ئورنىڭىز : خەۋەر >> ئۇنۋېرسال >> فونىدلارنىڭ پايدىسى قانداق تەقسىملىنىدۇ؟
فونىدلارنىڭ پايدىسى قانداق تەقسىملىنىدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-07 14:57:53 كۆرۈلۈش سانى : 127
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
فونىدلارنىڭ پايدىسى قانداق تەقسىملىنىدۇ؟ رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى خەۋىرى: فوندنىڭ پايدىسىنى قايتا تەقسىملەش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى نەق پۇل پايدا تەقسىماتى، يەنە بىرى قايتا مەبلەغ قىلىنىدىغان پايدا تەقسىماتى. ئادەتتە كۆپىنچە كىشىلەر نەق پۇل پايدا تەقسىماتىنى ياقتۇرىدۇ. قايتا مەبلەغ قىلىنىدىغان پايدا تەقسىماتى دېگىنىمىز، پايدا تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىن، پايدا سوممىسى بويىچە ئاپتوماتىك ئىلتىماس قىلىپ، فوند سېتىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا پايدا تەقسىماتىدىن كېيىن، فوندچىلارنىڭ قولىدىكى فوند مىقدارى كۆپىيىدۇ. كەسپ ئەﻫلىلىرى فوند پايدا تەقسىملىگەندە، قايتا مەبلەغ قىلىنىدىغان پايدا تەقسىماتىنى تاللاش نەق پۇل پايدا تەقسىماتىغا قارىغاندا ياخشىراق، دەپ قارايدۇ. مەلۇم ئاكسىيە شىركىتىنىڭ فوند تەﻫلىلچىسى مۇنداق كۆرسەتتى: فوندلارنىڭ پايدا تەقسىم قىلىشىنىڭ مۇنداق ئىككى خىل سەۋەبى بار: بىرىنچى، يېڭى مەبلەغ جەلپ قىلىش؛ مەلۇم فوند مۆلچەرەن پايدا نىسبىتىگە يەتكەندە، فوند دىرېكتورى پايدىنىڭ مەلۇم قىسمىنى مەبلەغ سالغۇچىلارغا تەقسىملەپ بېرىدۇ. فوند پايدا تەقسىملەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ساپ قىممىتى ئەسلىدىكىدىن تۆۋەنلەيدۇ، بەزىلىرى بىر يۈەنلىك ساپ قىممىتىگە قايتىدۇ. بۇ يېڭى بىر مەبلەغ سالغۇچىنى جەلپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر فوندقا يېڭى مەبلەغ قوشۇلۇپ، مەبلەغنى ئايلاندۇرۇش جانلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ پايدا ياراتقىلى بولىدۇ. ئىككىنچى، پايدا ئېلىش؛ فوند شىركىتى ئېرىشىدىغان پايدىدىن قارىغاندا، فوندلارنىڭ پايدا تەقسىملىشى فوند شىركىتىگە خېلى كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى فوند شىركىتىنىڭ پايدىسى فوند سېتىۋېلىش ﻫەققى ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ﻫەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەگەر پايدا مەبلەغ قىلىپ قايتا سېلىنسا، پايدا تەقسىملەنگەندىن كېيىن، فوند مىقتارى كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ﻫەققىمۇ مۇناسىپ كۆپىيىدۇ؛ ئەگەر نەق پۇل پايدا تەقسماتى قىلىنسا، كۆپ ساندىكى مەبلەغ سالغۇچىلار داۋاملىق فوند سېتىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن فوند سېتىۋېلىش ﻫەققى ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ﻫەققى مۇناسىپ ﻫالدا كۆپىيىدۇ، فوند شىركىتىنىڭ پايدىسىمۇ تەبىئىي ﻫالدا كۆپىيىدۇ. پايدا تەقسىماتىدىن كېيىن فوندلارنىڭ پايدا يەتكۈزۈش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. "گۈللەندۈرۈش" ئاكسىيە شىركىتىنىڭ مەلۇم تەﻫلىلچىسى مۇنداق دېدى: پايدا تەقسىماتىدىن كېيىنكى فوندقا داۋاملىق مەبلەغ سېلىشقا بولىدۇ، پايدا تەقسىملىگەنىكەن، مەزكۇر فوندنىڭ پايدا يەتكۈزۈش نىسبىتى بىر قەدەر ياخشى ﻫېساپلىنىدۇ. پايدا تەقسىملەنگەندىن كېيىن، فۇندنىڭ ساپ قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ، بۇ تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىدۇ. ئەمما ﻫازىرقى ئاۋات بازاردىكى پايلارنىڭ تېز ئۆسۈش ئەﻫۋالىدا پايدا تەقسىم قىلىنغان ياكى ئاجرىتىلغان فوندلارغا مەبلەغ سېلىش مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى پايدا تەقسىم قىلىشتا ﻫازىرقى تازا ياخشى ئۆرلەۋاتقان پايلارنى سېتىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئىلگىرىدىكى پاي ئازىيىدۇ، نەق پۇل كۆپىيىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يېڭى مەبلەغ ئۈزۈلمەي سېلىنىدۇ، كۆلەممۇ تەدرىجىي چوڭىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر فوندنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ. پايدا يەتكۈزۈش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر قولدىكى فوندقا پايدا تەقسىملەنسە، بۇ فوندنى داۋاملىق قولدا تۇتۇپ تۇرۇش كېرەك. قايتا- قايتا پايدا تەقسىملەنگەن فوندنىڭ ياخشى فوند بولۇشى ناتايىن. كەسپ ئەﻫلىلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە فوندنىڭ ساپ قىممىتى بىر يۈەندىن ئاشسىلا، پايدا تەقسىملەشكە بولىدۇ. پايدا تەقسىملەش مەبلەغ سالغۇچىلارغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئەمەس، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلار ئېرىشىشكە تېگىشلىك ﻫەقتۇر. پايدا تەقسىملەش فوند شىركىتىنىڭ بىر خىل ماركېتىڭ تاكتىكىسى بولۇپ، ئۇنىڭ فوندنىڭ نەتىجىسى بىلەن ﻫېچقانداق مۇناسىۋېتى يوق، شۇنداقلا فوندنىڭ ياخشى- يامانلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەممۇ ئەمەس، مەبلەغ سالغۇچىلارغا كۆپ نەپ يەتكۈزۈشتىنمۇ دېرەك بەرمەيدۇ، شۇڭا پايدىنى كۆپ تەقسىم قىلغان فوندلارنىڭ ياخشى فوند بولۇشى ناتايىن. ئەكسىچە، قايتا- قايت پايدا تەقسىملەنگەن فوندلارنىڭ پايدا نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، چۈنكى پايدا تەقسىملەشتە ئىلكىدىكى ياخشى پايلارنى سېتىۋېتىشكە، پايلارنى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ. دائىم مۇشۇنداق بولسا، پايلار مۇقىم بولمايدۇ-دە، پاينىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدىسىمۇ ئازلاپ كېتىدۇ. ﻫازىرقى ئاۋات بازاردىكى پايلارنىڭ تېز ئۆسۈش ئەﻫۋالىدا بىر فوندنىڭ ياخشى- يامانلىقىنى ئۆلچەشتە، بىرىنچىدىن، مەزكۇر فوند كۆلىمىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك، كۆلىمى كىچىكرەك فوندلار جانلىق بولىدۇ، نەتىجىسىمۇ كۆلىمى چوڭ فوندقا قارىغاندا ياخشى بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، نەتىجىسى بىر قەدەر ياخشى، تېز ئۆسكەن، پايدا تەقسىملىگەن فوندلارنى تاللاش كېرەك.
|
|