• PHPwind 7.0 ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى چۈشۈرۋېلىڭ - [تور بەت ياساش]

    2009-01-21

    گۇرۇپپىمىز PHPwind 7.0 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش چاقىرىقىنى ئوتتۇرغا قويغاندىن كىيىن كۆپلىگەن تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى، ھەمدە ئۇيغۇر تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت شىركىتى مەخسۇس سىناش بوشلۇقى ئاجىراتتى، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە «بىزنىڭ» گۇرۇپپىمىزدىن Alpha, EnQa, Heweskarmen لەر، قايدۇ تورىدىن Kaydu , ئورخۇن تارىخ مۇنبىرىدىن Yawuz , بىرلەشمە مۇنبىرىدىن uyghurbiz قاتارلىقلار قاتناشتى، بۇنىڭدىن باشقا ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان تور بېكەت باشلىقلىرىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدىكى خاتالىقلارنى بايقىشىمىزغا يېقىندىن ياردەمدە بولدى، بۇ خىزمەتكە كۈچ قوشقان بارلىق دوستلارغا يەنە بىر قېتىم سەمىمى رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
    بۇ پروگراممىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەخسىتىمىز ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ توردىكى ئىشلىتىش ئورنىنى يوقىرى كۆتۈرۈش، ئۇيغۇر تور بېكەت مۇنبەرلىرىنىڭ پروگرامما كەمچىل بۇلۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقىت ۋەزىھنىي كۈچنى تىجەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
    بىز بۇرۇنقى تەجىربىمىزگە ئاساسەن بۇ پروگراممىنى تارقىتىش شەكلىنى ئىلتىماسلىق تارقىتىش شەكلىگە ئۆزگەرتمەكچى، بۇ پروگرامما پۈتۈنلەي ھەقسىز بۇلۇپ ئېرىشىش ئۈچۈن مۇنبەر پۇلى ياكى خەلق پۇلى خەجلىمەيسىز، ھەقىقى ئېھتىياجلىق بولسىڭىز مەزكۇر تېما ئاستىغا ئىلتىماس يېزىڭ.
    ئىلتىماس شەكلى مۇنداق
    1. ئىلتىماس قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولغان تور بېكەت ئادىرىسىڭىز تەپسىلى يېزىلسۇن.
    2. ئىلتىماس قىلىش سەۋەبىڭىز ئېنىق يېزىلسۇن، قانۇنسىز، سېرىق مەزمۇندىكى بېكەتلەرگە تەمىنلەنمەيدۇ.
    3. موقىم، تۇراقلىق بولغان ئېلخەت ئادىرىسىڭىزنى قالدۇرۇڭ، چوقۇم تور بېكىتىڭىزدە مۇشۇ ئېلخەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىڭىز بولسۇن، ۋاقىتلىق ئېلخەتلەرگە ئەۋەتىلمەيدۇ.
    ئەسكەرتىش: بۇ پروگرامما ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ،ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخىسنىڭ مەزكۇر پروگراممىنى ھەقلىق يۇسۇندا تارقىتىشقا بولمايدۇ.
    بۇ پروگراممىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم «بىزنىڭ» كۇلۇبى ياكى «بىرلەشمە» مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى بولغان بۇلىشىڭىز كېرەك، ئەزا بولمىغان بولسىڭىز دەرھال ئەزا بۇلۇڭ
    «بىزنىڭ» تور گۇرۇپپىسى           http://bizning.com      بىرلەشمە تورى     http://birlaxma.com

    چۈشۈرۈش ئادىرىسى: چۈشۈرۈڭ


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مۇنداق يىڭىلىقمۇ باركەندە!!!!!!!!!!!!!!!
  • پۋ نى قوللايدىغان بىرەر ھەقسىز بوشلۇق بارمىدۇ؟ بىلوگۇمدا سۆز قالدۇرۇپ قويغايسىز...
    ئەنقا回复تىھران بىلوگى说:
    مانا قوللايدىغان بوشلۇق
    http://bizning.com/bbs/read.php?tid=795
    2009-01-25 04:23:44
  • كۆپ رەھمەت !