ماشىنا - تراكتورلارنى رېمونت قىلىش
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-07 18:09:13 كۆرۈلۈش سانى : 131
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ماشىنا - تراكتورلارنى رېمونت قىلىش بېسىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ ماشىنا - تراكتورلارنى رېمونت قىلغاندا چوقۇم چاقىغا ئۈچ بۇرجەك ياغاچ ياكى كېسەك قىستۇرۇش كېرەك. دامكارات بىلەن چاقنى كۆتۈرگەندە، مۇقىم تىرەپ قۇيۇش، دامكاراتنى چۈشۈرگەندە ئەتراپتا ئادەم ياكى توسالغۇ نەرسىلەر بار - يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. سۇيۇقلۇق بېسىملىق كوزۇپنىڭ ماي تۇرۇبىسىنى تەكشۈرگەندە يانتۇ قىلىنغان كوزۇپنى مۇقىم تىرەپ قويۇپ، ئاندىن مەشغۇلات قىلىش كېرەك. كۆيۈپ زەخىملىنىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ ماتور ھەرىكەتلىنىۋاتقاندا تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ماتورنى ئۆچۈرۈپلا رېمونت قىلىشقا توغرا كەلسە، گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىنىڭ كۆيدۈرۈپ قويۇشىدىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ماتور سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى چاغدا رادىئاتور ئاغزىنى ئېچىشقا بولمايدۇ، بولمىسا سوۋۇتۇش سۈيى چاچراپ، كۆيدۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.
زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ رېمونت قىلىش سېخىدا دائىم ماتورنى قوزغىتىش ياكى كەپشەرلەش ۋە پاياتلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلغاچقا، ئۆي ئىچىگە ئاسانلا كېرەكسىز گاز يىغىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
پارتلاپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ ماي تۇڭى ياكى ماي باكىنى كەپشەرلەشتىن ئىلگىرى چوقۇم پاكىز يۇيۇپ تازىلاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئاككۇمۇلياتورنى ئوت ئۇچقۇنىدىن ساقلاپ، ئاككۇمۇلياتوردىن چىققان ھىدروگىن بىلەن ئوكسىگېن يىغىلىپ، ئوت ئۇچقۇنىدا پارتلاشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
ئوت ئاپىتىدىن ئېھتىيات قىلىڭ بېنزىن ماشىنىسىنى رېمونت قىلغاندا ئوت يېقىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئۇچقۇن چىقىرىش مەنئىي قىلىنىدۇ. قۇم چاق ئەتراپىغا بېنزىن جاۋۇرى، ماي يۇقى خام ۋە باشقا كېرەكسىز نەرسىلەرنى قويۇشقا بولمايدۇ.
توك سوقىۋېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىگە يەر سىمى ئۇلاش، ھەر قانداق يېرىدىن توك قاچماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توك سىمى كونىرىغان ياكى چاشقان غاجىلىۋەتكەن بولسا، دەرھال ئالماشتۇرۇش كېرەك
|
|