بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كومپيۇتېر بىلىملىرى >> توربىلىملىرى >> توردا دەرىس ئېلىشنىڭ ۋاقتى كەلدىمۇ؟

توردا دەرىس ئېلىشنىڭ ۋاقتى كەلدىمۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-30 14:06:04    كۆرۈلۈش سانى : 948  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
    ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار!     ئىلىكتىرون-ئۇچۇر دۋرىگە كىرىشىمىزگە ئەگىشىپ ،كومپىيۇتېر ۋە كەڭ بەلباغلىق تور مىللىتىمىز ئىچىدىمۇ ئائىللەرگىچە كىرىپ كەلدى.بىز بۇ جەرياندا تورغا چىقىش ئارقىلىق مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلنمىغان تۇرمۇش چىنلىقى قويۇق بەدئى ئەسەرلەردىن زوق ئالساق ،تارىخىمىز ،مەدەنيىتىمىز ۋە قوشنا ئەللەر مەدەنيىتى ھەققىدە بەلگۈلىك چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇق ،رىئاللىقتا سوراش ئەپسىز بولغان سالامەتلىك ۋە جىنسىيەتكە ئائىت مەسەللەرگە جاۋاپ تاپتۇق.ئۆزىمىزنىڭ كومپىيوتېر سەۋيىمىزنى يوقىرى كۆتۈردۇق .ئالدى بىلەن بىزنى شۇنداق شارائىتقا ئىگە قىلغان ھەرقايسى تور بىكەت باشلىقلىرى ،باشقۇرغۇچىلار ۋە قەلەمكەشلەرگە چىن كۆڭلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن .     بىراق ھازىرقى ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىنىڭ يۆنلىشىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدا ،بىزنىڭ توردىن پايدىلنىشىمىز كۆپنچە خەۋەر كۆرۈش ،كىنو ،ناخشا -موزىكا ئاڭلاش ،ئەدەبى ئەسەرلەرنى ئوقۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.گەرچە بۇ خىل كەيپىيات دۆلىتىمىز ئاز سانلىق مىللەتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرسىمۇ، لىكىن تېخى كەسپى بولغان تور بىكەتلەر ،يەنى توردا مەلۇم بىر پەننى توتقا قىلىپ  0دىن باشلاپ دەرىس يوللاپ ،سىسىتىمىلىق ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان تور بىكەتلەر كەمچىل.       بۇ خىل ئىھتىياج ۋە رىئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ ،بىز (خەلقئارا ئۇيغۇر ئېنگلىز تىلى گورۇپىسى) دۆلەت ئىچىدىكى بۇ جەھەتتە قىزغىلىقى بار  ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مۇشۇ جەھەتتە يېڭى يول ئېچىشىنى خالايدىغان دوسلىرىمىزنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ،ئېنگلىز تىلىنى 0دىن باشلاپ ،ئەسلى ماتېريال (ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغان )ئارقىلىق ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان ،[url]www.uyenglish.com[/url]خەلقئارا ئۇيغۇر ئېنگىلىز تىلى كۇلۇبىنى قۇرۇپ چىقتۇق .     مەقسىتىمىز :ئېنگلىز تىلىنى 0دىن باشلاپ ،ئەسلى ماتېريال (ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرىغا بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغان )ئارقىلىق ئۆگىتىش ۋە ئېنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەرگە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش .     تور بىكەتنى قۇرۇشىمىزنىڭ سەۋەبى :1.مىللىتىمىزدە توردىن ئۆگىنىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش،يەنى كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ پايدىلىنىش ئۈنىمىنى يوقىرى كۆتۈرۈش.كەسپى تور بىكەتلەرنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرىتكە بولۇش ۋە بۇرۇن ئېچىلغان كەسپى تور بىكەتلەرگە ئىلھام بېرىش . 2.ئېنگلىز تىلى نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا ،گەرچە مەكتەپلەردە دەرىسلىك يولغا قويۇلغان ،دەۋىرنىڭ ئالدىدا ماڭغان ياشلىرىمىز كۇرۇسلار ئارقىلىق تەربىيلىنىش پۇرسىتى تەمىنلەۋاتقان بولسىمۇ،ماكان -زاماننىڭ تەسىرى تۈپەيلى كۇرۇسلارغا بېرىش ئمكانىيىتى يوق لىكىن ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىش ئھتىياجى بارلار ،مەكتەپنى بۇرۇن پۈتتۈرگەن (ئېنگلىز تىلى دەرىسى تەسىس قىلنىشتىن بۇرۇن)ھازىر ئۆگىنەي دىسە ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتقان،ھەم خەنزۇ تىلى بىلمىەسلىك سەۋەبلىك ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە پۇرسەت بولمايۋاتقانلار،ئەمما ئېنگىلىز تىلى ئۈگىنىشنى ئويلاۋاتقانلار ئاز ئەمەس.بىكىتمىزدە پەقەت ئۇيغۇر تلى ساۋادى  بولسىلا ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش شارائىتىغا ئىرشەلەيدۇ. 3.كىچىك باللار .ئەڭ چوڭ شەھەر بولغان ئۈرۈچىدە ،يەسلىلەردە قوش تىل ۋە ئېنگلىز تىلى بۇيۇنچە تەربيلىسىمۇ ،بۇ ناھايتى ئاز بىر قىسملا خالاس .ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپنچە ،خەنزۇچە ئارقىلق ئېنگلىز تىلى ئۈگتىلدىغان بولغاچقا (ئەلۋەتتە مەن بۇيەردە ھەرگىزمۇ خەنزۇچە ئۈگەنمەسلىك كىرەك دەۋاتقىنىم ئەمەس ،بىر پۇقرا بولۇش سۈپتىمىز بىلەن خەنزۇ تىلىنى چوقۇم ياخشى ئۈگىنىشىمىز كىرەك)،باللاردا قېيىچىلىقلار بار ،يەنى خەنزۇ تىلىدا ئارقىدا بالا ئېنىقكى ئېنگلىز تىلىدىمۇ ئارقىدا.بىزنىڭ دەرىسلىكىمىز ھەپتىدە بىر يېڭى مەزمۇن يوللاشنى ئاساس قىلغان بولۇپ ،باللار كەچتە تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولغاندىن كىيىن ،يېرىم سائەت ۋاقتىنى سەرىپ قىلسا (ئەلۋەتتە كەڭ بەلباغلىق تور بار شارائىتتا)تامامەن ئۆگنىش ۋە تەكرارلاش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ. بۇتىمىنى يېزىشتىكى مەقسىدىم :     بۇ بىكەتنى قۇرغاندىن كىيىن قوللىغۇچىلارمۇ چىققان بولسىمۇ ،كۆپىنچە تورداشلىرىمىزدا :‹‹توردىن ئۆگىتش رىئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس،ھازىر تورغا چىقۋاتقانلار ئۆگىنىش ئۈچۈن چىقىدىغانلىرى ئاز ،گەرچە قىلىۋاتقان ئىشىڭلار ياخشى ئىش بولسىمۇ لىكىن پايدىلىندىغانلار ئاز .،،›› دىگەندە ئىنكاسلار بولۇپ ،بىزنى سەل قايمۇقتۇرۇپ قويدى.گەرچە بۇنڭلىق بىلەن بىز بوشىشىپ قالمىغان بولساقمۇ ،تورداشلارنىڭ زادى قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە ،قىسقىسى قىممەتلىك پىكىر تەكىلىۋىڭلار ئارقىلىق ،بۇ ئىشىمىزنى قانداق قىلساق تېخىمۇ ياخشى قىلالايدىغانلىقىمىزغا مەسلىھەت ئېلىش مەقسىتىدە ،تورداشلارنىڭ مۇھاكىمە قىلىشىغا سۇنۇلدى.يەنى ئۇيغۇرلاردا توردىن ئۆگىنىش(بۇرۇندىن ئۆگىنىپ كىلىۋاتىمىز ،دۋاتقىنىم كەسىپلەشكەن ،سىستىمىلق ئۆگىنىش) ۋاقتى يىتىپ كەلدىمۇ ؟ بۇ خىل ئۆگىتىشنى ئۈگەنگۈچىلەر قوبۇل قىلالامدۇ؟ ئەسلى قانداقراق قىلىشىمىز كىرەك؟ ۋە ياكى قىلماسلىقىمىز كىرەكمىتى ؟ دىگەن تىمىلاردا تورداشلار ئۆزكۆز قارىشىنى ئۇتتۇرغا قويۇپ باقسا دىگەن ئۈمىدتىمەن . تور بىتىمىز باش بەتتىن دەرىس ئۆگىنىپ، مۇنبەر ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش شەكىلدە ئۆگىنىش -ئۆگىتىشنى ئاساسە شەكىل قىلغان بولۇپ ،نۆۋەتتە باش بەتكە ئېنگىلىز تىلىدىكى تاۋۇش،ھەرىپ ئوقۇشلۇقى ، ئۈزۈك -سوزۇق تاۋۇشلار ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر،تاۋۇش مەشىقى ،سانلار ،باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ئېنگىلىز تىلى گىرامماتىكىسى ،جۈملە شەكلى ۋە ئاھاڭى، ئۆگىنىش ئويۇنلىرى ،سىناقلار ،ئاڭلاش ،كۆپ ئۇچرايدىغان سۆزلەرنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى ۋە ئۆلچەملىك ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقلار ،داڭلىق چولپانلارنىڭ سۈزۈك بولغان،تىكىستى بولغان ناخشىللىرى يوللاندى .ئەلۋەتتە تور بىكىتىمىز داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۇلدۇ. سىز ئاڭلىماقچى بولغان دەرس ھەققىدە بىكىتىمىز ئۆز ئىلانىغا دىققەت قىلغايسىز! بىكىتىمىزدىن يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەربىيلەش ئورۇنلىرى ۋە تور بىكەت ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بۇلالايسىز! بىكىتىمىز كەڭ بۇ جەھەتتىكى بىكەتلەر بىلەن ھەمكالىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى چىن دىلىدىن خالايدۇ. ئەسكەرتىش : تور بىتىمىز ھېچقانداق پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمىغان بولغاچقا ،تورداشلار مىنى بۇ يەردە ئېلان قىلىۋېتىپتۇ دەپ خاتا چۈشەنمىسە دەيمەن . بىكىتىمىز خەلىقىمىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈچۈن قۇلايلىق يارتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغاچقا ،تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ،بىزدىن نەپ تەگسىكەن دەپ قارايمىز ،شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقاريسى تور بىكەتلەرنىڭ بىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قويشىنى ،باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تىمىنى مۈمكىن بولسا ،بىر ھەپتە  يوقاپ كەتمەيدىغان تەڭشەپ قويىشنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز !     ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر خەلقئارا ئۇيغۇر ئېنگلىز تىلى كۇلۇبىدىن . بىكىتىمزىنىڭ ئادرىسى:  [url]https://www.uyenglish.com/[/url] مۇنبەر ئادرىسى:        [url]https://www.uyenglish.com/bbs/[/url]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  qqمۇلازىمەتلىرى بەل...
●  تور بەتتا دائىم ئىش...
●  چاقماق(迅雷)نىڭ تىرىس...
●  phpwindتىكى تېما ئېلىش...
●  2009-يىلى 4-ئاينىڭ 27-ك...
●  QQ توپتىكى بىكار تەل...
●  شىنجاڭ كۆچمە خەۋەر...
●  رەسىمدىكى Font نى تى...
●  56Kbps مودىم ئورناتقا...
●  نۆۋەتتكى توربەتنىڭ...
●  QQ «پۇلى» نى ئۆتۈنۈپ...
●  تىلفۇنغا ھەقسىز نا...
●  «ئۇيغۇرچە سۆزلەشكۈ...
●  ADSL بىلەن تورغا چىقق...
●  تور بېكتىڭىزگە ئال...
●  توردا دەرىس ئېلىشن...
●  DDN ئۇقۇمى
●  خەنزۇچە كىرگۈزگۈچ ...
●  ئۇيغۇرچە asp لىق بېل...
●  ماڭا ftpبوشلۇقتىن يا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  qqمۇلازىمەتلىرى بەلگىسى...
●  تور بەتتا دائىم ئىشلىتى...
●  چاقماق(迅雷)نىڭ تىرىسىنى ھ...
●  phpwindتىكى تېما ئېلىشتا ئە...
●  2009-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ب...
●  QQ توپتىكى بىكار تەلەتلە...
●  شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش...
●  رەسىمدىكى Font نى تىپىش...
●  56Kbps مودىم ئورناتقاندىن ...
●  نۆۋەتتكى توربەتنىڭ URLنى ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى