بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> ئەدىپلەر ئارخىپى >> قايغۇلۇق خەۋەر : تالانتلىق شائىر مۇﻫەممەت خېۋىر ئەپەندى ۋاپات بولدى.

قايغۇلۇق خەۋەر : تالانتلىق شائىر مۇﻫەممەت خېۋىر ئەپەندى ۋاپات بولدى.

يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-29 08:39:18    كۆرۈلۈش سانى : 8  
كىچىك | نورمال | چوڭ             

 

 

قايغۇلۇق خەۋەر

 

بۈگۈن، يەنى 2009 - يىل 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5 تە ئۆزىنىڭ ئويناق، لىرىك غەزەللىرى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيەت ئاسمىنىنى نۇرلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان تالانتلىق شائىرىمىز مۇھەممەت خېۋىر ئەپەندى مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلى سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 54 يېشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.

 مەرھۇم ئۆزىنىڭ سان جەھەتتىن كۆپ، سۈپەت جەھەتتىن يۇقۇرى بولغان پاساھەتلىك غەزەللىرى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈچۈن ئاجايىپ زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. بۈگۈن چۈشتىن باشلاپ، دىيارىمىزدىكى بىرنەچچە قەلەمكەش ئاغىنىلەر شائىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئەندىشىلىك خىياللارنى قىلىپ ئولتۇرۇشقان ئىدۇق، كەچقۇرۇن يەنە سائەت 5 تىن سەل ئۆتكەندە، تۇيۇقسىز ئاغىنىمىز پەرھات كازىمنىڭ يانفونى ئەنسىز سايراپ، شائىرنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى كەلدى. ئولتۇرغانلار ھەممىمىز بۇ خەۋەرگە ئىشەنگۈمىز كەلمەي، روھىمىز چىقىپ كەتكەندەك تۇرۇپلا قالدۇق. بىراق، ئىشەنمەسلىككە ئامال يوق ئىدى، چۈنكى، بىزگە بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى دەل مەرھۇمنىڭ ئۆز ئوغلى يەتكۈزگەن ئىدى.

نە ئامال؟! مۇسىبەت يۈرىكىمىزنى قۇرۇتتەك يېمەكتە ئىدى. ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئوت يۈرەك، تالانتلىق شائىرىدىن ئايرىلدى...شېئىرىيەت ئاسمىنىمىزدىن يەنە بىر يورۇق يۇلتۇز ۋاقىتسىز ساقىدى... ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي!!!



[ بۇ يازما alimjankasim تەرىپىدىن 2009-1-29 0:42:15 تۈزۈتۈپ تەﻫرىرلەندى . ]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شائىر مۇھەممەد رەھ...
●  پىچىرلاش(كۆكلەمى)
●  پادىشاھنىڭ كىيىمى ...
●  تولۇقچى قوڭغۇزنىڭ ...
●  ئۆمەر مەتنۇرى قۇتي...
●  ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ ...
●  شائىر رەخىم ياسىن ق...
●  شائىرە رىسالەت مەر...
●  باشقۇرغۇچىلارغا تە...
●  شائىر قۇربان ئابلى...
●  شائىرە، ئاتىكەم سى...
●  شائىر  غوجىمۇھەمم...
●  شائىرە چىمەنگۈل ئا...
●  قاراتېكىن يېڭى ھۆس...
●  ئەدەبىيات تەتقىقات...
●  تونۇلىۋاتقان  ياش ...
●  مەرھۇم ھۈسەيىن تاش...
●  يېزىش- كىتاپ ئوقۇشت...
●  مونولوگ...ئەخمەتجان...
●  شائىر، نەسىرچى ۋە ژ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شائىر مۇھەممەد رەھىم
●  پىچىرلاش(كۆكلەمى)
●  پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ...
●  تولۇقچى قوڭغۇزنىڭ ساياھ...
●  ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ...
●  ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ قىسقى...
●  شائىر رەخىم ياسىن قاينا...
●  شائىرە رىسالەت مەرداننى...
●  باشقۇرغۇچىلارغا تەۋسىي...
●  شائىر قۇربان ئابلىمىتنى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى