«ئۇيغۇرچە سۆزلەشكۈ» دە ھەمكارلىشىش...
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-04 21:27:55 كۆرۈلۈش سانى : 1356
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلقۇت تورىدىكى بارلىق مۆھتەرەم، ئەزىز تورداشلار!
ئالدى بىلەن بۇ تىمىنى يېزىشتىكى مەقسىتىمنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:
مەن 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىنتىل تورىدىكى «تاۋلان» نامدىكى تورداشنىڭ QQ رىمغا يوللىغان بىر ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇچۇردا:
مېنىڭ ئىنتىل تورىدىكى [url]https://www.intil.cn/munber/viewthread.php?tid=7362[/url] تىمىغا كىرىپ، تورداشلار بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولۇشۇمنى ئېيتىپتۇ. قارىسام، «تىرىش» ئىسىملىك توردىشىمىز يوللىغان « ئۇيغۇرچە QQ ياسىغانلار بىرلىشەمسىلە يا؟» دېگەن تىمىدىكى يوللانما ئىكەن. تىمىغا كىرىپ تولۇق مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپتىم. شۇنداقلا، «تىرىش» ئىسىملىك توردىشىمىز ۋە ئىنكاسلىرىدا بۇ پىلاننى ھەرقايسى جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باشقا تورداشلىرىمىزنىڭ پاراسىتىگە، ئالدىن كۆرەرلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم. ۋە بۇ توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي دېگەن مەقسەتتە ئۈشبۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن...
بىرلىشىشكە مەن ئۆزۈم شەخسەن چىن كۆڭلۈمدىن قوشۇلىمەن. ئەگەر بۇ خىلدىكى «بىرلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش» بولسا، مەنلا ئەمەس نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىمىزمۇ ھەم سۆيۈنىدۇ ۋە پەخىرلىنىدۇ.
مانا ھازىرغىچە كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. شىركىتىمز ئىشلەپ چىقارغان «بارخان ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش سىستېمىسى» ، «كۆزنەك ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش سىستېمىسى» ، «كوت-كوت ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش سىستېمىسى» ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان لاۋا-لاۋا قاتارلىق سۆزلىشىش پروگراممىلىرى مەيدانغا كەلدى. ھەر بىر سىستېما ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە سازاۋەر بولدى ھەم بولىۋاتىدۇ.مېنىڭ بۇ يەردە شۇنداق بىر ھېسابنى قىلىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ. لاۋا-لاۋا نىڭ مۇلازىمىېتىرى ۋە پروگراممىرلىرى شۇنى ئىشلىگەن شىركەتنىڭ باشقۇرشىدا ئىكەنلىگىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان ئۈچ پروگرامما مۇستەقىل ھالدا بىردىن مۇلازىمېتىر، شۇنداقلا ئاز دېگەندە 3 دىن پروگراممىرلانى تەلەپ قىلىدۇ. بىر مۇلازىمېتىرغا نورمال بولغاندا 20،000 يۈەن، ھەر بىر پروگراممىرنىڭ ئايلىق مائاشى 1،500 يۈەن ھېسابلىغاندىمۇ جەمئى 4،500 يۈەن. بۇ يەردە باشقا ھېچقانداق چىقىمنى ھېسابلىماي مۇشۇ چىقىمنى ھېسابلىغاندىمۇ ھەر بىر شىركەت يىلدا 74،000 يۈەن پۇلنى مۇشۇ تۈر ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ.
مۇشۇنداق بولغاندا ئۈچ شىركەت ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش تۈردىكى سىستېمىسى ئۈچۈن بىر يىلدا جەمئى 3 * 74،000 =222،000 يۈەننى سەرپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئۈچ سىستېما تارقىتىلغاندىن كىيىن، تورداشلارمۇ تەبئى ھالدا ئاق تاغلىق، قارا تاغلىققا ئايرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ يەردە قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ ئەلۋەتتە بىھۇدە بولغان ئىقتىسادى چىقىم ۋە تورداشلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق (بۇنىڭ مىسالى: 2007- يىلى 2-ئايدا بارخان ۋە كۆزنەك سۆزلىشىش سىستېمىسى بىرلا ۋاقىتتا دېگۈدەك تارقىتىلدى. ھەممىگە مەلۇم، ھەر بىر تور پونكىتىنىڭ شۇنداقلا شىركەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس قوللىغۇچىلىرى ۋە ئابونتلىرى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىلىك تورىدا ئىككى تورداش ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان ئۇرۇش پارتىلىدى.بىر تورداش: «كۆزنەك ياخشى، سىلەرنىڭ بولسا ئاۋۇ يېرى ئانداق، ماۋۇ يېرى مانداق...» دېسە يەنە بىر تورداش «بارخاننىڭ ياخشى، ئەكسىچە سىلەرنىڭ ئۇنداق، بۇنداق ...»دېگەندەك . ئاخىرىدا كېلىپ بۇ تىما پۈتۈن بىلىك تور ئەھلىنى دېگۈدەك ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈۋەتتى. ئاخىرىدا باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئارلىشىش بىلەن بېسىققان بولدى).
گەپ مۇشۇنداق، مەن يۇقۇرىدا ناھايىتى ئاددى ھەم كۆز ئالدىمىزدا بولۇۋاتقان بىر قانچە سەۋەبىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم. مەن ئويلايمەن: ئىككى توك–توك ئىقتىسادىمىزغا مۇشۇنچىۋالا بىھۇدە چىقىمنى قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ قۇمدەك چېچىلىپ، ھەريان–ھەريان يۈرگىنىمىزدە يەنە چېچىلىپ يۈرۈشىمىزنىڭ زۆرۈرىيتى بارمۇ؟ ... (بۇ توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان مىسال، ۋە پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قوياي دېگەن ئىدىم. لېكىن، بىھاجەت دەپ ئويلىدىم. چۈنكى ھەر بىر مۇنبەردە كەم دېگەندە 5 دىن مۇشۇ توغرىسىدا تىما بار. ھەم مۇشۇ سەۋەبلىك تارتىۋاتقان زىيىنىمىز ھەر بىر تورداشلىرىمىزغا ناھايىتىمۇ ئېنىق!)
مېنڭچە يوق! قەتئى يوق!!! بىز ئەسلىدىنمۇ ئۇيۇشقان، تارىختا نۇرغۇنلىغان شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان. بىزدە ھېلىمۇ شۇ قان بار. شۇ خىسلەت بار. بىز ھېلىمۇ ھەم ئۇيۇشالايمىز! چۈنكى بىز تىلىمىز، دىلىمىز، قېنىمىز بىر "ئۇيغۇر"!!!
ئۈمىدىم: مۇشۇ ساھەدىكى شىركەت ۋە ئورۇنلار ئۆز–ئارا سەمىمى ھەمكارلاشساق، شۇنداقلا تورداشلارغا ھەر تەرەپتىن قولايلىق بولغان بىرلا "ئۇيغۇرچە سۆزلەشكۈ" نى ئىشلىتىشكە سۇنساق... بىزمۇ ھەم تورداشلارمۇ ئۇ سىستېما، بۇ سىستېما دەپ چېچىلىپ يۈرمىسە...!!!
بۇنىڭغا باشقا ئوخشاش ساھەدىكىلەر قانداق قارايدىكىن، بىلمىدىم. ئەگەر سەمىمى تەكلىپىم جاۋابسىز قالدۇرۇلسا ياكى رەت قىلىنسا، ھەر بىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشنى تىلەيمەن!!!
2009- يىلى 5-ئاينىڭ 3- كۈنى
بارخان
[color=#FF3300]مەن بۇ تىمىنى ئىنتىل سەيناسىدىن كۆچۈرۈپ ئالدىم ، مەخسىتىم بىلقۇت تورىدىكى دوسلانى ھەم بىلقۇت شىركىتىنى بۇ ئىشلارنى قولىشىپ بىرەمدىكىن دىگەن ئۈمۈت بىلەن شۇنداق قىلدىم [/color]
مەنبە : [url]https://www.intil.cn/munber/viewthread.php?tid=7546[/url] |
|