قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ-كۇتۇپخانا-bilqut.com
 

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> لەتىپە-يۇمۇرلار >> قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ


قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ

2008-02-03 13:53:05  ئاپتۇرى :   كېلش مەنبەسى : ئىنتېرنېت  كۆرۈلۈش سانى : 3  خەت چوڭىلقى 【چوڭ 】 【ئوتتۇرا】 【كىچىك
چۈشەندۈرۇلشى : ئەپەندىم رەسسامچىلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەھەللىنىڭ تۇلۇمدەك سەمرىپ كەتكەن ئاچ كۆز بېيى ئەپەندى ...
ئەپەندىم رەسسامچىلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەھەللىنىڭ تۇلۇمدەك سەمرىپ كەتكەن ئاچ كۆز بېيى ئەپەندىمنى چاقىرتىپ:
- ئەپەندىم، ئۆزىڭىزمۇ كامالەتكە يەتكەن كاتتا رەسسام، شۇنداق بولغاندىكىن مېنىڭ چوڭايتىلغان رەسىمىمنى سىزىپ كوچا - كويلارغا چاپلىۋەتمەمسىز؟ - دەپتۇ.
- بولىدۇ، - دەپتۇ ئەپەندىم باينىڭ سۆزىگە رازىمەنلىك بىلدۈرۈپ.
ئەپەندىم ئىككى، ئۈچ كۈن سەرپ قىلىپ، باينىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىقىپ، ئۇنى ئادەملەر كۆپ توپلىنىدىغان كوچا دوقمۇشلىرىغا چاپلاپتۇ. جامائەت ئەپەندىمنىڭ بۇ ھەجۋىي رەسىمىنى كۆرۈپ:
- پاھ! ئاچ كۆز باينىڭ ئۆزى بوپتۇ، ئۇزۇن قۇلاقتىن ئىككىسى سىزىلسىلا چوشقىنىڭ ئۆزىلا بولغۇدەك، - دەپ مازاق قىلىشىپتۇ. شۇ ئەسنادا باي كېلىپ قاپتۇ ۋە رەسىمگە قاراپ ئەپەندىمدىن:
- ئەپەندىم، مۇشۇ مېنىڭ رەسىمىمما؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئەلۋەتتە شۇنداق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم.
- ئەپەندىم، سىزنى كاتتا رەسسام دېسەم، سىزغان رەسىمىڭىز مۇشۇمۇ؟
بۇنى مېنىڭ رەسىمىم دېگەندىن كۆرە، چوشقىنىڭ رەسىمى دېگەن تۈزۈككەن، - دەپتۇ باي ئەپەندىمگە تىكىلىپ قاراپ.
- شۇنداق، - دەپتۇ ئەپەندىم باينى مەسخىرە قىلىپ، - كونىلاردا «قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ» دېگەن گەپ بار. باي بۇنى ئاڭلاپ ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قاپتۇ.

مەسئۇل : Bilqut_K

مەزكۇر ماقالە ئادرېسى :  /KutupXana/article_205.php

مۇناسۋەتلىك ماقالە
 

ئەڭ يېڭى ماقالە

تېخمۇ كۆپ


· پەرق
· ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرى بويىچە چاپ...
· قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چى...
· ئاپام ماڭا مۇشۇنداق دېيىشنى ئۆگە...
· قازان بىلەن بېلىق
· ئۇ مېنىڭ ئوقۇتقۇچىم
· قارا مېكىيان ۋە ئاق مېكىيان
· يېشىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئادە...
· سىزنىڭ گېپىڭىز بويىچە
· نادان يۇرت سورىسا، ئەقىللىق داغد...

تەۋسىيە ماقالە

تېخمۇ كۆپ


· پەرق
· ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرى بويىچە چاپ...
· قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چى...
· ئاپام ماڭا مۇشۇنداق دېيىشنى ئۆگە...
· قازان بىلەن بېلىق
· ئۇ مېنىڭ ئوقۇتقۇچىم
· قارا مېكىيان ۋە ئاق مېكىيان
· يېشىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئادە...
· سىزنىڭ گېپىڭىز بويىچە
· نادان يۇرت سورىسا، ئەقىللىق داغد...

كۆپ كۆرۈلگەن ماقالە

تېخمۇ كۆپ



قوشۇۋېلىڭ بېكىتىمىز بوپتىمۇ ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ بۇغداي سۆزىمىز بار يالغۇزلا ماڭامسىز ئالاقىلىشامسىز شىركىتىمىزگە قاراڭ
  بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە   
新 疆 碧 黎 库 特 电 子 科 技 开 发 有 限 公 司

QQ:  502410794(Bilqut)        250092392(Raziman)

新ICP备07002316