پىيالە تۇتىشىدىن مىجەز خاراكتېرىنى چۈشىنىش
يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-18 12:48:32 كۆرۈلۈش سانى : 214
بىگىز بارماق ۋە ئوتتۇرا بارمىقىدا پىيالە تۇتىدىغان ئەرلەر غەرەز ئۇقىدۇ، ئاقىل كېلىدۇ. ئۇ تەبىئىي ھالدا بىگىز بارماق ۋە ئوتتۇرا بارمىقىدا پىيالە تۇتۇپ ئادەتلەنگەن بولسا، ئۇنى مەۋقەلىك، كۆز قارىشى كۈچلۈك ئادەم دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئەرلەر بىلەن بىرگە بولغاندا، ئۇلارنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش ھەمدە ئۇلاردى ئۆگىنىش لازىم.
باشبارماق ۋە بىگىز بارمىقىدا پىيالە تۇتىدىغان ئەرلەر ئىجتىمائىي ئالاقىدا ماھىر كېلىدۇ. بۇ خىلدىكى ئەرلەر ئادەتتە روھىي جەھەتتىن ئەركىن - ئازادە، مەغرۇر يۈرىدۇ. ئۇلار خۇش - خۇي بولۇپ، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى ياقتۇرىدۇ. كەمچىللىكى شۇكى، ئۇلاردا يېنىكلىك، شاللاقلىق مەۋجۇت.
باشبارماق، بىگىز بارماق، ئوتتۇرا بارماق ۋە نامسىز بارمىقىدا پىيالە تۇتۇپ، چىمچىلاق بارمىقىنى تۈز تۇتىدىغان ئەرلەر گۇمانخور كېلىدۇ. بەزىدە ئۇيقۇسى تولۇق بولمىغان، ھەددىدىن زىيادە ھېرىپ چارچىغان ئەرلەردىمۇ بۇ خىل ھالەت كۆرۈلۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن بۇنداق شەكىلدە پىيالە تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن ئەرلەر گەپ قىلغاندا ئەستايىدىل ئاڭلاش، ئەمما بۇ خىلدىكى ئەرلەرنىڭ نېرۋىسى زىيادە سەزگۈر، كەيپىياتى تۇراقسىز بولىدۇ، بۇ خىلدىكى يىگىتلەر قىزلار بىلەن مۇھەببەتلەشسىلا قىزغىنلىقى تېز ئۇرغۇپ كېتىدۇ، پوزىتسىيىسى ئاكتىپ بولىدۇ |
|