بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> ئەدىپلەر ئارخىپى >> تولستوينىڭ تەرجىمىھالى

تولستوينىڭ تەرجىمىھالى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-11-21 21:22:44    كۆرۈلۈش سانى : 19  
كىچىك | نورمال | چوڭ             

تولستوينىڭ تەرجىمىھالى

 

رومىن روللان(فرانسىيە)

 

1

 

بۇنىڭدىن يۈز يىل مۇقەددەم، بىر ئۇلۇغ روھ روسىيە زېمىنىدا ئاجايىپ رەڭدار نۇرلارنى تاراتتى. تەڭرى ئىنسانلار دۇنياسىغا ئەۋەتكەن بۇ گىگانىت يۇلتۇز 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى قۇيۇق تۇمان ئارىسىدا چاراقلاپ يېنىپ، ياشلىرىمىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى. نۇرغۇن فرانسىيىلىكلەرنىڭ نەزىرىدە تولستوي ھۆرمەتكە سازاۋەر سەنئەتكار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سىرداش دوست. مەنمۇ ئىلگىرى ئاشۇ ياشلارنىڭ بىرى ئىدىم. شۇڭا، مەن ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇمنى مۇقەددەس ئەسلىمىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرەلىسەمكەن دېگەن ئۈمىتتىمەن.

   1886-يىلى بىر مەزگىللىك پىنھان ھالەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، روسىيە سەنئىتىنىڭ جەزبىدار گۈللىرى تۇيۇقسىز فرانسىيە تۇپرىقىدا پەيدا بولدى. تولستوي بىلەن دوستويېۋىسكىي ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرى بارلىق كىتابخانىلاردا تەڭلا پەيدا بولدى ھەمدە تېز سۈرئەتتە سېتىلىشقا باشلىدى. بىر نەچچە ئاي، بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، بزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بارلىق ئۇلۇغ ھېكمەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئەسەرلەر، بىر مىللەتنى، يېپيېڭى بىر دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئەسەرلەر زاھىر بولدى.

ئۇ چاغدا مەن ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتاتتىم، سىنىپىمىزدىكى ساۋاقداشلار نۇرغۇن مەسىلىلەردە دائىم گەپ تالىشىپ قالساقمۇ، بىراق تولستويغا بولغان ھۆرمىتىمىز بىردەك ئىدى. بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا، ئائىلىمىزدە ۋە باشقا ئۆلكىلەردە ئۇ قوزغىغان كۈچلۈك ئەكس ساداغا ئادەمنىڭ بەزىدە ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. بىر قېتىم ممەن يۇرتۇم نىۋىكۇئادا سەنئەت دېگەنگە ئەزەلدىن قىزىقمايدىغان، ئەتراپىدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقىنىغا پەرۋا قىلمايدىغان بىر بۇرژۇئازنىڭ «ئىۋان ئىلئىچنىڭ ئۆلۈمى» توغرىسىدا زوق-شوق بىلەن سۆزلەپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم.

   بىز تولستوينىڭ روسسو، ستېندال قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايتتۇق. ئەمما، ئۇنىڭ ئۇلۇغ سېھرىي كۈچىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىدىيىسىدىن ھاسىل بولغانلىقى شەك-شۈبھىسىز ئىدى. ئىدىيە سەنئەت ساھەسىدە مەلۇم چەك ئىچىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. تولستوينىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇ يەردىكى، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ روھىي بىلەن بېرىكىپ، ئۆزگىچە بىر خىل ھاياتلىق تىنىقىنى ھااسىل قىلغان، روھىيەتنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان بۇ ئاۋاز دەل بىز ئۇزاقتىن بۇيان كۈتۈۋاتقان ئاۋاز ئىدى. ئارىمىزدىكى كۆپىنچە كىشىلەر خۇددى ماڭا ئوخشاش تې ۋوگوئىنىڭ «روسىيە ھېكايىلىرى توغرىسىدا» ناملىق ئەسىرىنى تولستوينىڭ ئەسەرلىرىدىن كېيىن ئوقۇغان ئىدى. ئۇنىڭ مەدىھىيىسى بىزنىڭ قايىللىقىمىزنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى. چۈنكى ئۇ روسىيە ھېكايىلىرىگە ئەدەبىياتشۇناسلىق مەيدانىدا تۇرۇپ باھا بەرگەنىدى. بىراق ئەسەردىن زوقلىنىش بىلەنلا كۇپايە قىلمايتتۇق. بىز شۇ ئەسەرلەر ئىچىدە ياشايتتۇق. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاللىبۇرۇن بىزنىڭ ئەسىرىمىزگە ئايلىنىپ كەتكەن؛ ئۇنىڭ قايناق ھاياتى، قەلبى ۋە ياشلىقى، قىزىقىشى ۋە تېنچلىققا بولغان تەلپۈنۈشى، شۇنداقلا مەدەنىيەتتىكى ئالدامچىلىققا بولغان كۈچلۈك غەزەب-نەپرىتى پۈتۈنلەي بىزنىڭ بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تەبىئەتنىڭ تىنىقى، ئۇنىڭ نامەلۇم كۈچكە بولغان تۇيغۇسى، ئۇنىڭ چەكسىزلىككە بولغان ئېسەنكىرىشى بىزنى «بۇ بىزنىڭ ئەسىرىمىز» دېگەن ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قوياتتى.

 

2

 

بۇ ئەسەرلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئوينىغان رولى «ياش ۋېرتېرنىڭ دەردى»نىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوينىغان رولىدىن قېلىشمايتتى. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا بىزنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىمىز، شان-شەرەپ ۋە قورقۇنچىمىزنىڭ ئەينەن تەسۋېرى ئىدى...بەزى چاكىنا ئادەملەردەك، تولستوي ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن گورۇھۋازلىق قارىشى بويىچە ئۇنىڭغا قاملاشمىغان باھالارنى بېرىپ يۈرۈشنى، ئۆزىمىزنى بۇ تالانت ئىگىسى بىلەن بىر مەزھەپتىكى ئادەم قىلىپ كۆرسىتىشنى تېخىمۇ خىيالىمىزغا كەلتۈرمىدۇق!...تولستوي بىز بىلەن بىر ئېقىمدىكى ئادەم بولسا نېمە بوپتۇ؟ بولمىسا نېمە بوپتۇ؟ دانتې بىلەن شېكېسپېر تاراتقان نۇر ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى يورۇتقان چاغدا، بىز ئۇلارنىڭ قايسى مەزھەپنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇردۇقمۇ؟

ھازىرقى ئوبزورچىلار « ئۆزگىرىشتىن بۇرۇنقى چەم ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى دەپ ئىككى تولستوي بار، بىرى ياخشى، يەنە بىرى ناچار» دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. بۇ خىل قاراشقا بىز ھەرگىز قوشۇلمايمىز. بىزنىڭ قەلبىمىزدە بىرلا تولستوي بار. بىزنىڭ سۆيىدىغىنىمىز بىر پۈتۈن تولستوي. بىز ئىنسانىي تۇيغۇ جەھەتتىمۇ ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئورنى بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

تولستويغا ئوخشاش سەنئەت بىلەن ھاياتنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلەشتۈرەلىگەن ئادەم ناھايىتى ئاز. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تەرجىمىھال تۈسىگە باي بولۇپ، كۈندىلىك خاتىرىسى ۋە ئەدەبىي خاتىرىلىرىدىن بىز ئۇ ياشىغان دۇنيانى چۈشىنەلەيمىز.

تولستوي ئىككى جەمەتنىڭ مىراسخورى بولۇپ، نۇرغۇن مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئېسىلزادە ھەم قەدىمىي جەمەتىنى خېلى يىللار ئىلگىرىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. « ئۇرۇش ۋە تېنچلىق» ناملىق ئەسەردىكى نۇرغۇن تىپىك پېرسۇناژلار ئۇنىڭ جەمەت ئەسلىمىسىدىن كەلگەن. مەسىلەن، ئۇنىڭ ئانا جەمەت بوۋىسى يېكاتىرىنا(2) دەۋرىدىكى قېرى خانزادە ۋوكاننىسكىي بولۇپ، ۋولتېرچە مۇستەبىت ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋەكىلى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ نەۋرە ئىنىسى ئوستېرس  ئۇرۇشىدا يارىلانغان. ئەمما ئامان قالغان. ئۇنىڭ داسىدى نىكولاي روستوف تولستويغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئانىسى، مەلىكە مارىيە چىرايى-تۇرقى كۆرۈمسىز، ئەمما تولىمۇ مۇلايىم ھەم ئاق كۆڭۈل ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»نى تېخىمۇ ئۆزگىچە نۇرانىلىققا ئىگە قىلغان.

ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ئانچە تونۇمايتتى. ئانىسى ئۇ تېخى ئىككى ياشقا كىرمىگەن چاغدىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، تولستوي ئۇنىڭ كۈلۈمسېرەپ تۇرغان چرايىنىلا غۇۋا ئەسلىيەلەيتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ سەمىمىي، ئۆزۈمچىل خاراكتېرى ۋە ھېكايە ئېيتىشقا ماھىر تەبىئىي تالانتىنى تولستويغا ئېرسىيەت قالغان دېيىشكە بولاتتى.

دادىسىنىڭ كۆكسى-قارنى توق، غەمكىن، شۇنداقلا يۇمۇرىستىك ھەمم يېقىملىق سىماسىمۇ ئۇنىڭ خاتىرىسىدە غۇۋا قېپقالغانىدى. دادىسى ئۆلگەن چاغدا تولستوي ئەممدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى قورقۇنچلۇق ھەم ئۈمىدسىز مىنۇتلار ئىدى. كېيىن ئۇ بۇ قورقۇنچ ۋە ئۈمىدسىزلىكنى مەغلۇب قىلىش ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىپ مەدھىيىلەش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

ئۇلار جەمئىي بەش بالا ئىدى؛ لېف نىكولايىۋىچ سېرگىي دېمتېرىي، نىكولاي ۋە بىردىنبىر قىز مارىيە ئاسنايا بولىئانا ( بەزى مەنبەدە ياسنايا پوليانا دەپ كۆرگەن ) دىكى قەدىمىي قورۇقتا ياشايتتى. بۇ بالىلارنىڭ يېنىدا يەنە ئاق كۆڭۈل تاكىيانا ۋە ئالىكساندرا ئىسىملىك ھاممىسىمۇ بار بولۇپ، خرىستىئان دىنىغا چىن قەلبىدىن ئېتىقاد قىلىدىغان بۇ ئىككى ئايال ناھايىتى دىيانەتلىك ئىدى. باشقىلارنى ۋاي دەپلا ئۆتەتتى. ھېچكىمدىن ياردىمىنى ئايىمايتتى. ئۇلارنىڭ ئەدەپلىك ھەم كەمتەر خىسلىتى تولستوينىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ دۇئا-تىلاۋىتى ۋە مېھىر – مۇھەببىتى ئۆسمۈر تولستوينىڭ قەلبىگە ئېتىقاد ئۇرۇقىنى چاچتى. بۇ ئۇرۇقلار كېيىنكى يىللاردا راستتىنلا مېۋە بەردى.

بىز « بالىلىق دەۋرىم»دىن ئۆسمۈر تولستوينىڭ رايىش ھەم سەمىمىي روھىنى، ئۇنىڭ باشقىلارنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى ھەم  شۇنىڭدىن ئۆزىنى بەختلىك دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى، ئەتراپىدىكى بەختسىز كىشىلەر ئۈچۈن ياش تۆككەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. ئۇنىڭ ئۆتكۈر سېزىمچانلىقى، بالدۇر يېتىلگەن كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە توختىماي پىكىر قىلىدىغان ئادىتى ئۇنىڭ تەبىئىي تالانتىنىڭ دەسلەپكى بىخ ھالىتى ۋە كەلگۈسىدە كۆرسىتىدىغان كارامەتلىرىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇ «كىشىلىك ھايات راھەت سۈرۈش ئەمەس، بەلكى جاپالىق بىر مۇساپە» ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم تونۇپ يەتكەندە، ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەنىدى.  بىراق، ئۇ بۇنداق خىيالغا بىراقلا چۆكۈپ كەتمىگەنىدى. ئارىلىقتا ئۇمۇ ھەر خىل روس ئەپسانىلىرىگە، «ئىنجىل» قىسسىلىرىگە مەپتۇن بولۇپ كەتتى. يەنە تېخى « مىڭ بىر كېچە» دىكى ھېكايىلەرگىمۇ ئالاھىدە قىزىقىپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ خلى بىر مەزگىل مومىسىنىڭ ئۆيىدىكى دېرىزە ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئەمالار ئېيتىپ بەرگەن ھېكايە – چۆچەكلەرنى ناھايىتى قىزىقىپ ئاڭلىدى.

 

3

 

ئۇ قازان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئادەتتىكىچىلا ئوقۇدى. « ئۆسمۈرلۈك دەۋرىم»، بولۇپمۇ، «ياشلىق دەۋرىم» دېگەن ئەسىرىدە، ئۆزىنىڭ ئاشۇ مەزگىلدىكى كەچۈرمىشلىرىگە چىن كۆڭلىدىن پۇشايمان قىلدى. ئۇنىڭ روھى يەككە يېگانە-بولسىمۇ، ئەمما، كاللىسى قىزغىنلىق بىلەن تولغان ئىدى. بىرىنچى يىلى، ئۇ « ماڭا ماس كېلىدۇ» دەپ قارىغان ھەر خىل ئىلمى تەلىماتلار بىلەن ئۇچرىشىپ باقتى. ئۆزىنى توختىماي ئانالىز قىلىپ، قەۋەتمۇ قەۋەت ئەقلىي خۇلاسە ئېلىپ باردى. بۇنداق قىلىش ناھايىتى ئاسانلا ئىدىيە بوشلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. « ھەتتا ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن» ئىدى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇ يەنە بۇنى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك مەنبەئە دەپ قارىدى. مۇشۇنداق روھىي پائالىيەت داۋامىدا ئۇ بارلىق ئېتىقادلاردىن مەھرۇم بولدى. ئەڭ بولمىغاندا ئۆزى شۇنداق دەپ ئويلايتتى. ئون ئالتە ياشقا كىرگەندە ئۇ چېركاۋغا دۇئا-تىلاۋەت قىلغىلى بارمايدىغان بولدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئېتىقاد يوقالغان بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ قەلبىنىڭ تېخىمۇ تېرەن جايلىرىغا يوشۇرۇنغان ئىدى.

ئۇ بەزىدە خىيالى تۇيغۇغا ئەسىر بولۇپ كېتەتتى. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ شەخسىي ماشىنىسىنى سېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى نامراتلارغا بۆلۈپ بېرىشنى ھەتتا ئائىلە مۈلكىدىن ئوندىن بىر قىسمىنى ئۇلارغا بېرىۋېتىشنى ھەمدە قايتا خىزمەتكار ياللىماسلىقنى ئويلاشقان... « چۈنكى ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش ئادەم» دەپ قارىغان ئىدى. بىر قېتىم ئاغرىپ قالغان چاغدا، ئۇ بىر پارچە « كىشىلىك ھايات مىزانى» نى يېزىپ چىقتى. بۇ كىتابىدا ئۇ بىر ئادەم بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى. « ئىنسانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشىدە دەپ قارىدى».

ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى قايناق ھېسسىيات ۋە زىيادە غۇرۇرنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇنىڭ مۇكەممەللىككە بولغان ئىنتىلىشى پايدىلىق مەنىلەرگە ئىگە بولدى. ئۇ دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرۇشقا، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشكە بەل باغلىدى. بىراق، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسانغا توختىمايتتى. ئۇنىڭ چىرايى مايمۇننىڭ چىرايىغىلا ئوخشايتتى: يۈزى سوزۇنچاق ھەم مۈدۈر –چوقۇر ئىدى. قىسقا چاچلىرى پىشانىسىنى يېپىپ تۇراتتى. كىچىككىنە ئورا كۆزلىرىدىن بىر خىل سۈرلۈك نۇر چاقنايتتى. بۇرنى يوغان ھەم كەڭ ئىدى. قېلىن كالپۇكلىرى ئالدىغا ساڭگىلاپ چىققان بولۇپ، قۇلاقلىرى سالپاڭ ئىدى. كىچىك چاغلىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق كۆرۈمسىز تۇغۇلۇپ قالغىنىغا قاتتىق ئازابلانغان ھەمدە « راۋۇرۇس بىر ئادەم بولۇش» قا قەسەمياد قىلغانىدى. بۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، «راۋۇرۇش ئادەم بولۇش» ئۈچۈن، ئۇ قىمار ئوينىدى. باشقىلاردىن پۇل قەرز ئالدى. ئۆزىنى بىراقلا ئەركىگە قويىۋەتتى.

بىراق، ئۇنىڭ مۇتلەق سەمىمىيلىكى بۇ ئەيىپلەرنى يېپىپ كەتتى،-مەن ھازىر خۇددى ھايۋاندەك ياشاۋاتىمەن،- دەپ يازغانىدى، ئۇ «كۈندىلىك خاتىرىسى»گە،-مەن ئەسكىرىۋالدىم. ئۇ ئانالىتىك ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنى بىر بىرلەپ تىزىپ چىقتى.

كېيىن، ئۇ ئۇنىۋېرسىتېت ۋە « راۋۇرۇش ئادەم» بولۇش خىيالىدىن زېرىكىپ، يۇرتىدىكى ئېكىنزارلىققا قايتىپ كەلدى، ئاۋام بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلارغا ياردەم قىلدى. ئۇلارنى تەربىيىلىدى. بۇ كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭ « بىر مۆتىۋەرنىڭ سەھىرى» دېگەنگە ئوخشاش دەسلەپكى بىر نەچچە پارچە ئەسىرىدە خېلى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. باش پېرسۇناژغا ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شاھزادە نىخرودوف ئىسمىنى قويغان.

يىگىرمە ياشلىق نىخرودوف ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. بىر يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، دېھقانلارنىڭ پاراۋانلىق خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. بىر يېزىنى زىيارەت قىلىۋاتقان چېغىدا ئۇ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. ھەم كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولىدۇ.

« ئۇ پىئانىنو ئالدىدا ئولتۇراتتى. قوللىرى بولسا پىئانىنو تىللىرىنى ئۆز ئىختىيارىچە باسماقتا ئىدى. ئاددىيغىنا مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئۇنىڭ خىيالى دۇنياسىدا بارغانسېرى روشەنلىشىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ تىل بىلەن تەسۋېرلەپ بەرگىلى بولمايدىغان مەيۈسانە بىر خىل قىزىقىشنى ھېس قىلماقتا ئىدى. ئۇ بايا ئۆزى بىلەن پاراڭلاشقان دېھقانلارنى يەنە ئۇچراتتى. بىر خىل بىۋاسىتە تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، ئۇلارنىڭ تەقدىرنىڭ غايەت زور بېسىمى ئاستىدىكى سەۋرچانلىقى ۋە كەڭ قورساقلىقىنى كۆرۈپ يەتتى.» ئۇلارنىڭ ئائىلىگە بولغان قىزغىنلىقى ۋە كۆيۈمچانلىقى ئۇنى تەسىرلەندۈردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشكە نىسبەتەن نېمىشقا ساداقەتمەن پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدى. دېھقانلارنىڭ جاپالىق، ئەمما ساغلام تۇرمۇشى ئۇنىڭ روھىنى قايتىدىن ئويغىتىشقا باشلىدى...

«نېمىدېگەن گۈزەل!- دەيدۇ ئۇ ئۆز-ئۆزىگە،- مەن نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇلالمايمەن؟» بۇ ئەسەردە تولستوي ئۆزىنى پۈتۈنلەي باش قەھرىمانغا سىڭدۈرۈۋەتكەن، شەخسلەرنى ئۆتكۈر نەزەر بىلەن كۆزەتكەن، بىراق كۆزىنى يۇمغىنىدا، ئۇ يەنە ئىنسانىيەتكە بولغان مۇھەببەتنىڭ خىيالىي دۇنياسىغا غەرق بولغان.

 

4

 

ۋەھالەنكى، 1850-يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە تولستوي نىخرودوفتەك سەۋرچان بولالمىدى، ئاسنايا (ياسنايا) ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۇ خۇددى ئېسىلزادىلەرگە ئوخشاش ئاۋامدىنمۇ زېرىكتى. ئۆزىگە ئۆزى بېكىتكەن مەجبۇرىيەت ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىشكە باشلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، قەرز ئىگىلىرى ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ ئارامىدا قويمىدى. 1851-يىلى ئۇ كافكازغا قېچىپ بېرىپ، ئاكىسى نىكولاي ئوفېتسېر بولۇپ تۇرۇۋاتقان قىسىمنىڭ ئارىسىغا مۆكۈۋالدى.

بۇ يەرنىڭ ساپ تاغ ھاۋاسى ئۇنىڭ ھاياتى كۈچىنى تېزلا ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۇ تەڭرىنى قايتىدىن تېپىۋالدى. يېڭۋاشتىن ئېرىشكەن جىمجىت بەخت ئىچىدە ئۇ تەڭرىنى ياد ئەتتى. قەلبى ھاياجانغا چۆمدى. 1852-يىلى يازغان « ئۆسمۈرلۈك دەۋرىم »، « بىر مۆتىۋەرنىڭ سەھىرى»، « ياشلىق دەۋرىم » ۋە « تاجاۋۇز » ناملىق ئەسەرلىرى ئۇنىڭ شەپقەتلىك تەڭرىگە  بولغان تەشەككۈرىگە ۋەكىللىك قىلدى. ئۇ تەڭرىگە چىن قەلبىدىن ئىخلاس باغلىغان ئاشۇ دەقىقىلەردە، ئىشقى ھەۋەس ئۇنىڭ روھىنى ئوخشاشلا ئەگىپ ئۆتتى. ئىشقى ھەۋەس بىلەن ئىلاھلارغا بولغان ئېتىقاد ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىشىش ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى بىراقلا ئۇرغۇتۇۋەتتى.

 

 

5

 

1851-يىلى كۈزدە تولستوي دىفلىستا «بالىلىق دەۋرىم»نى يېزىشقا باشلىدى. بۇ ئەسەر 1852- يىلى كافكازدىكى پىئادىگىسكىيدا تاماملاندى. بۇ ئەسەرنى يېزىۋاتقان چاغدا  ئۇ ئاغرىق بولغاچقا، قىسىمدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغانىدى. تەنھا ھەم ئازابلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۇ ئۆزىنىڭ خۇشاللىققا، سەبىيلىككە ۋە قايناق شېئىرىي تۇيغۇغا بولغان بالىلىق تۇرمۇشىنى ئەسلىدى. قەلبى ئىللىقلىققا ۋە ئازابقا چۆمدى، نەچچە يىلدىن بۇيانقى مەنىسىز ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرىگە قاتتىق ئېچىندى.

كېيىن، تولستوي بۇ داڭلىق ئەسىرىگە ناھايىتى كەسكىن ۋە سوغۇققان مۇئامىلە تۇتتى. ئەسەرنىڭ ئەسلىي ئورگىنالىنى روسىيىدىكى داڭلىق «زامانداشلار» ژۇرنىلىغا ئەۋەتىپ، تېزلا ئېلان قىلدۇردى ھەمدە پۈتكۈل ياۋروپادا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ناھايىتى تەسىرلىك يېزىلغان بۇ كىتابتىكى ئوقۇرمەنلەرنى ھاياجانغا سالغان تەسىرلىك مەزمۇنلار ئەمەلىيەتتە دەل تولستوينى بىزار قىلغان مەزمۇنلار بولۇپ، ئۇ كېيىنكى ئىجادىيىتىدە ئۇ مەزمۇنلارغا ئامال بار يېقىنلاشماي ئۆتتى.

تولستوي دەسلەپكى چاغلاردا ھەممە ئادەمگە تونۇش ئادەتتىكىچىلا بىر بالا ئىدى. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرى شەكىللىنىشكە باشلىدى. «بالىلىق دەۋرىم»دە ئۇ روھىي بۇرۇقتۇرمىلىق ۋە تەبىئەتكە بولغان كۈچلۈك ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. «بىر مۆتىۋەرنىڭ سەھىرى» دە  بولسا، ئۇنىڭ دادىل ھەمم سەمىمىي كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە مۇھەببەتكە بولغان ئېتىقادى تېخىمۇ روشەن ئەكس ئەتتى. بۇ مەزگىلدىكى ۋەكىللىك ئەسىرى « كافكاز خاتىرىلىرى» ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى مۇھەببەت قارىشىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەپ بەردى. ئۇنىڭ «تاجاۋۇز» ناملىق بىرىنچى بابىدا تەسۋېرلەنگەن ئاجايىب مەنزىرىلەر كىشىنى ھەممىدىن بەك ھاياجانلاندۇرىدۇ. بىر ئېقىننىڭ بويى، قۇياش ھەيۋەتلىك تاغلار ئارىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. كەچتە بولسا قارلىق چوققىلار سۆسۈن رەڭ تۇمانلار ئارىسىدا غايىب بولىدۇ. سۈپسۈزۈك ھاۋادا ئەسكەرلەرنىڭ تەسىرلىك ناخشا ساداسى ياڭراپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسەردە تولستوينىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئىپادىلەنگەن. ئۇ ھەمراھلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى سوغۇققانلىق بىلەن كۆزەتكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاتناشمىغان. ئۇ ئۇرۇشقا مۇنداق خىتاب قىلغان :

« دۇنيا شۇنچىلىك گۈزەل تۇرسا، ئادەملەر نېمىشقا تېنچ، ئارامخۇدا تۇرمۇش كەچۈرمەيدۇ؟ مۇشۇنداق بىپايان يۇلتۇزلۇق ئالەمدە نېمىشقا ئۆچمەنلىك، زەھەرخەندىلىك ۋە ئۆزئارا قىرغىنچىلىق مەۋجۇت بولىدۇ؟»

«كازاك»-ئۇنىڭ مۇشۇ دەۋردىكى ئەڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، ئۇ تولستوينىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى ئەڭ لېرىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تالانتى بۇ ئەسەردە ھەقىقەتەنمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ جارى قىلدۇرۇلغان. كىتابتىكى باش قەھرىمان ئولىنېن تولستويغا ئوخشاشلا كافكازغا بېرىپ، خەتەرلىك ھەم يېڭىۋاشتىن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇ كافكازلىق بىر قىزغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ ھەمدە شۇ سەۋەبتىن قاتمۇقات زىددىيەتلەر ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. دىنىي چەكلىمىلەر ۋە كىشىلىك دۇنيانىڭ ھۇزۇر ھالاۋەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئازابلىنىدۇ. ئاخىردا، بىر خىل تەلۋىلەرچە ناتۇرالىستىك ئىدىيە ئۇنىڭ روھىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ: ھاياتلىقنىڭ ئۆزى گۈزەللىك، ھاياتلىقنىڭ ئۆزى ئالىي بەخت، مۇكەممەل ھاياتلىققا نىسبەتەن «ھايات»نىڭ ئۆزى ئىلاھتۇر. ئۇ ئورماندا نىشاندىن ئادىشىپ قالىدۇ. كۆرۈنمەس جان-جانىۋارلارنىڭ قورشاۋى ئىچىدە ئۇ « تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بىر خىل بەختنى تۇيۇقسىز ھېس قىلىپ قالىدۇ. بالىلىق دەۋرىدىكى ئادىتى بويىچە كرېست بەلگىسىنى سىزىپ، كىملەرگىدۇر تەشەككۇر ئېيتىدۇ.» بۇ يەردە ئۇ بىر رۇسىيىلىك مۆتىۋەر، مۇسكىۋا يۇقىرى تەبىقىسىدىكى زات ياكى كىمنىڭدۇر دوستى ۋە تۇغقىنى بولماستىن، بەلكى پاشىغا، ئەركەك قۇشقا، بۇغىغا، ئەتراپىدا ياشاۋاتقان بارلىق جانلىققىلا ئوخشاش بىر ھايات جىسىمغىلا ئايلىنىپ قالىدۇ.

 

 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شائىر مۇھەممەد رەھ...
●  پىچىرلاش(كۆكلەمى)
●  پادىشاھنىڭ كىيىمى ...
●  تولۇقچى قوڭغۇزنىڭ ...
●  ئۆمەر مەتنۇرى قۇتي...
●  ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ ...
●  شائىر رەخىم ياسىن ق...
●  شائىرە رىسالەت مەر...
●  باشقۇرغۇچىلارغا تە...
●  شائىر قۇربان ئابلى...
●  شائىرە، ئاتىكەم سى...
●  شائىر  غوجىمۇھەمم...
●  شائىرە چىمەنگۈل ئا...
●  قاراتېكىن يېڭى ھۆس...
●  ئەدەبىيات تەتقىقات...
●  تونۇلىۋاتقان  ياش ...
●  مەرھۇم ھۈسەيىن تاش...
●  يېزىش- كىتاپ ئوقۇشت...
●  مونولوگ...ئەخمەتجان...
●  شائىر، نەسىرچى ۋە ژ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شائىر مۇھەممەد رەھىم
●  پىچىرلاش(كۆكلەمى)
●  پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ...
●  تولۇقچى قوڭغۇزنىڭ ساياھ...
●  ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ...
●  ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ قىسقى...
●  شائىر رەخىم ياسىن قاينا...
●  شائىرە رىسالەت مەرداننى...
●  باشقۇرغۇچىلارغا تەۋسىي...
●  شائىر قۇربان ئابلىمىتنى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى