ئەربولساڭ،~~~512
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-15 13:15:02 كۆرۈلۈش سانى : 745
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئۆزگىلەرنىڭ تونىدا تەرلىمىگىن ئەربولساڭ،
سۇ يۈزىدە كۆپۈك بوپ لەيلىمىگىن ئەربولساڭ.
ھالال ئىشقا چات كىرىپ چەيلىمىگىن ئەربولساڭ.
ھارام نەپتىن يېنىڭنى غەملىمىگىن ئەربولساڭ.
قىپ كىبىرلىك ئەلنى زار ئەيلىمىگىن ئەربولساڭ.
ھاياتىڭنى قەدىرلەپ رۇسلىۋالغىن يۇلۇڭنى.
ئىلىم،ھېكمەت،ھۈنەردەپۇختىلىغىن ئۇلۇڭنى.
ھۇرۇنلۇقتىن يىراق بول،قىسقا قىلاريۇلۇڭنى.
ئەجرىڭ بىلەن ياشاپ ئۆت ئەلگە چېچىپ نۇرۇڭنى.
پۇشايماندا كىرپىكىڭ نەملىمىگىن ئەربولساڭ.
چىقارمىغىن ئېسىڭدىن ياغسا ئامەت ئەسلىڭنى،
ساقلا تۈگەل يوقاتما ئادىمىيلىك نەسلىڭنى،
بارار سۆرەپ ھاڭغىلا قۇيىۋەتسەك نەپسىڭنى،
ھالال مىھنەت نان بىرەر تېپىۋالغىن كەسپىڭنى،
ھارامدىن نەپ ئېلىشنى پەملىمىگىن ئەر بولساڭ.
ئىشقا تۇرما ئېرىنىپ باشقىلارنىڭ زورىدىن،
قىلساڭ سەۋەپ تەرىڭدە ھالۋا پۈتەر غورىدىن،
جاسارىتىڭ ئايىما مۈشكۈل بىتچىت تورىدىن،
ساقلا ئەقلىڭ مەنزىلدە داۋانلاردىن ئورىدىن،
چىدام غەيرەت يولىدىن چەتنىمىگىن ئەر بولساڭ. |
|