بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : خەۋەر >> ئۇنۋېرسال >> پاي چېكى ئويناش تاكتىكىللىرى

پاي چېكى ئويناش تاكتىكىللىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-07 18:00:15    كۆرۈلۈش سانى : 245  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

پاي چېكى ئويناش تاكتىكىللىرى
پاي چېكى بازىرى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بازار. پاي چېكى باھاسىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى ھىچكىم ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ. بۇنىڭغا قاراپ بەزىلەر پاي چېكى ئويناش قىمار ئوينىغانغا ئوخشاش دەپ چۈشىنىدۇ.ئەمىلىيەتتە بۇنداق قاراش پۈتۈنلەي خاتا . ھەر قانداق باھا ئۆزگىرىشىنىڭ ئىچكى ئامىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئىچكى ئامىلنى تىپىپ چىقىپ، باھا ئۆزگىرىشىنى مۆلچەرلەپ، پاي چېكى بازىرىدا ئۇتۇق قازىنىش قىمار سورۇندىكى تەلەي سىناشتىن تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ. يۇقىرى پايدىغا ئىرىشىش ۋە يۇقىرى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىگە مۈجەسسەملەشتۈرگەن پاي چېكى بازىرى، ئۆزىنىڭ سىرلىقلىقى، مۈرەككەپلىكى ۋە ئۆزگىچە جەلىپ قىلىش كۈچى بىكەن مىڭلىغان ، يۈز مىڭلىغان مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. سىز بۇ بازاردا ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىنتايىن يۇقىرى پايدىغا ئىرشىشىڭىز مۇمكىن، ئەكىسچە ھەش - پەش دىگۈچە دەسمايىڭىزدىن ئايرىلىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.
پاي چېكى بازىرىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ ، پايدا ئىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن ، بۇ ساھەدەدۇنياغا داڭلىق بولغان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سىزگە بىرىدىغان مەسلىھەتى شۇكى:تەھلىل ۋە تەجىربىڭىزگە تايىنىڭ. بازار توغىرلىق ھىچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ قارغۇلارچە مەبلەغ سىلىش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس.
كالىسىمان بازاردىكى پاي چېكى ئويناش تاكتىكىللىرى
كالىسىمان بازار ئومۇيۈزلۈك ئۆسىۋاتقان ھالەتتە بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال مەبلەغ سالغۇچىلارغا پايدىلىق بولسىمۇ، بىراق بىر مەزگىللىك كالىسىمان بازار ئاخىرلاشقاندا مەنلەغ سالغۇچىلار ھىچقانچە پايدا ئالالمايدىغان، ھەتتا زىيان تارتىدىغان ئەھۋاللارمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. كالىسىمان بازاردا پاي چېكىدىن پايدا ئىلىش مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تاكتىكىسىغا باشلىق.
1) مەبلەغنى چىچىۋەتمەسلىك كىرەك
بازار ئۆسىۋاتقانلىقى ئۈچۈن،كۆپ ساندىكى پاي چېكىنىڭ باھاسى بازارغا ئەگىشىپ ئۆسىدۇ. شۇڭا بەزى مەبلەغ سالغۇچىلار بۇگۈن ئا شىركەتنىڭ پاي چېكىنى ئازىراق سىتىۋالسا ، ئەتە ب شىركەتنىڭ پاي چېكىدىن ئازىراق ئالىدۇ، ئۆگۈنى س شىركەتنىڭ پاي چېكى ياخشى ئۆسسە ، ئۇنىڭدىنمۇ ئىلىپ قويغۇسى كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەبلىغى چىچىلىپ كالىسىمان بازار ئاخىرلاشقاندا ھىچقانچە پايدىغا ئىرىشەلمەيدۇ. س شىركەتنىڭ پىيىنى ئۆسكەندە باھا قوغلىشىپ سىتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن تىخى زىيان چىقىشىمۇ مۇمكىن.
شۇڭا بازا ئەھۋالىنى ياخشى كۈزىتىپ كالىسىمان بازارنىڭ ھەقىقى باشلانغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغاندىلا ، بارلىق مەبلىغىنى يىغىپ، ئوبۇرۇتتىكى قىممىتى تۆۋەنرەك،باھاسى مۇۋاپىقراق ، سۈپىتى ياخشىراق پاي چىكىدىن بىر ياكى ئىككىنىلا تاللاپ دەسمايىنىڭ ھەممىسىنى شۇنىڭغا سىلىش كىرەك.
2) باسقۇچلارغا بۆلۈپ مەشغۇلات ئىلىپ بىرىش كىرەك
پاي چېكى بازىرى مەڭگۈ ئۆسىۋەرمەيدۇ،ئاخىرلاشمايدىغان كالىسىمان بازار يوق. قىزىق يىرى شۇكى، كۆپ سانلىق مەبلەغ سالغۇچىلار بازارنىڭ كەلگۈسىگە تىخىمۇ ئىشەنىچ بىلەن قاراپ ، پاي چېكى بازىرىنىڭ خەتىرىنى پۈتۈنلەي ئىسىدىن چىقارغان ۋاقىت دەل ئىييىقنىڭ يىتىپ كەلگەن ۋاقتىدۇر. ئەگەر سىز كالىسىمان بازارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە پاي چېكى سىتىۋالغان بولسىڭىز، بازار ئۆسۈپ مەلۇم نوقتىغا چىققاندا ھىساۋاتىڭىزدىكى پايدىمۇ ئىشىشى مۇمكىن . شۇنداق ۋاقىتتا سىز قىلچە ئىككىلەنمەي %50 پاي چىكىڭىزنى سىتىۋىتىڭ. تىخى ئۆسىۋاتقان تۇرسا دىيىشىڭىز مۇمكىن ، لىكىن سىزدە قاچان شۇنداق ئوي بولىدىكەن ، زىيانمۇ سىزگە ئانچە يىراق ئەمەس.
3) كەسكىن بولۇش كىرەك
بازارنى خىلىدىن بىرى كۈزىتىپ، بازارنىڭ تەۋرىنىش ئالامەتلىرىدىن ئىييىقسىمان بازارنىڭ ئاخىرلىشىپ كالىسىمان بازارنىڭ باشلانغانلىقىغا ئىشەنىچ قىلغاندا ، كەسكىن ھەركەت قىلىپ ، كۆڭۈلگە پۈكۈپ قويغان پاي چىكىنى دەرھال سىتىۋىلىش كىرەك. پاي چېكى بازىرىدا ۋاقىت دىمەك پۇل دىمەكتۇر.بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ تۇتۇش لازىم. ئەگەر كەچكىچە ياپسام پىشارمۇ،كۆمسەم پىشارمۇ دەپ ئىككىلەنگەندە پۇرسەت كىتىپ قالىدۇ.
كەسكىن بولۇش پاي چېكى سىتىۋالغاندىلا تەلەپ قىلىنمايدۇ . پايدىڭىز مەلۇم نىسبەتتە ئاشقاندا پاي چېكى سىتىشقىمۇ كەسكىن بولىشىمىز كىرەك. ئۆزىڭىز سىتىۋەتسەم يەنە ئۆسۈپ كىتەرمۇ دەپ ئويلىغان ۋاقىت دەل پاي چېكى سايىدىغان ۋاقتىڭىزدۇر.
4) سوغۇق قانلىق بىلەن ھۆكۈم قىلىش كىرەك
پاي چېكى بازىرىدا ئالدىراقسان كىشىلەر پايدا ئالالمايدۇ. ئەگەر شىركەت ئەھۋالى ۋە بازار ئەھۋالىنى ئاساسەن توغرا مۆلچەرلىيەلىگەنلىكىڭىزگە ئىشەنىچ قىلالىسىڭىز، سوغۇق قان بولۇڭ. سىز سىتىۋالغان پاي چىكى سىز ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىلا ئۆسۈپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. ھەتتا سىز ئالغان باھادىنمۇ تۆۋەنرەك باھاغىمۇ چۈشۈپ كىتىشى مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتلاردا سوغۇق قان بولۇپ، كونكىرىت ئەھۋالنى تەھلىل قىلىش زۆرۈر. ئالدىراقسانلىق بىلەن ئۇنى سىتىپ بۇنى ئىلىپ ، پاي چىكىڭىزنى توختىماي ئالماشتۇرسىڭىز، ھەر قىتىم زىيان تارتىپلا قالماي، دەسمايىڭىز دۆلەتكە باج تاپشۇرۇش ۋە تىجارەت ئورنىغا ھەق تۆلەش بىلەنلا تۈگەيدۇ.

 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  بىلوگنى سېغىندىڭىز...
●  2009 – يىللىق قۇربان ...
●  زور ئۈمىدكە تولغان ...
●  ماشىنا - تراكتورلار...
●  پاي چېكى ئويناش تاكتىكىللىرى...
●  فونىدلارنىڭ پايدىس...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  بىلوگنى سېغىندىڭىزمۇ ؟...
●  2009 – يىللىق قۇربان ھېيتل...
●  زور ئۈمىدكە تولغان بىر پ...
●  ماشىنا - تراكتورلارنى رې...
●  پاي چېكى ئويناش تاكتىكىللىرى...
●  فونىدلارنىڭ پايدىسى قان...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى