ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى... - ئا.ئا.تەنھا
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-14 17:25:52 كۆرۈلۈش سانى : 150
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[size=6][align=center][color=#0000ff]ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى[/color][/align][/size]
[align=center][img]http://www.xamal.cn/bbs/images/upfile_koqurmang/2009-6/200961414383.jpg[/img][/align]
[align=center][color=#0000ff][size=4]سول تەرەپتىكى ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار[/size][/color][/align]
شائىر، يازغۇچى ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار 1967 - يىلى قاراقاش ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە توغۇلغان. 1983 - يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، 1984 - يىلى 4 - ئايدا قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1987 - يىلدىن 1991 - يىلغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان. 1992 - يىلىدىن باشلاپ قاراقاش ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
ئۇ 1988 - يىلى < يېڭى قاشتېشى > ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان < چاشقاننىڭ بىر كۈنى > ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت كوچىسىغا كىرىپ كەلگەن. ھازىرغىچە < تارىم >، < يېڭى قاشتېشى >، < شىنجاڭ گېزىتى >... قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 500 پارچىغا يىقىن شېئىرلىرى، 150 پارچىغا يىقىن نەسىرلىرى، 50 پارچىغا يىقىن ھىكايە، ئوبزور ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. < قەشقەر ئەدەبىياتى > ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان < يىڭى ھايات دولقۇنلىرى > تېمىسىدىكى نەسىر مۇسابىقىسى بىلەن < مىكرو ماقالە ۋە مىكرو ھىكايە > مۇسابىقىسىدا < سۆيگۈ > تىمىسىدىكى 18 پارچە نەسىرى بىلەن < بايقاش بىلەن ئىپادىلەش شېئىرنىڭ جېنى > ناملىق ماقالىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1 - دەرىجىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
1997 - يىلى < شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى > تەرىپىدىن < مۇھەببەت دېڭىزى > ناملىق ھېكايە - نەسىرلەر توپلىمى، 2002 - يىلى < شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتېتى نەشرىياتى > تەرىپىدىن < تىل - ئەدەبىيات جەۋھەرلىرىدىن سوئال - جاۋابلار > ناملىق كىتابى، 2006 - يىلى < شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى > تەرىپىدىن < تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىياتىدىن سەرخىل يانداشما > ( ئىككى كىتاب )، 2008 - يىلى < شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى > تەرىپىدىن < ئۆزۈڭنى سۆي ( باشقىلار بىلەن بىللە )، < شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى> تەرىپىدىن < مۇزدوز بالا > ناملىق بالىلار ھىكايە، چۆچەك نەسىرلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.
< يۈرەك سوۋغىسى >، < يىڭى زامان بالىلار قوشاقلىرى >، < قاراقاش تەنتەنىسى >، < شائىرلار شۇنداق دەيدۇ >، < ئاسماننىڭ ئاخىرى >... قاتارلىق كىتابلارغا بىر قىسىم نەسىر، شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.
ئۇ يىقىندا < شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتېتى نەشرىياتى > غا < بەخت ئىشىكى > ناملىق نەسىرلەر توپلىمىنى تاپشۇردى. ئۇ يەنە < ئىپپەت گۈلى > ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىرگە بىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ...
بىز سالونىمىزدىكى تورداشلارغا ۋەكالىتەن ئۇستاز ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىگە ئۇتۇق، تىنىگە ساقلىق، ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك، خىزمىتىگە نەتىجە تىلەيمىز!
[align=center][color=#0000ff][size=4]يوللىغۇچى: قاراقاش ناھىيە كۇيا يېزا پاۋان كەنتە 4 - مەھەللە 9 - قورودا![/size][/color][/align] |
|