بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مائارپ >> ژۇرناللار >> شىنجاڭ مائارىپ يىلنامىسى

شىنجاڭ مائارىپ يىلنامىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-18 10:08:56    كۆرۈلۈش سانى : 99  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
مەكتەپلەر خىزمەت كومىتېتى ۋە مائارىپ نازارىتى تەشكىللەپ تۈزۈگەن مائارى كەسپىي يىلنامىسى بولۇپ، ھازىرغىچە ئىككى قېتىم نەشىردىن چىقىرىلدى. بىرىنچى قىسىم شىنجاڭ مائارىپ يىلنامىسى (1949 - 1989) نى شىنجاڭ مائارىپ يىلنامىسى تەھرىر ھەيئىتى تۈزگەن بولۇپ، 1991 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتابتا شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىنكى 40 يىللىق ۋاقىتنى ئاساس قىلىپ، ھەردەرىجىلىك، ھەر خىل تىپتىكى مائارىپ تۈرى بويىچە، 40 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭ مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات مۇساپىسىنى ھەقىقىي ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. پۈتۈن كىتاب ئىككى بۆلۈمگە بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 12 باب. بىرىنچى بۆلۈم توققۇز باب بولۇپ، بىرىنچى باب ئومۇمىي بايان، يەنى 1949 - 1984 - يىلغىچە بولغان شىنجاڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتىنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بايان قىلىنغان. ئىككىنچى بابتىن توققۇزىنچى بابقىچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا بالىلار مائارىپى، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مائارىپى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشىنى، كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى، ئالىي مائارىپ، چوڭلار مائارىپى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئىسلاھات مۇساپىسى، نەتىجىلىرى ۋە ئاساسلىق مۇۋەپپىقىيەت تەجرىبىلىرى بايان قىلىنغان. ئىككىنچى بۆلۈم ئۈچ باب بولۇپ، 1985 - 1989 - يىلغىچە بولغان جەرياندىكى، ھەر دەرىجىلىك مائارىپنىڭ يېڭى نەتىجىسى ۋە تەجرىبىلىرى بايان قىلىنغان. ئىككىنچى قىسىم شىنجاڭ مائارىپ يىلنامىسى (1990 - 1998) نى شىنجاڭ مائارىپى يىلنامىسى تەھرىر ھەيئىتى تۈزۈگەن. 1999 - يىلى 3 - ئايدا شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى نەشىر قىلغان بولۇپ، مەزمونىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى پىلان، خۇلاسىلىرى، مائارىپ گېزىت - ژۇرناللىرى ھەمدە شەخسلەر تەمىنلىگەن ماتېرىياللار، شۇنداقلا جۇڭگو مائارىپ يىلنامىسى ۋە شىنجاڭ يىلنامىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىچدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار. ئاساسلىق سەھىپىلىرىدىن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە دائىر مۇھىم قانۇن - قائىدىلىرى، ھۆججەتلىرى، مائارىپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش، ئۇل مائارىپى، كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى، ئالىي مائارىپ، چوڭلار مائارىپى، تەنتەربىيە، سەھىيە، سەنئەت مائارىپى، پېداگوگىكا مائارىپى، مىللىي مائارىپ، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ، مائارىپ گېزىت - ماتېرىياللار توپلىمى قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەن. شىنجاڭ مائارىپ يىلنامىسى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق ھەقىقىي ھالدا شىنجاڭ مائارىپىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، مائارىپ باشقۇرۇشتىكى تەدبىر بەلگىلەش، تەتقىقات ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتتى


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شىنجاڭ مائارىپ تار...
●  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىت...
●  شىنجاڭ مائارىپ يىل...
●  شىنجاڭ مالىيە ئىقت...
●  ئالىي مائارىپ تەتق...
●  شىنجاڭ مائارىپى ژۇ...
●  سانجى پېداگوگىكا ئ...
●  ئىلى دەرياسى
●  مىراس
●  مايبۇلاق
●  قۇمۇل ئەدەبىياتى
●  قەشقەر پېداگوگىكا ...
●  قەشقەر ئەدەبىياتى
●  شىنجاڭ ياشلىرى
●  شىنجاڭ ئىجتمائىي پ...
●  شىنجاڭ مەدەنىيىتى
●  شىنجاڭ ئىجتىمائىي ...
●  شىنجاڭ سەنئىتى
●  شىنجاڭ پېداگوگىكا ...
●  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتې...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شىنجاڭ مائارىپ تارىخىي ...
●  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئ...
●  شىنجاڭ مائارىپ يىلنامىس...
●  شىنجاڭ مالىيە ئىقتىسادى
●  ئالىي مائارىپ تەتقىقاتى
●  شىنجاڭ مائارىپى ژۇرنىلى
●  سانجى پېداگوگىكا ئالىي ...
●  ئىلى دەرياسى
●  مىراس
●  مايبۇلاق

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى