ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> ئەدىپلەر ئارخىپى >> تونۇلىۋاتقان ياش شائىر،يازغۇچى ،خەتتات ۋە ھەيكەلتاراش غەنىزات ئۇيغۇرنىڭ تەرجىمھالى
تونۇلىۋاتقان ياش شائىر،يازغۇچى ،خەتتات ۋە ھەيكەلتاراش غەنىزات ئۇيغۇرنىڭ تەرجىمھالى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-10 12:17:34 كۆرۈلۈش سانى : 105
[align=center][size=7][color=#FF0066]تونۇلىۋاتقان ياش شائىر،يازغۇچى ،خەتتات ۋە ھەيكەلتاراش غەنىزات ئۇيغۇرنىڭ تەرجىمھالى[/color][/size][/align][align=center][img]http://pa.images22.51img1.com/6000/turap51/a01dbfedb962479e575d856d50438910.jpg[/img][/align][size=5][color=#0000FF]تونۇلىۋاتقان ياش شائىر،يازغۇچى ،خەتتات ۋە ھەيكەلتاراش غەنىزات ئۇيغۇر 1979-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ يامانيار يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
-2000يىلى 7-ئايدا قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ سىياسىي قانۇن فاكۇلتىتى سىياسىي نەزەرىيە كەسىپىنى پۈتتۈرۈپ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ھازىر ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە رەسساملار(گۈزەل سەنئەتچىلەر) جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
غەنىزات ئۇيغۇر 1989-يىلىدىن باشلاپ مەشىق شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ، 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى «قەشقەر گېزىتى»نىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان «گۈزەللىك ئېلىپ» نامىلىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن.
شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر«تارىم» ژورنىلى، «جوڭگۇ مىللەتلىرى» ژورنىلى، «تەڭرىتاغ» ژورنىلى،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى،«شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى، «تۇرپان» ژورنىلى،«يېڭى قاشتېشى»ژورنىلى،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلى،«قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى قاتارلىق ئەدەبىي ژورناللاردا 280 پارچە شېئىر، نەسىر،ئىلمىي- نەزەرىيەۋىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 10-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات موكاپاتى» ۋە 6-قېتىملىق «يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ باھالاش ھەيئىتى بولغان.
شائىر غەنىزات ئۇيغۇرنىڭ يەنە 100 پارچىدىن ئارتۇق خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ھۆسىنخەت، ماي بوياق رەسىم ۋە ھەيكەلتاراشلىق ئەسەرلىرى ھەر دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە قويۇلۇپ مۇكاپاتلانغان.«شائىرلار مۇنداق دەيدۇ » قاتارلىق بىر قىسىم كىتابلارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
شائىر غەنىزات ئۇيغۇرئەدەبىياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە دىگۈدەك قەلەم تەۋەتكەن تېرىشچان ئاپتور بولۇپ،ئۇنىڭ«نامراتلىق ۋە مۇھەببەت» (ئىككى قىسىم 1995-يىل)،«قىساسكار سۆيگۈ» (-1997يىل) نامىلىق رومانلىرى،« كەچكۈزدىكى نەي ئاۋازى»،«ئاھ شۇم تەقدىر» (1998-يىل)نامىلىق تىلىۋىزىيە سىنارىيلىرى،(2005- يىل)«گۇگۇمدىكى سۆيگۈ» (1999- يىل نامىلىق شېئىرىي رومانى،«پىرومىتى» (10بابلىق)، «پەرىشتىنىڭ جىنايىتى» نامىلىق داستانلىرى، «ئازاب قوڭغۇراقلىرى» نامىلىق نەسىرلەر توپلىمى، «ئوت ئارىلى»،«چېقىلغان روھ» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى،500 پارچىغايېقىن روبائىي-مۇخەممەسلىرى ، 100پارچىغا يېقىن ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ماقالىلىرى، 150پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل نۇسقىدىكى ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى ۋە ماي بوياق رەسىملىرى ھەمدە 30 دانە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەيكىلى كۆرگەزمە قىلىنىش ۋە نەشىر قىلىنىش پۈرسىتىنى كۈتۈپ تۇرماقتا[/color][/size] |
|