ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> شېئىر >> سىلكىمە ئوغلۇم مېنى (مۇھەممەتجان راشىدىن )
سىلكىمە ئوغلۇم مېنى (مۇھەممەتجان راشىدىن )
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-21 16:49:13 كۆرۈلۈش سانى : 673
سىلكىمە ئوغلۇم مېنى
سىلكىمە ئوغلۇم مىنى سەن قېرى دەپ،
كوچىلاردا تۇر مىنىڭىدىن نېرى دەپ.
ھىچ كىشى ھۆددە قىلالماس ئۆزىگە،
قىرىلىق سەن مىنىڭىدىن نېرى دەپ.
ئۆتتى باشتىن سانى يوق جەۋرى - جاپا،
يۇرىمەن بىر كۈن كۈلۈپ، ئون كۈن خاپا.
سىنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قاتقىچە،
ئۆيىدە بۇلدىم ئانا ، كوچىدا دادا.
شۇ ئوماق ئوغلۇڭ ئۆسۈپ سەندەك بۇلار،
سارغىيىپ ئايدەك يۈزى مەندەك بۇلار.
ئاشۇچاغ سەن سەت كۆرۈپ خار ئەيلىگەن،
گىپى كۆپ پاك ئاناڭ خەندەك بۇلار..
قوغلىما مەنمۇ داداڭدەك كېتىمەن،
قوغلىما بىر كۈن كۆزۈڭدىن يۈتىمەن.
قاپقارا زۈلمەتھەتلەرنىڭ تەكتىدە ،
ئاقىۋەت مەن دەرت ئەلەمسىز ياتىمەن.....
ئاپتۇرى ......... مۇھەممەتجان راشىدىن |
|