغا بۇ يېزىقنىڭ بىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى ئىكەنلىگى توغرىسىدا ئاددىلا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويدۇم.
收藏到:Del.icio.us
评论
بلوگىم يېڭى ئۇسلۇپ ئىشلەتتى ،بلوگداشلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈد قىلمەن !
يەنە بىر ئىش، مەن كۈندە دېگۈدەك باش بەتتىكىلا ئېلانلارنى چىكىپ قويىۋاتىمەن. يېڭى يازما بولمىسا، يازمىغا كىرىپ يۈرمەيدىكەنمەن. كۈندە دېگۈدەك باش بەتتىكىلا ئېلاننى چەكسەم چاتاق يوقتۇ-ھە؟
ئەمدى سىزگە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈپ قويماي دەيمەنغۇ.
ئۈستىدىكى ئىنكاستا ئىملا خاتالىقى باركەن. ئاستىدىكىسى ئىككىمىزنىڭ شەخشىي پارىڭى بولغاندىن كېيىن،بۇ ئىككىي ئىنكاسنى يوشۇرۇپ قويسىڭىز.
سىزنىڭ تورغا چىقىۋاتقان كومپيۇتېرىڭىزنىڭ IP سى تۇراقلىق بولمىسىلا كۈندە بىر قېتىم چېكىۋەتسىڭىزمۇ چاتاق چىقمايدۇ.
چاكىنىلىقلاردىن خالىي، ھەقىقىي ئۇيغۇرچە، رەڭلەرمۇ بەك ماسلىشىپتۇ.
بىز بۇ قېتىم باش بەتنى لايىھىلىگەندە مىللىكنى گەۋدىلەندۈرۈشنى كۆپرەك ئويلاشتۇق، يەنە ئىخچام، ئاددىلىقنى قوغلىشىپ ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ تىز بۇلىشىغىمۇ ئەھمىيەت بەردۇق.
مەن تەرەپلەرگىمۇ ئۆتۈپ ، قوللاپ قويۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن