بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> پسىخولوگىيە >> خاراكتېرى ياخشى بالا تەربىيلەشتىكى ئون ئۇسۇل

خاراكتېرى ياخشى بالا تەربىيلەشتىكى ئون ئۇسۇل

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-09 11:59:51    كۆرۈلۈش سانى : 160  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئۇچۇردىن پايدىلىنىش: بالا تەربىيىلەشتە تېلېۋىزور، رادىئو، گېزىت، ژورنال قاتارلىق  زامانىۋى ۋاستىلەردىكى مۇناسىپ ئۇچۇرلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىلسا، ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئاتا - ئانىلار مەكتەپكە بېرىپ تۇرۇش: ئاتا - ئانا مەكتەپكە پات - پات بېرىپ تۇرسا، بالىنڭ ئائىلىدە ئاسان بىلىنمەيدىغان يېتەرسزلىكلىرىنى ۋاقتىدا سىزىۋېلىپ، ئۈنۈملۈك چارە - ئۇسۇللار بىلەن نۇقتىلىق تەربىيىلەشكە پايدىلىق. نىشانغا ئىنتىلدۈرۈش: بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدار ۋە جىسمانىي جەھەتتىن يېتىلىش مەزگىلىدە، بالىدا ئەمگەك ماھارىتىنى پىلانلىق چېنىقتۇرۇپ، باىنى ئىشچان قولى ئەپچىل قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك. گۈزەللىك بىلەن سەتلىكنى پەرق ئەتتۈرۈش: ئاتا - ئانىنىڭ بالىغا كۆيۈنىشى تەبىئىي ئىش، ئەمما بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ياخشى كۆرۈش، كەمچىللىكلىرىنى تۈگىتىش بىلەن بىرگە، بالىنى گۈزەللىك بىلەن سەتلىكنى پەرق ئېتەلەيدىغان، غۇرۇرنى ۋە نومۇسنى بىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك. ئۈلگە ئارقىلىق باشلاش: جەمئىيەتتىكى قەھرىمانلار ۋە مەكتەپتىكى نەمۇنىچىلارنىڭ ئۈلگىلىك ئىش ئىزلىرى ئارقىلىق بالىنى تەربىيىلەشكە ماھىر بولۇش، بالىدا ئۇلۇغۋار ئىستەكنى كىچىكىدىنلا يېتىشتۈرۈش كېرەك. پۇرسەتنى تۇتۇش: بالىغا تەربىيە بېرىشكە پايدىلىق ھەر قانداق پۇرسەتنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش: ئائىلىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى بالىغا تەربىيە بېرىشتە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشى، بالىغا بىللە تەربىيە بېرىشى  لازىم. ئۇنداق قىلمىغاندا، بالا ماسلىشالماي قالىدۇ ھەمدە بالىدا ناچار ئادەتنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ۋاقتىدا تەقدىرلەش: بالا نەتىجە قازانسا ۋە ئالغا باسسا، ئۇنى ۋاقتىدا تەقدىرلەش لازىم، بولۇپمۇ ئارقىدا قالغان بالىنىڭ كىچىككىنە ئارتۇقچىلىقىنىمۇ تۇتۇپ، ئۇنى تېخىمۇ ۋاقتىدا تەقدىرلەش لازىم. بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ۋە غەلبە قازىنىش ئىرادىسىنى چىڭىتىش كېرەك. ئىلھاملاندۇرۇش: بالىنى كاللا ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش لازىم، ئاتا - ئانا بىر سوئال سوراپ، بالىدىن جاۋاپ ئېلىش، ئاندىن بالا سوئال سوراپ، ئاتا - ئانا جاۋاب بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  جىنسى ئاجىزلىققا ئ...
●  ئاياغ چەمى ۋە سالام...
●  كۆز يوغان كىشىلەر ۋ...
●  يۈرەك كېسىلىنىڭ بى...
●  چىرايىدىن سالامەتل...
●  خاراكتېرى ياخشى با...
●  پىيالە تۇتىشىدىن م...
●  ھەرخىل كېسەلگە گىر...
●  100مىليون جۇڭگولۇقت...
●  مەنىلىك ياشاشنىڭ پ...
●  {رەسىم} ماشىنا ئاست...
●  خېرىدارلارنىڭ مەيل...
●  ئەرلەرنىڭ سەمىمىيى...
●  ئاياللارنى چۈشىنىش
●  ئالقاننىڭ رەڭگى ۋە ...
●  چۈش ۋە كېسەللىك
●  خېرىدارلانىڭ مەيلى...
●  تىرناق رەڭگى ۋە سال...
●  < ئانا يۇرت > رومانى ...
●  جىنسى فىزىئولوگىيە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  جىنسى ئاجىزلىققا ئىشلىت...
●  ئاياغ چەمى ۋە سالامەتلى...
●  كۆز يوغان كىشىلەر ۋە ئۇل...
●  يۈرەك كېسىلىنىڭ بىشارەت...
●  چىرايىدىن سالامەتلىكىن...
●  خاراكتېرى ياخشى بالا تە...
●  پىيالە تۇتىشىدىن مىجەز ...
●  ھەرخىل كېسەلگە گىرىپتار...
●  100مىليون جۇڭگولۇقتا نېر...
●  مەنىلىك ياشاشنىڭ پىرىنس...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى