بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مائارپ >> ژۇرناللار >> شىنجاڭ  ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى

شىنجاڭ  ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-18 09:59:19    كۆرۈلۈش سانى : 165  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۈچ خىل يېزىقتا چىقىرىلىدۇ. پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن نەشرى (خەنزۇ تىلىدا) 1973 - يىلى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر تىلى نەشرى 1980 - يىلى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان. بۇلار ھەممىسى 1982 - يىلدىن باشلاپ ئاشكارا تارقىتىلغان. ئاساسىي مەقسىتى: پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ھەمدە يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت. ئاساسلىق سەھىپىلىرىدىن غەربىي دىيار تارىخىي تەتقىقاتى، رايون ئىقتىسادىي تەتقىقاتى، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى، يىپەك يولى ئەدەبىيات مۇنبىرى، نوپۇس، ئاياللار تەتقىقاتى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى قاتارلىقلار بار. تەبىئىي پەن (خەنزۇ تىلىدىكى) نەشرى 1975 - يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، 1984- يىلى ئاشكارا تارقىتىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر تىلى نەشرى 1980 - يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىنىپ 1999 - يىلى ئاشكارا تارقىتىلىشقا باشلىغان. ئاساسىي مەقسىتى: تەبىئىي پەن ئۇل نەزەرىيىسى، تېخنىكا ئىلمى، قوللىنىشچان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ئىلمىي ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. قازاق تىلىدىكى نەشرى 1981 - يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان، ئەسلى نامى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى بولۇپ، 1993 - يىلى شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئىلمىي ژۇرنىلى غا ئۆزگەرتىلدى. ئىلمىي ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىدە كسپىي تەھرىرلەردىن 14 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پروفېسسوردىن بىر كىشى، دوتسىنت بەش كىشى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىردىن ئۈچ كىشى بار. ئۈچ خىل تىل نۇسخىسىدىكى بەش تۈرلۈك ئىلمىي ژۇرنال دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ژۇرناللارنى باھالاشتا كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.'


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شىنجاڭ مائارىپ تار...
●  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىت...
●  شىنجاڭ مائارىپ يىل...
●  شىنجاڭ مالىيە ئىقت...
●  ئالىي مائارىپ تەتق...
●  شىنجاڭ مائارىپى ژۇ...
●  سانجى پېداگوگىكا ئ...
●  ئىلى دەرياسى
●  مىراس
●  مايبۇلاق
●  قۇمۇل ئەدەبىياتى
●  قەشقەر پېداگوگىكا ...
●  قەشقەر ئەدەبىياتى
●  شىنجاڭ ياشلىرى
●  شىنجاڭ ئىجتمائىي پ...
●  شىنجاڭ مەدەنىيىتى
●  شىنجاڭ ئىجتىمائىي ...
●  شىنجاڭ سەنئىتى
●  شىنجاڭ پېداگوگىكا ...
●  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتې...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شىنجاڭ مائارىپ تارىخىي ...
●  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئ...
●  شىنجاڭ مائارىپ يىلنامىس...
●  شىنجاڭ مالىيە ئىقتىسادى
●  ئالىي مائارىپ تەتقىقاتى
●  شىنجاڭ مائارىپى ژۇرنىلى
●  سانجى پېداگوگىكا ئالىي ...
●  ئىلى دەرياسى
●  مىراس
●  مايبۇلاق

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى