-
«بىزنىڭ» فىلىم يوللاش قانىلىمىز ئېچىۋېتىلدى - [خەۋەر-ئۇچۇرلار]
2008-08-23
«بىزنىڭ» فىلىم يوللاش قانىلىمىز ئېچىۋېتىلدى «بىزنىڭ» تور گۇرۇپپىمىزنىڭ بۇ قېتىم تورداشلارنىڭ تورغا فىلىم يوللاش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ بىر فىلىم يوللاش بېتى قۇرۇپ چىقتۇق، نۆۋەتتە سىناقتىن ئۆتۈپ رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. ئادىرىسى: http://www.bizning.com/cc تورداشلارنىڭ ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ناخشا-مۇزىكىلىرىنى، پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە فىلىملىك ماتېرياللىرىنى يوللىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇ قانالغا تىزىملاتقاندىن كىيىن فىلىم يوللاشقا ۋە مەھەللە قۇرۇشقا بۇلىدۇ، ئىقتىدارى YOUKU, 56, TUdu لاردىن قېلىشمايدۇ.مۇنبەرگە ئۇلانما قىلىش ئادىرىسىمۇ بار، ئەمدى فىلىم ھۆججەتلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ فىلىم يوللاش قانىلىمىزغا يوللىۋېلىپ ئاندىن مۇنبەردە ئېلان قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، يەنە تېخى كامىرا بولسا شەخسى ئالبۇممۇ ياسىيالايسىز. يەنە شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى قانۇنغا خىلاپ بولغان، شەھۋانىلىق تۈسىنى ئالغان، بۆلگۈنچىلىكنى تەشۋىق قىلىدىغان فىلىملەرنى يوللاشقا قەتئىي بولمايدۇ. فىلىم يوللاش قانىلىمىز يېڭىدىن قۇرۇلدى، ھازىر بۇرۇن كۇلۇبىمىزغا يوللانغان بىر قىسىم فىلىملەر قوشۇلدى، مەزمۇن تورداشلارنىڭ تولدۇرىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە فىلىم يوللاش قانىلىمىزغا باشقۇرغۇچى تەكلىپ قىلىنىدۇ، سەنئەتنى سۆيىدىغان ، سىياسى جەھەتتىن ئىرادىسى مۇستەھكەم بولغان تورداشلارنىڭ فىلىم يوللاش قانىلىنى بىرلىكتە باشقۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز! مالال كۆرمىسەڭلار بۇ خەۋەرنى باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ چاپلاپ قويۇڭلار، يەككە ھۆججەت سىغىمى 100مىگابايتتىن تۆۋەن بولغان فىلىم ھۆججەتلىرىنى يوللاشقا بۇلىدۇ. «بىزنىڭ» تور گۇرۇپپىسىدىن ئەنقا 2008年8月22日
收藏到:Del.icio.us
<< مەمەتنىڭ 2008-يىلى فىلىمىنىڭ تولۇق نۇسخىسى تورغا يوللاندى | باش بەت | بلوگباسقا ئېلان قىستۇرۇش >>
评论