بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> شېئىر >> گۈزەل كۈنەس

گۈزەل كۈنەس

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-21 16:46:46    كۆرۈلۈش سانى : 278  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
        گۈزەل كۈنەس                       (ئازات ئابدۇللا )   بالىلىق چېغىم ئۆتكەن گۈزەل كۈنەس ئېتىز - قىر ، باغلىرىڭدا ئىزىم قالغان سېغىندىم بەڭۋاش ، كەپسىز چاغلىرىمنى قەلبىمدە تاتلىق - تاتلىق سېزىم قالغان توپىلىق يوللىرىڭدا يالاڭ ئاياغ قىيغىتىپ ئاساۋ تايدەك ئۆسكەن ئىدىم شىۋاقلىق غوللىرىڭدا پادا بېقىپ دەستىلەپ گۈل - چېچېەكلەر تەرگەن ئىدىم << ئاق ئۆزەن >> يايلىقىدا ئوغلاق تارتىپ بەل ئېشىپ سۇلىرىڭنى كەچكەن ئىدىم شوخ ئىدىم، تەنتەك ئىدىم، چاپچىپ تۇرغان ئات مىنىپ قىز قۇۋارغا چۈشكەن ئىدىم ئېھ  كۈنەس ! ئىشچان،زېرەك بىر بالاڭمەن باغرىڭغا قان - تەرىمنى تۆككەن ئىدىم باغ باغلاپ، ئورما ئورۇپ ئېتىزلاردا كېچىسى توپان سورۇن ئۆتكەن ئىدىم چۆللەردە ئۆستەڭ چېپىپ ،سۇلار باشلاپ كۆكسۈڭگە گۈلدىن كۆچەت تىككەن ئىدىم   شارقىراپ سۇلار ئاققان سايلىرىڭدىن قارىقات ،مالىنىلەرنى تەرگەن ئىدىم ساي - سايدىن كىيىك - قەرەن قوغلىغاندا تىك چوققا، غارلىرىڭدا ياتقان ئدىم چۆپ چېپىپ ،دورا كولاپ <<بورانقۇل>>دا كېچىسى گۈلخانلارنى ياققان ئىدىم ئېھ كۈنەس! گۈزەل كۈنەس ، ئانا ماكان سېغىنىپ ئەسكە ئالدىم بالىلىقنى ئوت ئىدىم،يالقۇن ئىدىم ،كۆيۈپ تۇرغان قانداقمۇ ئۇنىتاي ئاشۇ چاغلىرىمنى مەنبە ؛ ئىلى دەرياسى


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  سېنى كۆرگەندىن باش...
●  ئىسلام قىزلىرى~~~512
●  گۈزەل كۈنەس
●  سىلكىمە ئوغلۇم مېن...
●  نۇر چۈشتى زىمىنغا ئ...
●  ئەربولساڭ،~~~512
●  ئىزگۈ تىلەكلەرىم
●  ئىلتىجا (شېئىر)
●  كۆرگۈم كەلدى
●  تاگور نەسىرلىرىدىن...
●  (ئاۋازلىق)ھىدايەتن...
●  خىسلەت
●  ۋېجدان
●  تۆگە بىلەن ئات
●  ۋىجدان ۋەجىدىن(مۇھ...
●  ياردەم قىلساڭلار
●  شامال چىلىك يۈزۈم ي...
●  ھايات ماڭا كۈلۈپ قا...
●  تىلسىم دۇنيا
●  بۇھايات

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  سېنى كۆرگەندىن باشلاپ...
●  ئىسلام قىزلىرى~~~512
●  گۈزەل كۈنەس
●  سىلكىمە ئوغلۇم مېنى (مۇ...
●  نۇر چۈشتى زىمىنغا ئويغا...
●  ئەربولساڭ،~~~512
●  ئىزگۈ تىلەكلەرىم
●  ئىلتىجا (شېئىر)
●  كۆرگۈم كەلدى
●  تاگور نەسىرلىرىدىن پارچ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى