بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> ئەدىپلەر ئارخىپى >> مۇنبىرىمىزنىڭ سەركەردىسى ياش شائىر ئابدۇرىشىت ئېلىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

مۇنبىرىمىزنىڭ سەركەردىسى ياش شائىر ئابدۇرىشىت ئېلىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-22 18:46:02    كۆرۈلۈش سانى : 11  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
[align=center][align=center][size=7][color=#FF0066]مۇنبىرىمىزنىڭ سەركەردىسى ياش شائىر ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى[/color][/size][/align][img]http://p9.images22.51img1.com/6000/turap51/9d656c18dc3a8353eb0375c6665a6fb4.jpg[/img] [color=#FF0000]ياش شائىر ئابدۇرىشىت ئېلى[/color] [img]http://pc.images22.51img1.com/6000/raxit1973/c12ad70a33f28a2a12af577bb445f3dc.jpg[/img] [color=#FF0000]سۈرەتتە ئوڭدىن بىرىنچى كىشى مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى، ئىككىنچى كىشى مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم، ئۈچىنچى كىشى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىي، تۆتىنچى كىشى ئابدۇرېشىت ئېلى[/align][/color][size=4][color=#0000FF]ئابدۇرېشىت ئېلى1973- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى لوپ ناھىيىسىنىڭ جىيا يېزىسىدا تۇغۇلغان، 1992- يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن.1994-يىلىدىن 1996- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خوتەن ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىدىكى تىل-ئەدەبىيات سىنىپىدا ئوقۇغان.مەخسۇس كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومدا تىل-ئەدەبىيات، يېزىقچىلىق ۋە كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى، ژۇرناللاردا مۇھەررىر، كوررېكتور بولۇپ ئىشلىگەن. ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1992- يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان » بىر يۈرۈش شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ گېزىتى»... قاتارلىق 20 خىلدىن ئارتۇق گېزىت-ژۇرنالدا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى؛ 40 پارچىغا يېقىن ھېكايە-نەسرلىرى ؛ 50 پارچىغا يېقىن ماقالىلىرى ۋە ئاخبارات ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 10 نەچچە پارچە شېئىرى ۋە ھېكايىسى ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «شېئىر بىر كېسەلدۇر ماڭا چاپلاشقان»، «ئىلاھى دەرەخ»، «مۇنچا ۋە باشقىلار»، «بۈگۈنكى زامان ئادىمى»، «چېچەك پەسلى» قاتارلىق سەككىز پارچە شېئىرى خەنزۇ تىلىغا؛ «ئىچىمدىكى قەشقەر»، «ئۆلۈم» قاتارلىق سەككىز پارچە شېئىرى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. 50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى «قەشقەردىكى يەر شارى»، «سالغا تېشى» (خەنزۇچە كىتاب)، «يۇرۇڭقاش ئۈنچىلىرى»... قاتارلىق بىرلەشمە توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 2007-يىلى قازاقىستاندا چىقىدىغان «مەرىپەت» ناملىق سىلاۋيانچە گېزىتتە 10 نەچچە پارچە شېئىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان. ئابدۇرېشىت ئېلى ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.[/color][/size]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شائىر مۇھەممەد رەھ...
●  پىچىرلاش(كۆكلەمى)
●  پادىشاھنىڭ كىيىمى ...
●  تولۇقچى قوڭغۇزنىڭ ...
●  ئۆمەر مەتنۇرى قۇتي...
●  ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ ...
●  شائىر رەخىم ياسىن ق...
●  شائىرە رىسالەت مەر...
●  باشقۇرغۇچىلارغا تە...
●  شائىر قۇربان ئابلى...
●  شائىرە، ئاتىكەم سى...
●  شائىر  غوجىمۇھەمم...
●  شائىرە چىمەنگۈل ئا...
●  قاراتېكىن يېڭى ھۆس...
●  ئەدەبىيات تەتقىقات...
●  تونۇلىۋاتقان  ياش ...
●  مەرھۇم ھۈسەيىن تاش...
●  يېزىش- كىتاپ ئوقۇشت...
●  مونولوگ...ئەخمەتجان...
●  شائىر، نەسىرچى ۋە ژ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شائىر مۇھەممەد رەھىم
●  پىچىرلاش(كۆكلەمى)
●  پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ...
●  تولۇقچى قوڭغۇزنىڭ ساياھ...
●  ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ...
●  ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ قىسقى...
●  شائىر رەخىم ياسىن قاينا...
●  شائىرە رىسالەت مەرداننى...
●  باشقۇرغۇچىلارغا تەۋسىي...
●  شائىر قۇربان ئابلىمىتنى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى