ئۇلۇغ يازغۇچى مىخائىل شولوخوف

توختى مەھمۇت ئەلائى
20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىياتى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىدى. گوركىي (Максим Горкий 1868~1936) نىڭ «ئانا» رومانى قاتارلىق ئەسەرلەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىغا مۇستەھكەم ئۇل سالدى. ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى جەمئىيىتىدىكى مىسلىسىز ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى. مىخائىل ئالېكساندروۋىچ شولوخوف (Михаил Александрович Шолохов) دەل ئەنە شۇ 20- ئەسىردىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە خېلى تونۇشلۇق بولغان ھەمدە بۈگۈنگە قەدەر يەنىلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالاھىدە دىققەت- ئېتىبارىغا سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ يازغۇچى.
مىخائىل شولوخوف 1905- يىلى 24- ماي روسىيىنىڭ دون (Дон) دەرياسى ۋادىسىدىكى روستوۋسكوي ئوبلاستى (Ростовской области) ۋيېشېنسكىي (Вёшенский) بازىرىنىڭ كرۇژىلىن (Кружилин) كەنتىدە بىر دۇكان خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى 400 نەچچە يىل بۇرۇن دون دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن ريازان كازاكلىرى (Рязанские Казаки) دىن ئىدى. 1911- يىلى شولوخوف ئالتە ياش ۋاقتىدا كرۇژىلىن كەنتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ھاياتىنى باشلىدى. دادىسى ئالېكساندر مىخايلوۋىچ (Александр Михайлович1865~1925) ئىلگىرى تۈگمەن ۋە سودا دۇكىنىنىڭ دىرېكتورى بولغان، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا كىتاب ئوقۇشقا ئامراق كىشى بولۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەتكە دائىر نۇرغۇن گېزىت- ژۇرنال ۋە كىتابلارنىڭ مۇشتىرى ئىدى. ئەنە شۇنداق ئائىلە مۇھىتى شولوخوفتا كىچىكىدىن باشلاپلا ئەدەبىياتقا قىزىقىش ھەۋىسىنى يېتىلدۈردى. 1918- يىلى شولوخوف ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا روسىيىدە ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش يۈز بېرىپ، گېرمانىيىنىڭ مۇداخىلىچى قوشۇنى مەكتەپ ئورۇنلاشقان ناھىيە بازىرىغا قىستاپ كەلگەنلىكتىن، نائىلاج ئوقۇشىنى توختىتىپ ئائىلىسىگە قايتتى. 1920- يىلى دون دەرياسى رايونىدا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شولوخوف ئۆز يۇرتىدا قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىپ، 1921- يىلىغىچە بازارلىق ئىنقىلابىي كومىتېتتا ئىش بېجىرگۈچى، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۇرسىدا ئوقۇتقۇچى، ئىشتىن سىرتقى تىياتىر ئۆمىكىدە سېنارىست ۋە ئارتىس، قوراللىق ئاشلىق يىغىش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولدى. 1922- يىلى كۈزدە ئۆگىنىش ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش مەقسىتىدە موسكۋاغا كېلىپ، قۇرۇلۇش ئەترىتىدە شاگىرت ئىشچى، تامچى ۋە ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدا كاسسىر، بوغالتىر بولۇپ ئىشلىدى. ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرىدىكى مۇشۇنداق ھەر تەرەپلىمە ئىجتىمائىي كەچۈرمىشلىرى شولوخوفنى يېزىقچىلىق بويىچە مول ماتېرىياللارنى توپلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۈچۈن تۇرمۇش جەھەتتىن پۇختا ئاساس سالدى.
1923- يىلى شولوخوف موسكۋادىكى ياش كومسومول يازغۇچى- شائىرلىرىنىڭ ئەدەبىي تەشكىلاتى «ياش گۋاردىيە» ("Молодая Гвардия") گە قاتنىشىپ يېزىقچىلىققا كىرىشتى ھەمدە «سىناق» (фельетон «Испытание»)، «ئۈچ ئادەم» (фельетоны «Три»)، «رېۋىزور» (Фельетоны «Ревизор») قاتارلىق فېليەتونلىرىنى ئېلان قىلدى. 1924- يىلى دېكابردا «ر ئا پ پ» (РАПП— روسىيە پرولېتارىيات يازغۇچىلىرى بىرلەشمىسى) قا ئەزا بولدى ۋە شۇ يىلى تۇنجى ھېكايىسى «ھامىلە مېڭى» ("Родинка") نى ئېلان قىلدى. 1925- يىلى شولوخوف موسكۋادىن دون دەرياسى بويىدىكى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى ھەمدە 1926- يىلى «دون ھېكايىلىرى» ("Донские рассказы") ۋە «كۆك دالا» ("Лазоревая степь") ناملىق پوۋېست - ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇردى.
شولوخوف 1926- يىلىدىن باشلاپ دون كازاكلىرىنىڭ تەقدىر- قىسمەتلىرى بايان قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك رومانى «تىنچ دون» ("Тихий Дон") نى يېزىشقا كىرىشتى ۋە 14 يىللىق جاپالىق ئىجادىي ئەمگىكى ئارقىلىق، تۆت قىسىملىق بۇ يىرىك ئەسەر ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1928-، 1929-، 1933- ۋە 1940- يىلى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 1931- يىلى شولوخوف «ر ئا پ پ» نىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولغان «ئۆكتەبر» (“Октябрь”) نىڭ تەھرىر ھەيئەتلىكىگە تەيىنلەندى، 1932- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىردى. شولوخوف مۇشۇ مەزگىلدە يەنە «ئېچىلغان تىڭ» ("Поднятая целина") ناملىق رومانىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى (1932) ئېلان قىلدى. 1934- يىلى شولوخوف سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتى (Союза писателей СССР) نىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىقىغا، 1939- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە (Академик АН СССР) سايلاندع.
ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە (1941-1945- يىللار)، شولوخوف يەنە قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىپ، ئالدىنقى سەپتە پولكوۋنىك دەرىجىلىك ھەربىي مۇخبىر بولۇپ، «دون دەرياسى بويىدا» (-"На Дону"1941)، «كازاكلار» ("Казаки"-1941)، «ئەسرگە چۈشكەنلەر» ("На юге") قاتارلىق نۇرغۇن سىياسىي ئوبزور، ئوچېرك ۋە ئەدەبىي خاتىرىلەرنى ئېلان قىلغاندىن باشقا، يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئارمىيە- خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى جەريانىدا نامايان قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىكى ۋە قەھرىمانانە پىداكارلىق روھى مەدھىيىلەنگەن «ئۆچمەنلىكنى ئۆگىنىۋالايلى» (1942 "Наука ненависти") ناملىق ھېكايىسىنى ۋە «ئۇلار ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەشمەكتە» ("Они сражались за Родину") ناملىق رومانىنىڭ قىسمەن بابلىرىنى ئېلان قىلدى (بۇ روماننىڭ ئاخىرى تاماملانمىغان). 1945- يىلى سېنتەبردە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شولوخوفنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ئۈچۈن، ئۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى ئوردېنى بىلەن تارتۇقلىدى.
شولوخوف 1952- يىلى دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى. 1956- يىلى شولوخوف ئىجادىيەت ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە يازغان ھېكايىسى «بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى» ("Судьба человека") نى ئېلان قىلىپ زور تەسىر قوزغىدى. 1956- يىلىدىن 1960- يىلىغىچە شولوخوفنىڭ سەككىز توملۇق ئەسەرلەر توپلىمى سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 1959- يىلى شولوخوف شۇ چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى نىكىتا خرۇششېف (Никита Сергеевич Хрущёв) قا ھەمراھ بولۇپ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى ھەمدە 1961- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتىنىڭ ۋەكىللىكىگە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتى سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارلىقىغا سايلاندى. 1965- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شولوخوفنىڭ 60 ياشقا تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭغا لېنىن ئوردېنى (орденами Ленина) بەردى. يەنە شۇ يىلى كۈزدە شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى شولوخوفنىڭ «ئۇلۇغ سەنئەتكارغا خاس ئىجادىيەت تالانتى ۋە جاسارىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ دون ۋادىسى ھەققىدىكى ئىپىك تەسۋىرلىرىدە روسىيە خەلقىنىڭ بىر تارىخىي دەۋرىنى بەدىئىي كۈچ ۋە ھەقىقىي ئىجادكارلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكى» دەك ئىجادىي تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا شۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بەردى. 1975- يىلى 70 ياشقا تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شولوخوفقا «سوتسىيالىستىك ئەمگەك قەھرىمانى» (Герой Социалистического Труда 1975) دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.
ھازىرقى زامان دۇنيا ئەدەبىياتى گۈلزارلىقىدىكى كەڭ تەسىرگە ئىگە ئۇلۇغ يازغۇچى، دون كازاكلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى مىخائىل شولوخوف 1984- يىلى 21- فېۋرال سائەت بىردىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆزىنىڭ 61 يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دون دەرياسى بويىغا جايلاشقان ۋيېشېنسكىي بازىرىدىكى كونا ئۆيىدە 79 يېشىدا ۋاپات بولدى.
سان جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شولوخوف تېخى ئەسەرلىرى ئەڭ كۆپ بولغان يازغۇچىلاردىن ئەمەس. 1923- يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىيات مۇنبىرىگە قەدەم قويغان بۇ يازغۇچى، پۈتكۈل ئەدەبىي ھاياتىدا جەمئىي 27 پوۋېست، ھېكايە ۋە فېليەتون، ئۈچ رومان (بىرى تاماملانمىغان)، 70 تىن ئارتۇق ئوچېرك، تەقرىز، 413 پارچە خەت- چەك ۋە كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ قالدۇرغان. روسىيىدە 2005- يىلىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، بۇ كازاك يازغۇچىسىنىڭ ئەسەرلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى روسىيىدە ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ 88 مىللەتنىڭ تىلىغا، 60 نەچچە خىل چەت ئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، 1080 قېتىم نەشر قىلىنغان، ئومۇمىي تارقىتىلىش تىراژى 100 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ كىتابخانلىرىنىڭ كۆپ، تەسىرىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنيانىڭ دىققەت- نەزىرىنى قوزغىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
شولوخوفنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇساپىسىنى دەسلەپكى باسقۇچ، ئوتتۇرا باسقۇچ ۋە ئاخىرقى باسقۇچ دېگەن ئۈچ دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
دەسلەپكى باسقۇچ 1923- يىلىدىن 1926- يىلىغىچە بولغان مەزگىل بولۇپ، ئەدىب 1923- يىلى 9- ئايدا «ياشلار گېزىتى» دە تۇنجى ئەسىرى بولغان «سىناق» ناملىق فېليەتونىنى ئېلان قىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. 1924- يىلىنىڭ بېشىدا، يېڭىلا ئۆيلەنگەن شولوخوف خانىمى سۋېتلانا (Светлана Михайловна Шолохова) بىلەن بىللە موسكۋاغا كېلىپ، «ر ئا پ پ» قا ئەزا بولۇپ كىردى. شۇ يىلى 12- ئايدا ئۇ «لېنىنزمچى ياشلار» گېزىتىدە (газете "Молодой ленинец") ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى تۇنجى ھېكايىسى «ھامىلە مېڭى» نى ئېلان قىلدى. ئۆزىدىكى بەدىئىي تالانتنى نامايان قىلىش يولىدىكى بۇ دەسلەپكى سىناق، ياش شولوخوفنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئۆمۈرلۈك تاللىشى قىلىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى ھەمدە ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك جايى موسكۋا بولماستىن، بەلكى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى دون دەرياسى بويىدا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. 1925- يىلى شولوخوف يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى تۇنجى يۇقۇرى دولقۇننى بارلىققا كەلتۈردى. يەنى ئۇنىڭ «تاۋۇزچى»، «پادىچى بالا»، «مۇتتەھەم شۇمتەك»، «جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى»، «ئىككى ئېرى بار ئايال» ناملىق ھېكايىلىرى «كومسومول»، «ئۇچقۇن» ۋە «پروژېكتور» قاتارلىق نۇرغۇن گېزىت- ژۇرناللاردا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان بۇ ياش يازغۇچى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى يىللاردىكى مەشھۇر يازغۇچىسى، «تۆمۈر ئېقىنى» رومانى (роман «Железный поток» 1924) نىڭ ئاپتورى ئالېكساندر سېرافىموۋىچ (Александр Серафимович 1863 - 1949) نىڭ «شولوخوف-سوۋېت ئەدەبىيات مۇنبىرىدە يېڭى پارلىغان چولپان» دەپ تەرىپلىشىگە مۇيەسسەر بولدى.
شولوخوفنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى 1926- يىلى نەشر قىلىنغان «دون ھېكايىلىرى» ("Донские рассказы") ۋە «كۆك دالا» ("Лазоревая степь") ناملىق پوۋېست- ھېكايىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ توپلامدا ئۇنىڭ يىگىرمىگە يېقىن ھېكايىسى بولۇپ، بۇ ھېكايىلەر ئىدىيىۋىي مەزمۇن، بەدىئىي ماھارەت يېقىدىن تەكشى ئەمەس. يازغۇچىنىڭ بۇ باسقۇچتىكى ئەسەرلىرىدە دون دەرياسى رايونىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى بەرپا قىلىش يولىدىكى كۈرەش مەنزىرىسى ئاساسىي خام ماتېرىيال قىلىنغان بولۇپ، ئىخچام ۋە جانلىق تىل، ئاجايىپ- غارايىپ ۋەقەلىك تەپسىلاتلىرى ھەمدە پۇختا بەدىئىي قۇرۇلما ئارقىلىق، ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدە كازاكلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بەرگەن مۇرەككەپ سىنىپىي توقۇنۇشلارنىڭ ئۆتكۈرلىكى ۋە پاجىئەلىكلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ چەكسىز ھاياتىي كۈچى ۋە ئىنقىلابچىلارنىڭ ئېسىل خىسلىتى روشەن تۈس بىلەن ئىپادىلەپ بېرىلگەن. ئىنقىلاب ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىش ھەمدە ئاتا- بالا ۋە قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك جانلىق سۈرەتلەنگەن. مەسىلەن، «ھامىلە مېڭى» ھېكايىسىدە، باسمىچىلار ئاتامانى ئۆزىنىڭ قىزىل ئارمىيىدە سىياسىي يېتەكچى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ «تاۋۇزچى» ھېكايىسىدە، ئاق گۋاردىيە ھەربىي سوتى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ باشلىقى خوتۇنىنىڭ قىزىل ئارمىيىدىن قولغا چۈشكەن بىر ئەسىرگە ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى سېزىپ قېلىپ، ئۇنى شۇ زامان رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىپ جەڭدە يارىلانغان ئاكىسىنى دادىسىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، يەنە ئۆز دادىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. «رەقىب» («Илюха») ھېكايىسىدە، كەمبەغەل دېھقان يېفىم (Ефим) ئەكسىيەتچى كۇلاكلار («кулак»- كازاك بايلىرى) نىڭ رەھىمسىز زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىسىمۇ، باشتىن- ئاخىر ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ، تاكى قۇربان بولغانغا قەدەر سەبدىشىنىڭ: «سەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلسەڭ، سېنىڭ ئىزىڭنى بېسىپ يەنە ئون- يىگىرمىلەپ يېڭى يېفىملار چىققۇسى» دېگەن گېپىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان تولۇق ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
يازغۇچى دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئەسەرلىرىدە كۈتۈلمىگەن ئېپىزوتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھېكايىنى ئىخچام قۇراشتۇرۇپ، پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى روشەن ۋە كۆپ تەرەپلىمە ئېچىپ بەرگەن. يازغۇچىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتا يازغان نۇرغۇن ھېكايىلىرىنىڭ ئورتاق ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇلاردا يازغۇچى ئۆزىنىڭ بىرقەدەر مول تۇرمۇش بىلىمى ۋە مۇئەييەن يېزىقچىلىق ماھارىتىنى ئىپادىلىگەن. ئەسەرلىرىدە گەرچە بايان قىلىۋاتقان ۋەقەلەردىكى دراماتىك توقۇنۇشلارنى تەسۋىرلەشكە زىيادە بېرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق، يەنە بەزى روشەن ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە ئوبرازلارنىمۇ ياراتقان. مەسىلەن، «جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى» ھېكايىسىدىكى رەئىس، «مۇتتەھەم شۇمتەك» ھېكايىسىدىكى مىشكا، «يول» ھېكايىسىدىكى «ئالېكساندرⅣ» دېگەندەك، ۋەھاكازا. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، يازغۇچى يۇقۇرىقى ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە تىپىك ئوبراز يارىتىش ماھارىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجادىيەتتە ئۈنۈم قوغلىشىشقا بېرىلىپ كېتىپ، ۋەقەلىكلەرنى ئاجايىپ- غارايىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، تىل جەھەتتە دىئالېكت سۆزلىرىنى كەلسە- كەلمەس ئىشلىتىپ سۆز ئويۇنى قىلىشتەك نۇقسانلاردىنمۇ خالىي بولالمىغان.
ئوتتۇرا باسقۇچ 1926- يىلىدىن 1940- يىلىغىچە بولغان مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە بۇ شولوخوفنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىشىگە ئاساس سېلىنغان باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. 1926- يىلى كۈزدىن باشلاپ شولوخوف «تىنچ دون» رومانىنى يېزىشقا كىرىشتى. 1927- يىلى ئۇ ئائىلىسى بويىچە ۋيېشېنسكىي بازىرىغا كۆچۈپ كەلدى ھەمدە شۇ يىلى كۈزدە «تىنچ دون» رومانىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى يېزىپ پۈتتۈردى. ياش يازغۇچى بىر خىل دىلىغۇللۇق كەيپىياتى ئىچىدە رومان ئورىگىنالىنى دۆلەت ئەدەبىيات نەشرىياتىغا ئەۋەتىپ بەردى. بىراق، ئەسەر نەشرىيات تەرىپىدىن «كازاكلار بېزەپ كۆرسىتىلىپ، كۆككە كۆتۈرۈلگەن» دېگەن سەۋەب بىلەن قايتۇرۇۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە كىتاب ئورىگىنالىنى ئەينى ۋاقىتلاردا ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە ئەدەبىي ژۇرنال «ئۆكتەبر»گە ئەۋەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا رەھىمسىزلەرچە رەت قىلىندى. لېكىن، ئۇنىڭ بەختىگە يارىشا شۇ ۋاقىتلاردا «ئۆكتەبر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان سېرافىموۋىچ رومان ئورىگىنالىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ئىختىلاپلىرىنى بېسىقتۇرۇپ، بۇ ئەسەرنى ژۇرنالدا تولۇق بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى ھەمدە شولوخوف ھەققىدە ئالدىن بىشارەت بېرىپ: «بىر يىلدىن كېيىن پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقى، ئىككى يىلدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا ئۇنى بىلىپ كېتىدۇ!» دېدى.
دەل مۇشۇ پېشقەدەم يازغۇچىنىڭ كۈچلۈك تەۋىسىيىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، بىر ئەدەبىيات تالانتى بايقىلىپ، كېيىنكى كۈنلەردە جاھان ئەھلىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن بىر مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەر كۆمۈلۈپ قېلىش تەقدىرىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى. 1928- يىلىنىڭ بېشىدا، «ئۆكتەبر» ژۇرنىلى «تىنچ دون» رومانىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى بىر قانچە سانغا بۆلۈپ ئېلان قىلىشقا باشلىدى، 5- ئايدىن باشلاپ ئىككىنچى قىسمىمۇ ئۇلاپ بېسىلدى. شۇ يىلى 6- ئايدا موسكۋا ئىشچىلار نەشرىياتى روماننىڭ بىرىنچى قىسىم كىتابىنى نەشر قىلدى. 1933- يىلى ۋە 1940- يىلى يەنە روماننىڭ ئۈچىنچى، تۆتىنچى قىسىملىرىمۇ ئارقا- ئارقىدىن نەشردىن چىقتى. «تىنچ دون» رومانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دەرھال دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىر قوزغىغانلىقتىن، پەقەت 1928- ۋە 1929- يىلى ئىككى يىل ئىچىدىلا، موسكۋا ئىشچىلار نەشرىياتى روماننىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئۈچ قېتىم، ئىككىنچى قىسمىنى بەش قېتىم قايتا نەشر قىلدى. ستالىن بۇ ئەسەرنى تەپسىلى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، 1930- يىللىرى شولوخوفنى شەخسەن ئۆزى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇرۇش داۋامىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىۋېلىشىغا ياردەم بەردى ھەمدە 1941- يىلى ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان بىرىنچى دەرىجىلىك ستالىن مۇكاپاتىنى ئۆز قولى بىلەن تەقدىم قىلدى. 1932- يىلى شولوخوف ئۆزىنىڭ ئىككىنچى رومانى «ئېچىلغان تىڭ» نىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئېلان قىلدى.
«تىنچ دون» شولوخوفنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، يازغۇچى بۇ رومانىدا 1912- يىلىدىن 1922- يىلىغىچە بولغان ئون يىل جەريانىدا كۆتۈرۈلگەن ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش (بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشى) ۋە ئىككى قېتىملىق ئىنقىلاب (فېۋرال ئىنقىلابى ۋە ئۆكتەبر ئىنقىلابى) مەزگىلىدىكى زور تارىخىي ۋەقەلەرنى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى قىلىش ھەمدە دون كازاكلىرىنىڭ مۇشۇ ئون يىل ئىچىدىكى ئەنسىز تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، كازاكلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىنسانىي ھېس- تۇيغۇلىرى، كازاكلارنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ۋە كازاكلار مۇرەككەپ تارىخىي بۇرۇلۇش پەيتىدە بېسىپ ئۆتكەن ئەگرى- توقاي يوللار، شۇنداقلا مۇشۇ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شىددەتلىك قايناملىرىغا كىرىپ قالغان باش قەھرىمان گرىگورى مېلېخوف (Григория Мелехова) نىڭ تراگېدىيىلىك تەقدىر- قىسمەتلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. كازاك ئوتتۇرا دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان گرىگورى مېلېخوف باتۇر، قەتئىي، مېھنەتكەش، ئەرك سۆيەر، مۇھەببەتكە سادىق ھەمدە ھەقىقەتنى تېپىش يولىدا پائال ئىزدىنىدىغان خاراكتېرگە ئىگە ئوبراز. ئۇ ئىنقىلاب ۋە ئۇرۇش جەريانىدا، بىر لاگېردىن يەنە بىر لاگېرغا ئاتلىنىپ، ئاتالمىش توغرا چىقىش يولى ئۈستىدە قايتا- قايتا ئىزدىنىدۇ. ئۇ ئۆزى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ جىددىي ئېقىنى ئىچىدە، تۈرلۈك ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ۋەكىللىك شەخسلىرى، مەيلى ئۇ كازاك بولشېۋىك ئىنقىلابچى بولسۇن، ياكى ئاقلار ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى، ئەكسىيەتچى گېنېراللار بولسۇن، ھەممىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ تۇرىدۇ. بىر مەزگىل ئاشۇ دەۋر تارىخىنىڭ ئاچا يولىدا ئارىسالدى بولۇپ، ھەتتا سەرسانلىقتا باسمىچىلار توپىغىمۇ قوشۇلۇپ باقىدۇ، لېكىن ئاخىرى يەنە باسمىچىلاردىن ئادا- جۇدا بولۇپ، ئاللىقاچان سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ بولغان يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ. گرىگورىنىڭ ھايات يولى تىپىك ئۆزگىچىلىككە تولغان بولۇپ، يازغۇچى مانا مۇشۇ ئوبراز ئارقىلىق بىر بۆلۈك كازاكلارنىڭ ئاشۇ تارىخىي شارائىتتا بېسىپ ئۆتكەن ئەگرى- توقاي ھەم مۇشەققەتلىك يوللىرىنى يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلىش جەھەتتىن، يازغۇچى ھەر خىل تارىخىي، سىياسى، ھەربىي، ئىقتىساد، ئەخلاق، دېھقانلار ئامىلى، ئۆزىنىڭ تەقدىرى ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن ناھايىتى ئەپچىل بىرلەشتۈرۈپ، بۇ روماننى ئاشۇ ئۇلۇغ دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ھەم سەلتەنەتلىك، ھەم يېقىملىق تارىخىي داستانغا ئايلاندۇرغان. بۇ روماندىكى كەڭ ۋە ئوبرازلىق كارتىنىلار، ھەيۋىتى جەۋلان قىلىپ تۇرىدىغان مەردانە جاسارەتلەر شۇ چاغدىكى سوۋېت ئەدەبىياتىدا تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى.
ئەگەر «تىنچ دون» نى مەلۇم مەنىدىن تارىخىي رومان دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ ھالدا «ئېچىلغان تىڭ» نى ئەينى چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كوللىكتىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رومان دېيىشكە بولىدۇ. شولوخوفنىڭ ئۆز سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «ئېچىلغان تىڭ» ”پاكىتنىڭ يېڭى ئىزى بويىچە “ يېزىلغان ئەسەردۇر. چۈنكى «ئېچىلغان تىڭ» نىڭ بىرىنچى قىسمى كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كوللىكتىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتى تېخى يۇقۇرى دولقۇندا ئەمەس ئىدى. 1930- يىلى كوممۇنىست داۋىدوف (Давыдов) پارتىيىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن كازاك رايونىنىڭ گرېمياچېم (Гремячем) يېزىسىغا كېلىپ، بۇ يېزىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كەمبەغەل ۋە ياللانما دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە كۇلاكلار («кулак» - كازاك بايلىرى) دىن ھېساب ئېلىپ كولخوز (колхоза) قۇرىدۇ. «ئېچىلغان تىڭ» رومانىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا مانا مۇشۇ ئانچە مۇرەككەپ بولمىغان ۋەقەلىك ئارقىلىق، سوۋېت ئىتتىپاقىدا يەككە دېھقانلارنىڭ بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە سوتسىيالىستىك كوللىكتىپلىشىش يولىغا قاراپ ماڭغان جەريان ئىنتايىن دەل ۋاقتىدا ۋە بىرقەدەر چىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. روماندا سوتسىيالىزم دۈشمەنلىرىنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئېلىپ بارغان غالجىرانە بۇزغۇنچىلىقلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ھالاكىتى ئوبرازلىق ھالدا ئېچىپ تاشلانغان، ئوتتۇرا دېھقان مايداننىكوف (Майданников) نىڭ كوللىكتىپلىشىش جەريانىدىكى غەم- ئەندىشە بىلەن تولغان مۇرەككەپ زىددىيەتلىك ئىچكى دۇنياسى، ئاساسىي قاتلاملاردىكى كوممۇنىست كادىرلارنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىكتىكى خاتالىق ۋە ئۆزىدىكى ئاجىزلىقلار تۈپەيلىدىن، كۈرەش داۋامىدا دۇچ كەلگەن خىلمۇ- خىل قىيىنچىلىقلىرى، شۇنىڭدەك بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ تۈگىتىلىشى، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئەسىرلەر بويى شەكىللەنگەن خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ئىدىيىلىرىدىن قۇتۇلۇپ، سوتسىيالىستىك كوللىكتىپلىشىش يولىغا مېڭىشتىكى مۇرەككەپ روھىي ھالەتلىرى، كازاكلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ- ئادەتلىرى، ئىشق- مۇھەببىتى قاتارلىقلار ۋەقەلىكنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە تەسۋىرلەنگەن. گەرچە بۇ ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەر بىر كازاك كەنتىدىكى زور ئۆزگىرىش بىلەن چەكلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەزمۇنى مول ھەم كامالەتكە يەتكەن. بۇ روماننىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ئۈچۈن 1960- يىللىق لېنىن مۇكاپاتى بېرىلگەن، شۇنداقلا ئۇ يەنە خېلى بىر مەزگىلگىچە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تولۇقلىما دەرسلىك قىلىنغان.
بۇ باسقۇچتا شولوخوف ئانچە تونۇلمىغان بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارىدىن، نامى دۇنياغا مەشھۇر داڭلىق يازغۇچىغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىيات مۇنبىرىدە بىر كىشىلىك مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالدى.
ئاخىرقى باسقۇچ 1941- يىلىدىن يازغۇچىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىل بولۇپ، بۇ شولوخوف ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى يېڭى باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. 1941- يىلى يازدا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا فاشىزمغا قارشى ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، شولوخوف «ھەقىقەت» گېزىتى ("Правде") ۋە «قىزىل يۇلتۇز» گېزىتى ("Красной Звезде") نىڭ فرونت مۇخبىرى سۈپىتىدە جەنۇبىي فرونتتا تۇرۇپ، دەھشەتلىك ئۇرۇش مەنزىرىسى ۋە قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر- جەڭچىلىرىنىڭ قان كېچىپ جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ھەمدە بۇ جەرياندا ئىجادىيەت قىممىتىگە ئىگە نۇرغۇن جانلىق ۋە تەسىرلىك خام ماتېرىياللارنى توپلىدى. فرونتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ «ئۆچمەنلىكنى ئۆگىنىۋالايلى» (1942) ناملىق ھېكايىسىنى ۋە «ئۇلار ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەشمەكتە» (1943 - 1944) ناملىق رومانىنىڭ بىر قانچە بابىنى ئېلان قىلدى. ئۇرۇشتىن كېيىن، شولوخوف يەنە ئەينى ۋاقىتتا توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا، ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى تېما قىلىنغان مەشھۇر ھېكايىسى «بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى» (1956) نى كىتابخانلارغا سۇندى، 1960- يىلى «ئېچىلغان تىڭ» رومانىنىڭ ئىككىنچى قىسمى نەشردىن چىقتى.
«بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى» ناملىق ھېكايە شولوخوفنىڭ مۇشۇ دەۋردە ئىجاد قىلغان داڭلىق ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. يازغۇچى بۇ ئەسىرىدە نامى چىقمىغان ئاددىي بىر سوۋېت ئەمگەكچىسىنى باش قەھرىمان قىلىپ، ئۇنىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىدا ئۇچرىغان بەختسىز سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق، سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ ئېگىلمەس خاراكتېرى ۋە قەھرىمانلىق روھىنى مەدھىيىلەپ، فاشىست تاجاۋۇزچىلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمگەكچىلىرىگە كەلتۈرگەن ئېغىر ۋە ئېچىنىشلىق زىيانلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بىراق، يازغۇچى بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەققانىي خاراكتېرىنى تولۇق ئېتىبارغا ئالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەسەرنىڭ مۇقامى تۆۋەن، ھېسسىياتى ئەلەملىك بولغان. ھېكايىدە باش قەھرىمان سوكولوف (Соколов) نىڭ ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى گۈزەل، بەختلىك ئائىلە تۇرمۇشى بىلەن ئۇرۇشتىن كېيىنكى يىگانىلىق ئىچىدە مۇشەققەت تارتىپ سەرگەردان بولۇپ كەتكەنلىكى روشەن ھالدا سېلىشتۇرما قىلىنىپ، ئۇرۇش بىلەن ئادەمنىڭ «پاجىئەلىك توقۇنۇش»ع كۆپتۈرۈۋېتىلگەن. شولوخوفنىڭ بۇنداق تەسۋىرلىشى ئەينى چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى تېما قىلىنغان پروزا ئىجادىيىتىگە تەسىر يەتكۈزگەچكە، ئىلگىر- ئاخىر بولۇپ ئاتالمىش «ئاكوپلاردىكى چىنلىق» يېزىلغان بىر تۈركۈم پوۋېست، رومانلار پەيدا بولغان.
«ئېچىلغان تىڭ» رومانىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا گرېمياچېم (Гремячем) يېزىسىدىكى كولخوزنىڭ مۇستەھكەملىنىش جەريانىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋاستە قىلىنىپ، كوممۇنىست داۋىدوف (Давыдов) قاتارلىقلارنى نەزەر دائىرىسى تار، شەخسىي بەخت- سائادەتكە مەپتۇن بولغان چاكىنا ئادەم قىلىپ تەسۋىرلەپلا قالماستىن، بەلكى كولخوزدىكى ئىككى ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرنى سۇقۇنۇۋالغان سىنىپىي دۈشمەنلەر بىلەن بىر تاياقتا ھەيدىگەن. رومان ئىنتايىن دىلغەشلىك ھېسسىياتتا ئاياقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەمدىلا كوللىكتىپلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان سوتسىيالىستىك يېزىلارنى ئىنتايىن زۇلمەتلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلگۈسى ئىستىقبالىنى تۇتۇق قىلىپ كۆرسەتكەن.
ئىجادىيەت ئۇسلۇبى جەھەتتە، شولوخوف ئۆزىنى «سوتسىيالىستىك رېئالىزمنىڭ تەۋرەنمەس مۇرىدى»، «ئۆز سەنئىتىمنى پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىمەن» دېگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان غەرب ئوبزورچىلىرى تەرىپىدىن «ئەنئەنىچى»لەرگە ياقىدىغان سوۋېت يازغۇچىسى، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. يەنە كېلىپ ئۇ «ئەنئەنىچى» يازغۇچىلار ئىچىدە ئۆزىگە خاس ئايرىم تۇغ تىكلىگۈچى. يۇقۇرىدا ئېيتىلغاندەك، ئۇنىڭ ۋەكىللىككە ئىگە ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىجتىمائىي رېئاللىقتىكى ئەڭ زور تېمىلار يېزىلغان ھەمدە ئۇ بۇ زور تېمىلار ئارقىلىق ئىنقىلاب ۋە ئىنقىلابتىن كېيىنكى سوۋېت تۈزۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشىپ، تارىخىي ھەرىكەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە خەلقنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتىنى ئىپادىلىگەن. يۇقۇرىدا نۇقتىلىق توختىلىپ ئۆتكەن ئۈچ ئەسەرنى بىر- بىرىگە باغلاپ، ئۇنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جەمئىيىتىنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا بېسىپ ئۆتكەن مۈشكۈل ۋە شانلىق مۇساپىسىنىڭ بەدىئىي يىلنامىسى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
شولوخوف ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ جەلپ قىلارلىق ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ چىنلىقىدۇر. ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنى زىددىيەتتىن قاچۇرغان ئەمەس، بەلكى رېئاللىقتىكى خىلمۇ- خىل ۋە ئەڭ مۇرەككەپ- چىگىش مەسىلىلەرگە، مەسىلەن، ئىنقىلابچىلارنىڭ خاتالىقى ۋە ئىنقىلابىي ھاكىمىيەتنىڭ بەزى تراگېدىيىلىك ئامىللىرى قاتارلىقلارغا تاقاشقا جۈرئەت قىلغان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوبزورچىلىرىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ بىر خىل «جىددى چىنلىق». كىشىلەر «تىنچ دون» دىن ئىنقىلاب جەريانىدا كۆرۈلگەن جاپا- مۇشەققەتلەرنىڭ ۋە باش قەھرىماننىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنىڭ ئالدى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈشى ھەم غالجىرانە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇنى يەنە بىر قىسىم بولشېۋىكلار ۋە يەرلىك سوۋېت ھاكىمىيىتىدىكى خاتا سىياسەت ھەم چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەرىكەتتىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ. «ئېچىلغان تىڭ» دا پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارىنىڭ سولچىل خاتالىقى ۋە بۇيرۇقۋازلىقى، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن كولخوز رەئىسىنىڭ بيۇروكراتلىقى ۋە بىپەرۋالىقى كوللىكتىپلىشىش ھەرىكىتىگە دەخلى يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى ئاخىرقى ھېسابتا بۇ ئىككى كوممۇنىستنىمۇ ئۆز ھاياتىدىن ئايرىيدۇ. دۇرۇس، شولوخوف بەزىدە قىسمەن تارىخىي پاكىتلارغا بېرىلىپ كېتىپ، ئىنقىلابتىكى بەزى پاسسىپ تەرەپلەرنى كۆپتۈرۈپ، مەيۈسلۈك كەيپىياتىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ، بۇ بىر جىددى يېتىشسىزلىك. لېكىن ئۇنىڭ رېئاللىققا توغرا قارايدىغان، ئىمكانىيىتىنىڭ بېرىچە تۇرمۇشقا سادىق مۇئامىلە قىلىدىغان پوزىتسىيىسى بولسا، ئۇنى ئۆز ئەسىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ قويۇشتىن خالى قىلغان.
شولوخوف ئىجادىيىتىنىڭ كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلارلىق سېھرىي كۈچى ئۇنىڭ باشتىن- ئاياق خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل پېرسوناژلارنى بىرگە تەسۋىرلىگەنلىكىدە. ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىياتىدا ۋەقە ھېكايىلىرى دەۋر سۈردى. سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ئۇرۇش، ئىنقىلابقا ئوخشاش چوڭ- چوڭ ۋەقەلەر كىشىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولدى. بىراق، بۇ دەۋردىكى يازغۇچىلار يازغان ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل پېرسوناژلار ۋەقەنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈنلا يارىتىلغان ئىدى. شولوخوف: «يازغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئالدى بىلەن زۆرۈر بولىدىغىنى، كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ھەرىكەتنى ئىپادىلەپ بېرىشتىن ئىبارەت» دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ ۋەكىللىككە ئىگە ئەسەرلىرىدە ئوخشاش بولمىغان تارىخىي باسقۇچلاردىكى ئەڭ تەسىرلىك ۋەقەلەر يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ گەۋدىلەندۈرمەكچى بولغىنى ۋەقەلەردىكى ئادەملەر. ۋەقەنىڭ ئۆزى پېرسوناژلار پائالىيىتىدىكى بىر خىل ئىجتىمائىي تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش بولۇپ، ئۇ بۇلارنى ئاددىي، قوپال خەۋەر قىلىش ئۇسۇلى بىلەنلا بايان قىلغان، ئەمما پېرسوناژنى بولسا ئىخلاس بىلەن تۈجۈپىلەپ سۈرەتلىگەن ھەمدە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇلارنىڭ خۇلۇق- مىجەزى، ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئۈجۈر- بۈجۈرىگىچە ئېچىپ كۆرسەتكەن، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، پسىخىكىسى، روھىي ھالىتى، ئەخلاق- پەزىلىتى جەھەتتىكى مۇرەككەپلىكنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شولوخوفنىڭ ھەر بىر ئەسىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى باش قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازلىرى چوڭقۇر، تىپىك ئەھمىيەتكە ۋە نۇرانە ئىندىۋىدۇئاللىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇش سۈپىتىدە ئۇزۇندىن بۇيان مىليونلىغان كىتابخانلارنىڭ قەلبىدە گەۋدىلىنىپ كەلمەكتە.
شولوخوف خەلق ئىچىدىن كەلگەن ھەم ئۇزۇندىن بېرى ئۆز خەلقى بىلەن تۇرمۇشتا بىللە بولۇشتا چىڭ تۇرغان ئۇلۇغ يازغۇچى. ئۇ دون دەرياسى بويىدىكى كازاكلار رايونىدا ئۆسكەن، ئۇ يەردىكى ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بىللە ئىچكى ئۇرۇشقا، يېزا ئىگىلىكىنى كوللىكتىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە، ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ھەتتا دۇنياغا مەشھۇر كاتتا يازغۇچى بولۇپ قالغاندىن كېيىنمۇ، دون دەرياسى بويىغا جايلاشقان ۋيېشېنسكىي بازىرىدىكى كونا ئائىلىسىدە تۇرىۋەرگەن. ئۇ ئۆز خەلقىنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرىنى، ئۇلارنىڭ ئەمگىكى، كۈرىشى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى، كىشىلەرنىڭ مىجەزى، ئۆرپ- ئادەتلىرى، خاراكتېرى ۋە روھىي ھالىتىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنى، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى، دەرت- ئەلىمى، ئۈمىد- ئارزۇسى ۋە غايە- ئىستەكلىرىنى ناھايىتى پىششىق ئىگىلىگەن ھەم چۈشەنگەن. ناۋادا شولوخوفنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە ئاللىقانداق سىر بار دېيىلسە، بۇ سىر دەل مول ۋە ئەمەلىي تۇرمۇش، خالاس.
شولوخوف ھايات ۋاقتىدا كىشىلەر ئۇنى قىزغىن سۆيەتتى، ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنى داۋاملىق ياد ئېتىپ كېلىۋاتىدۇ. مانا بۇ يىل يازغۇچى تۇغۇلغانلىقىغا 100 يىل تولۇش ھارپىسىدا ب د ت مائارىپ، ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى قارار چىقىرىپ، 2005- يىلىنى دۇنيا «شولوخوف يىلى» دەپ جاكارلىدى. بۇ ئۇلۇغ ئەدەبىيات پېشىۋاسىنىڭ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئاجايىپ كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۇ يېزىپ قالدۇرغان دون دەرياسى ھەققىدىكى مەڭگۈلۈك تارىخىي داستان، تا بۈگۈنگە قەدەر يەنىلا سان- ساناقسىز ئوقۇرمەنلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىغا روھىي قۇۋۋەت، ئىلىم تەھسىلىگە رىغبەت- شىجائەت ئاتا قىلىپ كەلگەچكە، كىشىلەرنىڭ ئۇنى كۈيلەپ ئېيتقان ناخشىلىرى بىپايان دون ۋادىسى ئاسمىنىدا ھېلىھەم ياڭرىماقتا. ♣
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
‹1› سۈن مېيلىڭ (孙美玲): «شولوخوف ھەققىدە»، خەنزۇچە «جۇڭخۇا ئوقۇرمەنلىرى گېزىتى» نىڭ 2005- يىلى 21- فېۋرال سانىنىڭ 2- بېتى.
‹2› ما ۋېنيۈەن (马文渊): «شولوخوف ئەسەرلىرى ئومۇمىي توپلىمى تولۇق نەشردىن چىقتى»، خەنزۇچە «خەلق گېزىتى» نىڭ 2000- يىلى 12- ئاۋغۇست سانىنىڭ 10- بېتى.
‹3› «مەشھۇر چەت ئەل يازغۇچىلىرى»، ئۇيغۇرچە. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984- يىل 4- ئاي 1- نەشرى، 1984- يىل 8- ئاي 1- بېسىلىشى، 794- بەت.
‹4› «شولوخوف ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى توغرىسىدا»، ئۇيغۇرچە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1984- يىل 2- سان 170- بەت.
‹5› «تىنچ دون»، ئۇيغۇرچە، رەخمىتۇللا جارى تەرجىمىسى. شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، 1984- يىل 10- ئاي 1- نەشرى 1- بېسىلىشى.
‹6› «ئېچىلغان تىڭ»، خەنزۇچە، جىن رېن تەرجىمىسى (金人译). خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى، 2000- يىل 8- ئاي 1- نەشرى 1- بېسىلىشى.
‹7› لى جېڭرۇڭ(李正荣): « ‹بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى› مۇ ياكى پۈتكۈل روسىيىنىڭ تەقدىرىمۇ» ، خەنزۇچە. «ئۆگىنىش ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 2004- يىلى 25- مارت سانى 2- بەت.
‹8› « Google » ئىزدەش تور بېتىدىكى شولوخوفقا مۇناسىۋەتلىك رۇسچە ماتېرىياللار (كىشى ئىسىملىرى، يەر- جاي ناملىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەر ناملىرى قاتارلىقلار).
ئاپتورى: كورلا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسىدىن توختى مەھمۇت
撰稿:库尔勒市人大常委会办公室 托乎提·买合木提