ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى... - ئا.ئا.تەنھا
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-14 17:20:38 كۆرۈلۈش سانى : 151
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[align=center][color=#0000ff][size=6]ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى[/size][/color][/align]
[align=center][img]http://www.xamal.cn/bbs/images/upfile_koqurmang/2009-6/2009614163240.jpg[/img][/align]
[size=4][color=#0000ff][align=center]ئەنۋەر ھىدايەت[/align][/color][/size]
سۆيگۈ - مۇھەببەت، ۋاپادارلىق تېمىسىدىكى لېرىك شېئىرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك قېتىدىن ئۇرۇن ئالغان ياش شائىر - ئەنۋەر ھىدايەت 1969 - يىلى 17 - نويابىردا قاراقاش ناھىيە قوچى يېزا يىڭى گۈل كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز مەھەللىسىدە تاماملىغاندىن كىيىن، 1981 - يىلىدىن 1987 - يىلىغىچە تۈۋەت يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1987 - يىلىدىن 1992 - يىلىغىچە شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنىستۇتىنىڭ مالىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1992 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن قاراقاش ناھىيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ...
ياش شائىر ئەنۋەر ھىدايەت 1988 - يىلى 12 - ئايدا < خوتەن گېزىتى > دە ئېلان قىلىنغان < غايىنى دوست تۇتۇپ > ماۋزۇلۇق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان، 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى < تارىم >، < قەشقەر ئەدەبىياتى >، < يېڭى قاشتېشى >، < شىنجاڭ ياشلىرى >، < ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >، < خوتەن گېزىتى >... قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.
شائىر ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ < تۇرمۇش رەڭدار، پايانسىز ئالەم > ناملىق شېئىرى 11 - نۆۋەتلىك < خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى > غا ئېرىشكەن. 2002 - يىلى < باھار چۈشەپ ياتار بىر يىگىت > ناملىق بىر گۇرۇپپا شېئىرلىرى ۋىلايەت بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە پارچە شېئىرى < يېڭى قاشتېشى > ژۇرنىلى تەرىپىدىن 1 -، 2 -، 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
2003 - يىلى < شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى > تەرىپىدىن < نېلۇپەر ناخشىسى > ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قاراقاش ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى...
بىز سالونىمىزدىكى تورداشلارغا ۋەكالىتەن بۇ ھارماس قەلەم ئىگىسىنىڭ تىنىگە ساقلىق، ئائىلىسىگە بەخت، خاتىرجەملىك، ئىجادىيىتىگە بەرىكەت، خىزمىتىگە نەتىجە تىلەيمىز!
[align=center][color=#0000ff]يوللىغۇچى: قاراقاش ناھىيە كۇيا يېزا پاۋان كەنتە 4 - مەھەللە 9 - قورودا![/color][/align] |
|